خەلىقىمىزنىڭ ھاياتىدا چوڭ_چوڭ گۇناھلارنىڭ ھەممسىىى گۇناھ، ھارام دەپ قارىلانسمۇ، يەنە ناھايتى كۆپ ئۇششاق گۇناھلىق ئىشلارنى يامان بولىدۇ. دېيىش ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. يامان بولىدۇ)نىڭ ئىچىكى مەنسىىىىنى چوڭقۇر چۈشەنمىسىىمۇ بۇنڭىغا كىچىك بالىلاردىن باشلاپ چوڭلارغىچە ھەممە ئادەم ئەمەل قىلىدۇ. سۇغا، كۆلگە كىچىك تەرەت قىلىسا يامان بولىدۇ، بوسۇغىدا ئولتۇرسا يامان بولىدۇ، ھەرقانداق ئىشىنى ئوڭدىن باشلىمىسا يامان بولىدۇ، ئاشلىقىنى خارلسا يامان بولىدۇ، ناننى ئۇۋۇىسا يامان بولىدۇ، ھايۋاننى خارلىسا يامان بولىدۇ، يالغان سۆزلسە يامان بولىدۇ، تارازدا كەم بەرسە يامان بولىدۇ، ئاسمانغا تۈكۈرسە يامان بولىدۇ، ئاچقۇچ ئوينىسا يامان بولىدۇ، كىشلەرنىڭ ئۆينى مارسىا يامان بولىدۇ، يۈزىنى مۇتاپ، ئاھ ئۇرۇپ يغىلىسا يامان بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن_نۇرغۇن يامان بولىدۇلارنىڭ تىزگىنىلىشىى بىلەن كىشلەر يۇقىرىقىدەك ئىشىلارنى قىلىشىتىن ئۆزىنى تارتىدۇ، ئۇنداق ئىش قىلىشىنى ئەقىدە_ئېتىقادقا خىلاپلىق قىلىش دەپ بىلىدۇ. ئومۇمەن، يامان بولىدىغان ئىشىلار دائىرىسگە تۇرمۇشىمىزدا يامان ئېلىنىدىغان، باشىقىلارغا ھەم ئۆزىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممسىىىى كىرىدۇ. ئۇنىڭ تېگى_تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ناھايتى قىممەتلىك ھېكمەتنىڭ يۇغۇرلغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمىكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ يامان بولىدۇ دېگەن يوسۇنلىرى بىر ئابستىراكت قانۇن، ئۇ ھەممە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن.