نان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، كەڭ تارقالغان، تۈرى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ھەر بىر نانغا ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ، نان ئۇيغۇرلار ئەقىل -پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. چۈنكى ناۋايچىلىق كوللېكتىپ ئەمگەكنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى قەدىمىيلىكنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمال ئېڭى، مۇھىت ئېڭى، ئىپتىدائىي چۈشەنچە ئېڭى قاتارلىق كۆپ خىل ئاڭ چۈشەنچىسى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇلار ئۆزئارا زىچ گىرەلىشىپ، مۇكەممەل مەدەنىيەت سېستىمىسى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ناھايىتى تەرتىپلىك، ئۇلارنى ئىلگىرى -كېيىن قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. نانغا سېلىنغان قوشۇمچە خۇرۇچلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ناننىڭ شەكلى، خېمىر تەييارلاش ئۇسۇلى، تونۇرغا يېقىش، پىشۇرۇش، ئىستېمال قىلىش جەريانلىرى يەنىلا تەبىئىيلىكنى ساقلاپ قالغان. خەلقىمىز نان مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنسىنى يوقاتمىغان مەدەنىيەتتۇر.
ئۇيغۇرلار ناننىڭ خۇرۇچلىرىغا غەيرىي خۇرۇچلارنىڭ ئارىلىشىپ كېلىشىنى قەتئىي خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ناننى ئۇلۇغلاش، باشقىلارنىڭ مەنپەئتى، سالامەتلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئېڭى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر نانلىرىنى ساپ، پاكىز، تەبىئىي ئوزۇقلۇق دېيىشكە بولىدۇ. مەدەنىيەت چۈشەنچىسىدە ئادەمنىڭ ئېڭى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاڭ يۇقىرى بولمىسا ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنىڭ ھازىرقى بازار رىقابىتىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، بازاردا پۇت تىرەپ تۇرغىلى، باشقا رايون، باشقا ئورۇنغا كېڭەيتىكىلى، ناننىڭ ساپ، پاكىز تەبىئىيلىكى، مىللىي خاسلىقىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغىلى، ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىنى نانغا جەلپ قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئېڭىنى سېستىمىلاشقان، قېلىپلاشقان ئاڭ چۈشەنچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر كىيىم -كېچەك، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، ئەدەبىيات- سەنئەت، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز خىلمۇ-خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. لېكىن ناننىڭ تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، تەسىرگە ئۇچرىمىدى، ھەتتا گۈل نەقىشلىرى چىكىلىپ سۈپىتى ياخشىلاندى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ناننىڭ يۈزىگە خىلمۇ -خىل گۈل نەقشىلىرى -چىكىلىپ سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىندى، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى -ئۇلۇغلاش ئېڭىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەللەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ نان ئىستېمال قىلىش ئادىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. قەدىمكى خارابە ۋە قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان نانغا دائىر تېپىلمىلار بۇ پىكىرنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. قەدىمكى دەۋرلەردە ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە گۆشنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان، ئەمما گۆشنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ يېيىشكە، ئېلىپ يۈرۈشكە ئىمكان بولمىغانلىقتىن تۇرمۇشتا قىينالغان. ئۇلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندى كېيىن، ئۆزلىرى يولۇققان بۇ خىل قىيىنچىلىقنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغان. يەنى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۆزلىرى تېرىغان زىرائەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ماس ھالدا پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. نەتىجىدە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ يېيىشكە، ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان چاغدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ناننى ئىجاد قىلغان. دېمەك، ناننىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ناننى گۆش، سۈت، قايماق، ماي قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامدىغان. بىزنىڭ ھازىرقى يۇقىرى ئىستېمالىمىز ئەنە شۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرگەنلىكنىڭ تارىخىي نەتىجىسىدۇر.
تارىختىن بېرى نان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئۇلار يەنە قوي، ئۆچكە، كالا، قوتاز ، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇرلار ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ ئالدىغان ئەڭ ئالدى بىلەن نان ۋە چاي قويىدۇ. تويى بولغان قىز- يىگىتكە تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزىدۇ. ئۆزئارا تۇغقان يوقلاشلاردا ناننى داستىخانغا يۆگەپ ئاپىرىدۇ. قەدىمدە ئۇيغۇرلار ناننى «ئۇلۇغ گۇۋاھچى» دەپ قاراپ قەسەم قىلىشقان. سودا-سېتىقتا «نان تەگسۇن» دېيىش ئارقىلىق، سېتىلغان مالنىڭ قارشى تەرەپكە پايدا يەتكۈزۈشىنى تىلىگەن. سەپەرگە چىققۇچىلارغا نان يوللۇق تۇتۇلغان.
نان ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا تارىختىن بۇيان مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم غىزا بولۇپلا قالماي، يەنە ئىزچىل تۈردە تىجارەت ۋاستىسىمۇ بولغان. يېقىنقى زامانلاردا مەخسۇس كەسپلەشكەن ناۋايلار، نان سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى. ھازىر مەملىكەت ئىچى سىرتىدا ئۇيغۇر نانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
نانغا ئارىلاشتۇرۇلغان خۇرۇچلار ھەر خىل بولۇپ، بۇ ھال ناننىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ. تونۇرغا يېقىلغان نان تەمىنىڭ تاتلىقلىقى، قۇۋۋەتلىكلىكى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر نانلىرى خاسىيەتلىك يېمەكلىك. ئۇ مەيلى كېسەل، مەيلى ساق بولسۇن، ھەرقانداق كىشىگە ماس كېلىدۇ، زىيان قىلمايدۇ. ئۇنى ئۆمۈر بويى يىسىمۇ زېرىكمەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە، ناننىڭ ئادەم ئورگانىزىمىغا پايدىلىق تەرەپلىرى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. ناۋايچىلىق كەسپى توغرىسىدا، ئوزۇقشۇناسلار، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، تارىخشۇناسلار، ئارخېئولوگلار ناننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى، مەدەنىيەت قىممىتى، تارىخىي مەنبەسى، يىل دەۋرى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ خىزمەتلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مۇھىم نامايەندە بولغان ناننىڭ خەلقئارادىكى قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغۇسى.