بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىماڭ
قىش پەسلىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بوۋىقىغا سوغوق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن بالىنى ھىم زاكىلايدۇ . بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىغاندا بەدەن تېمپىراتۇرىسى يۈقىرلاپ كېتىپ «قىزىش يىغىندى كېسەللىكى »پەيدا بولىدۇ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە «قىزىش يىغىندى كېسەللىكى »نىڭ ئالامىتى زۇكامغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ ،قىزىش ،قۇسۇش ،ھەتتا تارتىششىپ قېلىش ھۇشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .چۈنكى بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ ئىقتىدارى تېخى يېتىلمىگەن بولغاچقا ،بەش ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ سىرتقى مۇھىت تېمپىراتۇرىسىغا ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر تۆۋەن ،ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشى يۇقىرى ،تەرلەپ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئاستا بولۇپ ئىسسىقلىق ھاسىل بولىشى بىلەن تارقىلىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا يۇقىرى تېمپىراتۇرا پەيدا قىلىدۇ .ئەگەر بوۋاقلار قىزىسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .ئۇنىڭدىن باشقا قىش پەسلىدە بوۋاقلار ئۈچۈن ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ℃22 ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش ،بوۋاقلارغا كۆپ كىيىم كىيدۈرمەسلىك كېرەك .
بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىدا قان تۇمۇرلار كۆپ بولغاچقا بوۋاقلارنىڭ بېشىنى ئىسسىق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ،ھاۋا ياخشى كۈنلەردە بوۋاقنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ شامالدىتىپ تۇرۇش كېرەك .
|