باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

جاستىن بىبېر 

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-17 16:41:41

‹‹جاستىن بىبېر ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

جاستىن. بىبېرنىڭ تەرجىمىھالى


    جاستىن.بىبېر(Justin Bieber)، ئوغۇل، 1994-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى كانادانىڭ ئانتورىيو ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا سەنئەت تالانتى نامايەن بولۇپ 5 يېشىدىن باشلاپ بالىلار   باغچىسى ۋە مەكتىپىدە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. 12ياش ۋاقتىدا، سىترادا ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. دەسلەپتە YouTube دىكى سەنئەتكارلارنىڭ ناخشىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئېيتىپ نام چىقارغان.

جاستىن. بىبېرجاستىن. بىبېر

    جاستىن  پىئانىنو، دۇمباق، گىتتار، سۇناي قاتارلىقلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. دەسلىپىدە ئۇ ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوسلىرىنىڭ ئۆز فىلىمىنى كۆرۈشى ئۈچۈن، 2007-يىلى يىل ئاخىرىسىدا ئاپىسى بىلەن YouTube دا ئۆزىنىڭ تەرجىمە قىلىپ ئېيىتقان ناخشىسىنىڭ فىلىمىنى ئېلان قىلغان، نەتىجىدە ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى ئالقىشقا ئېرىشىپ ئايلىق چېكىلىشى ئەڭ يۇقىرى كۆرۈنۈش بولۇپ قالغان، (بۇ فىلىمنىڭ 2010-يىلى 6-ئايغا قەدەر چېكىلىشى 300 مىلىيۇن قېتىمغا يەتكەن) بۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھايىتى تېزلا تورىتودىكى Rapid Discovery Media  ناملىق شىركەتنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان، بۇشېركەت ئۇنىڭ فىلىمىنى تەھرىرلەپ ۋە كېڭەيتىپ پىلاستىنكىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغۇزغان ۋە تاماشىبىنلار توپلاشقان شەھەرلەردە ئايلانما ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ناخشىچىلىق ھاياتى باشلانغان. نۆۋەتتە جاستىن ئامېرىكا  ئارال  پىلاستىنكا شىركىتى (Island Records) بىلەن توختام ئىمزالاپ ئامېرىكىدىكى گىئورگى شتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

   2009- يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى جاستىن بىبېرنىڭ تۇنجى مەخسۇس پىلاستىنكىسى My world «مېنىڭ دۇنيارىم»نىڭ بىرىنچى بۆلىمى تارقىتىلغان. بۇ پىلاستىنكا تارقىتىلىپ بەشىنچى ھەپتىسى ئامېرىكىدا سېتىلىشى 522 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ كەتكەن. مەخسۇس پىلاستىنكىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىمى 2010-يىلى3-ئاينىڭ 23-كۈنى تارقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىلاستىنكىنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولغانلىقتىن، جاستىن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 12- كۈنى MYworld «مېنىڭ  دۇنيارىم»نىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تارقىتىپ شىركەتكە 700مىلىيۇن دوللار كىرىم يارىتىپ بەردى ۋە ئۆز يېشىغا نىسبەتەن ئەڭ يۇقىرى ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقان ياش دۇنياۋى چولپان بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە جاستىن ئامېرىكىدىكى ئەر چولپانلار ئىچىدە پەسىللىك پىلاستىنكا سېتىش چىمپىيونى.


    شەخسىي ماتىرىيالى:
   ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئۇسلۇبى: R&B، دىسكو مۇزىكىسى، Teen-Pop، HipHop ،RAP؛
   ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكارلىرى: Beyonce، Michael Jackson، Taylor Swift، Rihanna ، Britney Spers، T-boe، Lifehose، Ne-Yo، Chris Bown، Justin Timberlake 
   ياخشى كۆرىدىغان رەڭ :كۆك رەڭ، بىنەپشە رەڭ؛
  قىزىقىشى: مۇزىكا، غالتەكلىك تاختاي ئويناش؛
  ئالاھىدىلىكى: ئىجادىيەت، ئۇسسۇل ئويناش، گىتتار، دۇمباق،  پىئانىنو، سۇناي چىلىش؛
  ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: ئىتالىيە چۆپى، جۇڭگوچە تاماق؛
  ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكىتى: خوككىي توپىھ، گولف توپ، ۋاسكىتبول، پۇتپول، ۋىلىسپىت مىنىش، دولقۇن تىيىلىش قاتارلىقلار؛
  ياخشى كۆرىدىغان بايرىمى: روژدىستىۋا بايرىمى؛


   


بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号