بالىلار يېتىپ دۇرا يېسە بولمايدۇ . بالا ئاغرىپ قالسا ئاتا - ئانا بولغۇچىلار تۈرلۈك چارىلەر بىلەن ئۇنى ساقايتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ ، ھەتتا بالىغا بېرىلگەن دورىنىمۇ بالىنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ تۇرۇپ ئىچۈرىدۇ . ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ . بالىغا دورىنى ياتقۇزۇپ تۇرۇپ ئىچۈرگەندە ، دۇرا تابلېتكىسى بالىنىڭ قىزىلئۆڭگىچىدە ئوڭايلا توختاپ قېلىپ ، قىزىلئۆڭگەچ دىۋارىنى غىدىقلايدۇ ھەمدە زەھمىلەندۈرىدۇ ؛ بەزىدە دورىلارنىڭ بەدەنگە شۈمۈرلۈشىنى كېچىكتۈرۈپ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئۇنداقتا ، بالىلارغا دورا ئىچۈرگەندە قايسى خىل ھالەتتە تۇرغۇزۇپ دورا ئىچۈرسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ ئەڭ ياخشىسى بالىلارغا دورىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ ياكى ئولتۇرغۇزۇپ ئىزۈرۈش لازىم . بالىغا دورا ئىچۈرگەندە مەلۇم مىقداردا قايناق سۇ ئىچۈرۈش كىرەك . ئەگەر بالىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولسا ياكى بالا ئوپراتسىيە قىلىنغان بولۇپ ، يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇلدا دورا ئىچۈرۈشكە بولمىسا ، دورىنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ تەڭشەپ ئىچۈرۈش لازىم . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|