نورمال بۇرۇندىن چىققان سۇيۇقلۇق رەڭسىز ، سۈزۈك ، ئازراق شىلىمشىق بولۇپ ، بۇرۇن بوشلۇقىنى نەمدەش ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى قوغداش ، مىكروب توسۇش روللىرى بار . ناۋادا بالىلار ئويناش داۋامىدا نەرسىلەرنى بۇرنىغا تىقىۋالسا ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ نەرسىلەر چىرىپ ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ . بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە بالىلارنى دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىشى لازىم .
جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى : بوۋاقلارنىڭ بۇرنىغا بىر نەرسە كىرىپ قالسا ، ھەرگىز بارمىقىڭىز ياكى موچىن بىلەن كوچىلىماڭ ، چۈنكى بۇرۇن بوشلۇقى بەك كىچىك بولغاچقا ، بۇ نەرسىلەر بىلەن قىسىپ بولغۇچە تېخىمۇ ئىچكىرى كىرگۈزۈۋېتىشىڭىز مۇمكىن ياكى بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىڭىز مۇمكىن .
توغرا ئۇسۇل مۇنداق : ئەگەر كىرىپ كەتكىنى يۇمىلاق نەرسە بولسا بالىڭىزغا بارمىقى بىلەن نەرسە يوق بۇرۇن تۆشۈكىنى ئېتىۋېلىپ ، ئاغزىنى چىڭ يۇمۇپ كۈچەپ مىشقىرتىڭ ، ئەگەر بالىڭىز بۇنداق قىلالمىسا ، ئۆزىڭىز بالىڭىزنىڭ نەرسە يوق بۇرۇن تۆشۈكىنى توسۇۋېلىپ ، ئاغزىغا ئاغزىڭىزنى يېقىپ كۈچەپ پۈلەڭ . ئەگە بەك چوڭقۇر كىرىپ كەتكەن ياكى نەرسە بەك چوڭ بولۇپ ، يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن چىقمىسا ، ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىڭ .
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش