پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۇيلىرى
باش بەت

كىچىك بالىلار قىززىپ قالغاندا

يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-08 04:34 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
كىچىك بالىلار قىززىپ قالغاندا ئاتائانىلار بالىسى قىزىتىپ قالغاندا دائىم ھودۇقۇپ كېتىپ نىمە قىلىشىنى

 

كىچىك بالىلار قىززىپ قالغاندا

 

 
 

ئاتائانىلار بالىسى قىزىتىپ قالغاندا دائىم ھودۇقۇپ كېتىپ نىمە قىلىشىنىبىلمەي قالىدۇ. ئۇلاردائىم بالىمىز قىزىتىپ قالسا مىڭىسىگە تەسىرقىلارمىكىن تارتىشىپ قالارمىكىن ياكى تېمپۇراتۇرىسى تېخىمۇئۆرلەپكېتەرمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىشىدۇ.

           ئەمىلىيەتتە كۆپىنچە قىزىىتىشيىنىك ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ ئائىلىدەتوغرا بىر تەرەپ قىلساۋە ئازراق دورا بەرسىلا ئاساسەن چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ.

ئ           ادەتتە بالىلارنىڭ قولتۇقتىن ئۆلچىگەن گىرادۇسى 37.5 تىن ئېشىپ كەتسە قىزىغان بولىدۇ.
كىچىك بالا بار ئۆيدە بىر گىرادۇس بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ . گىرادۇسنىئاساسەنھەممە دورىخانىلاردىن سېتىۋالالايسىز
ئەگەر ئۇنى ئىشلىتىشنى ۋەئوقۇشنى بىلمىسىڭىزسىتىۋالغان چاغدا دورا ساتقۇچىلاردىن ئۈگىتىپ قويۇشنىسورىسىڭىز بولىدۇ.

 

           قىزىغان بالىلارنى ئۆيدە داۋالاش:

1 . قايناقسۇ ئىچكۈزۈڭ. بىر قېتىمدا ئازراق بېرىڭ لىكىنقېتىم سانى قانچەكۆپ بولسا شۇنچە ياخشى . ئەگەر بىر قىىتمدا بەك كۆپ بېرىۋەتسىڭىزقۇسۇۋېتىشىمۇمكىن.

2.  بالىڭىزنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋىتىپبەدىنىنى ئىلمان سۇغا چىلانغان لۆڭگىدە سۈرتۈپبېرىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكىقىزىغان بالىنى ھەرگىز قېلىن كيىندۈرمەڭ. قىلىن كىيىۋالغانبالىنىڭئىسسىقلىقى سىرتقا تارقىلالمايدۇ شۇڭا بالىنىڭگىرادۇسى چۈشمەستىن تېخىمۇقىززىپ كېتىشى مۇمكىن .

3 . ئەگەر بالىنىڭ گىرادۇسى 38.5 تىن ئېشىپكەتسە قىزىتمىنى چۈشۈرىدىغان دورا بېرىڭ.

رايونىمىزدورىخانىلىرىدا كۆپسىتىلىدىغان بالىلارنىڭ قىزىتما دورىلىرى تۆۋەندىكىچە:
رۈي جى چىڭ
瑞芝清rui zhi qing

   تەي نو لىن
泰诺林tai nuo lin
بەي فۇ نىڭ
百服宁bai fu ning
تو ئېن
托恩tuo en
ئەن رۈي كې
安瑞克 an rui ke
تۈي رې شۇەن
退热栓tui re shuan

4. ئەگەر بالىڭىزنىڭ بۇرنى ئاقسا ياكى تولا چۈسكۈرسە زۇكام دورىسى﮲ يۆتەلكۆپ بولسايۆتەل دورىسى بەرسىڭىز بولىدۇ. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بالىلارنىڭزۇكام ۋە يۆتەل دورىلىرىنىدورىخانىدىن ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ.
دورىنىچوقۇم چۈشەندۈرىشى بويىچە ئىشلىتىڭ ﮲ ئەگەر چۈشەندۈرىشىنى چۈشىنەلمىسىڭىزدورائالغاندابالىڭىزنىڭ يېشى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە  قانداقئىشلىتىشنى سورىۋىلىڭياكى دوختۇردىن سوراڭ.

           تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۇلسە بالىلار دوختۇرىغا كۆرۈنۈڭ:

1.    بالىڭىز 3 ئايغا توشمىغانبولسا. ۋاكسىنا ئۇرغاندىن كىيىن يېنىك دەرىجىدە قىزىش بۇنىڭ سىرتىدا.
2.    بالىڭىز سۈت ئەممىسە ياكى تاماق يىمىسە.
3.    گىرادۇسى 39 دىن يۇقىرى بولسا.
4.    بەزلىگەن تەقدىردىمۇ بىئارام بولوپ توختىمىسا.
5.    بالىڭىزنىڭ بىرەر يېرىنى تۇتسىڭىز يىغلىسا.
6.    بالىڭىز بوشاپ كەتسە﮲ مۈگدىسە﮲ ياكى بالىڭىزنى ئۇيقىسىدىن ئويغىتالمىسىڭىز.
7.    بالىڭىزنىڭ بوينى قاتتىق بولۇپ قالسا ياكى قۇسسا.
8.    بالىڭىزنىڭ بەدىنىگە قىزىل نەرسىلەر چىقىپ قالسا﮲ بولۇپمۇ ئۇقىزىللىق بارمىقىڭىز بىلەن باسسىڭىز يوقاپ كەتمىسە.
9.    بالىڭىز نەپەستىن قىينالسا ياكى ھىچنىمىنى يۈتەلمىسە.
10.    بالىنىڭ گەپ قىلغاندىكى ياكى يىغلىغاندىكى ئاۋازى كۆرۈنەرلىكدەرىجىدە ئۆزگەرسە ياكى خىقىراپ قالسا.
11.    بالىڭىز سىيگەندە يىغلىسا ياكى ئاغردى دىسە﮲ كىچىك تەرەت قىتىمسانى ئادەتتىكىدىن كۆپ بولسا.
12.    بالىڭىز بۇرۇن قىززىپ قالغاندا تارتىشىپ قالغان بولسا.

 

مەنبە:تىبابەت تورى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر