باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

| شىئىر | ھىكايە | يۇمۇر،كۈلكە چاقچاق | مەشھۇر شەخسلەر | پوۋسىت | ماقالە
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ھىكايە >>

ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 4 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ

 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网      ۋاقىت:2014-03-09 14:02:09

ئون بىرىنجى باب
\"مم\"
كىچىككىنە مۇھەببەت مۇراسىمى ، ئوتلۇق خوشلىشىشلار ... كەچتە بۇرۇنراق قايتىپ كىلىشىڭىزنى كۈتىمەن. ئەگەر ھەشەمەتلىك زاللاردا كەچلىك تاماق، گۈزەل سوۋغىلار بولدىغان بولسا مەن ۋەدە قىلاي.. كۆزۈم بىلەن سۈيۈملۈگۈم قەسر زالىغا قانداق قارايسىز؟ ۋەدىڭىزدىن يىنىۋالماڭ ئۇنىڭدىن ئاددىيسىغا ئۇنىمايمەن-جۇمۇ! ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئۇلاشتى...ئەلۋەتتە بۇ مەزگىللەرد ھىلقى بۇلاڭچى خانىم ياكى قارا كۆڭلەكلىك ئايال -دەپ ئاتايلىمۇ؟ ھاياتىمىزدا ھىلھەم مەۋجۇت ئىدى ، ئەمما ئېرىم باشقا بىرىگە ئاشىق بولىۋاتاتتى، يىڭى بىر ئۇممۇ بەسمەگە...
شۇ كۈنى گۈزەللىك سالۇنىغا بىرىپ چىچىمنى ياساتتىم، تىرنىقىمنى ياساتتىم خىنە قويغۇزدۇم، تېرەمنى تازلاتتىم، ئۆيگە قايتىپ كىلىپ گېرىمنى ئۆزۈم قىلدىم. پۇزۇر ياساندىم،شىركەتكە بىرىپ ئىشلارنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈردۈم. سائەت يەتتە يېرىدا ئۇ ماشىنىسى بىلەن كىلىپ مىنى پەستە كۈتۈپ تۇردى. بۇرۇن كىلىۋالغان بولۇپ
<<چۈشۈك>> ھازىر ئەمەس تېخى ئىشىم تۈگىمىدى << چۈشۈڭ دېگەندىكىن چۈشۈڭ ھىلى بىكار كۆتۈرۈپ ئىلىپ چۈشىمەن>> ۋىييەي نېمە دەيدىغانسىز ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ سەت تۈرىدۇ. << ئەمىسە چۈشۈڭ >> پەقەت ئون مىنۇتلا كۈتۈپ تۈرۈڭ .ئىشىم بولمىسىمۇ قەستەنگە ئون مىنۇتتىن ئارتۇق كىچىكىپ چۈشتىم.
ماشىنىغا چىقىتىم، ئۇنىڭ ئىچى خۇش پۇراقلارغا تولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇخۇرلانغان يىنىك مۇزىكا قويىلىۋاتقان رومانتىك بىر كەيپىيات ئىچىدە يۈرۈپ كەتتۇق، ، كۆزنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ-قاراپ قوياتتى تۇرقۇمغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن، مۇشۇنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى ئۈچرىشىشىمىز ئۈچۈنما؟-دەپ سورىدى ئۇ ماڭا ھەۋەس بىلەن باققاچ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۈگۈن ئىنتايىن موھىم بىر خىرادىرىمىز بىلەن ئۈچرىشىش بولغانتى شىركەتتە شۇڭا ، چوڭ پايدىغا چىتىلدىغان خىرىدار دەڭە ھەممىگە دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ، شۇ ئۈچرىشىشتىنلا چىقتىم. ھە چۈشەندىم.
ئەمەلىيەتتە مەن ھېچقانداق بىر موھىم خىرىدار بىلەن ئۈچراشمىغىنمىمنى نېمە قىلغىنىمنى سىلەر بىلىسىلەرغۇ.

