باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

تىپىشماق

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-28 02:59:59

‹‹تىپىشماق ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

تۈلكە يولدا كىتىۋىتىپ، ئېيىققا ئۇچراپ قاپتۇ.
ئېيىقنىڭ قولىدا 4 باش سەۋزە بار ئىكەن، مۇغەمبەر تۈلكە ئېيىققا قاراپ:
-ئاداش، مەندىمۇ 2 باش زەۋزە بار، ھەممىنى قوشۇپ شورپا قىلىپ ئىچمەيلىمۇ؟-دەپتۇ.
ئېيىق ماقۇل بوپتۇ. ئۇلار شورپىنى تەييار قىلىپ ئەمدى ئىچەيلى دەپ تۇرشىغا بىر قاقىر ئۇچۇپ كەپتۇ-دە، ئۇلارغا مۇراجەت قىلىپ:
-شورپاڭلارنى مەنمۇ بىللە ئىچەي، 6 دانە بېلىغىم بار، ئۇنى سىلەرگە بەرسەم قانداق؟-دەپتۇ.
ئۇلار ماقۇل بولۇپ، شورپىنى تەپمۇ تەڭ ئۈچ قاچىغا بۆلۈپتۇ-دە، ھەر قايسىسى بىردىن ئىچىپتۇ.
تۈلكە بىلەن ئېيىق ئۇلارنى بۆلىشىۋالماقچى بوپتۇ.
-مېنىڭ سەۋزەم 4 باش، سېنىڭ سەۋزەڭ 2 باش بولغاندىكىن، بېلىقنىمۇ شۇنداق بۆلىشەيلى. سەن 2 دانە ئالغىن، مەن 4 دانىنى ئالاي،-دەپتۇ ئېيىق.
بۇ گەپ تۈلكىگە راسا خوش يېقىپتۇ-دە، شۇنداق بۆلشۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈلكە پۈتۈن ئورمانلىق ئىچىنى ئايلىنىپ، ئۇچرىغانلىكى ھايۋانغا «مەن ئېيىقنى ئالدىدىم» دەپ ماختىنىپتۇ. سىز ئويلاپ بېقىڭ، تۈلكە نېمە ئۈچۇن ئېيىقنى ئالدىدىم دەيدۇ؟ ئۇلار بېلىقنى قانداق بۆلۈشسە توغرا بولاتتى؟

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号