پەقەت مىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسىنىپتۇ -دەپ قالماسلقى چىن تۇيغۇلىرىنى يوققا چېقىرىش ئۈچۈنلا شۇنداق دېدىم، كۆرىنىشكە باردۇق، ماشىنا بىلەن ئايلاندۇق، موكا ئىچكەچ يوللارنى ئايلاندۇق ئۇ پات-پات قولۇمنى مېھىرلىك سىقىپ قوياتتى، مۇھەببەت بىلەن قاراپ قوياتتى،جىق پاراڭلامىدۇق، گەپلىرىگە سۈكۈت بىلەن كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ قاتۇردۇم، ئۇ نىمىشقىكىن بىلمەيمەن سىزدىن ئايرىلغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى-دېدى يەنىلا ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچ بىلەن جىمجىتقىنە كۈلۈپ قويدۇم.
ئۇ سۆزلەيتتى، سۆزلەيتتى، مەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە جور بولۇپ كۈلۈپ بىرەتتىم، ياكى ئىشەنچى بىلەن ئشارەت ئارقىلىقلا جەلىپكار بەدەن تىللىرىم بىلەن سۆزلەيتتىم. دوكتۇر ماڭا مۇشۇنداق ئۆگەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭ يانفۇنىنىڭ ئىكرانى توختىماي يىنىپ -ئۆچۈپ قىلىۋاتاتتى، ئۇ ئاۋازىنى ئىتىۋىتىپ ئالماي قويغان بولسىمۇ توختىماي يىنىۋاتقان تىلفۇن ئىكرانى ئۇنى ئاخىرى ئىلىشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇ مەندىن ئۆزرە سورىغاچ تىلفۇننى ئىلىپ ۋاقىردى ھە نېمە ئىش بولدى؟ نېمە ؟.... ھو ساراڭ!!! مانا مەن ھازىر كىلىمەن.
كەچۈرۈڭ، ىركەتتە جىددىي ئىش چېقىپ قاپتۇ مەن چاقماق تىزلىكتە بېرىشىم كېرەك.ئاچچىقتىن بوغۇلغان ئوڭايسىزلانغان ھالدا مىنى ئوينىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ كىتىپ قالدى. قايتىدىن قاتتىق خورلۇق ۋە ئەلەم ھىس قىلدىم، ئۇنىڭ قىشىدا ئىشلەيدىغان ھازىر مىنىڭ خۇسۇسى جاسۇسىم بولىۋاتقان خىزمەتچىگە تىلفۇن قىلىپ نېمە بولغانلقىن سۈرۈشتۈردۈم. ئۇ روزا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولۇپتۇ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ بەك ئۈزۈن تىلفۇن قىلغان چېغى خۇجايىن ئالماپتۇ شۇڭا...ھە ، رەھمەت قانداق يېڭى خەۋەرلەر بولسا كۈتىمەن.
تىلفۇننى قويۇپ دوكتۇر بىلەن ئالاقىلاشتىم , بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم. ئۇ مەندىن ئۆيدە كىم بار-دەپ سورىدى، ھېچكىم خىزمەتچى بىلەن بالىلار قېيىن ئانامنىڭ ئۆيىدە. نېمە دېگەن ياخشى! ئۆيدىن چېقىپ ئىشىكىنىڭ قىشىدا تۇرۇڭ ئاچقۇچنى بىر يەرگە تىقىۋىتىڭ، ئېرىڭىزنىڭ ئۇ يەرگە يېتىپ بىرىپ بولدىغان ۋاقتىنى مۆلچەرلەپ تۈرۈپ بىر ئاز ۋاقت ئۆتكزۋەتكەندىن كېيى تىلفۇن قىلىڭ،ئۇنڭغا جىنىم خىلى ئۇزۇن بولدى مەن ئىشىك ئالدىدا تۇرىۋاتقىغىلى ئاچقۇنى نەدە قويغىنىمنى تاپالمىدىم، ما كوچىدىن ئۆتىۋاتقان ياشلار قەدەمدە بىر چاقچاق قىلىپ ئوڭايسىزلاندۈرۋاتىدۇ. بۇنداق ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا سىزنى ئاۋارە قىلغۇم يوقتى نېمە قىلىشىمنى زادى بىلمىدىم بۇ يەردە چىرايلىق يىغلاڭ! ئو....كەي! دېگەندەك قىلدىم. ئىشىك ئالدىدا تۇرماي دالدىدا تۇرۇپ تۇرۇڭ ياكى بولمىسا قوشنىمىزنىڭكىگە كىرىپ تۇرۇڭ. قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە ئېرى باركەن ئۇنداق قىلىشىم بەك ئەپسىز، ئۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن، كەچۈرۈڭ نامۇۋاپىق ۋاقىتتا سىزنى ئاۋارە قىلدىم ، بىراق مەن زادى قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم، بۇيەردە شۇنداق بىر يىغلىدىمكى، ئۇ بولدى يىغلىماڭ، خالاس.. ئاللاھ لەنەت قىلسۇن ئۇنىڭ خاتالقىغا!!
مەن ھازىر باراي. ئۇ كەلگەندە ئىنتايىن قايغۇلۇق ھەم ئۇنىڭ كەلگىنىگە بولغان مەمنۇنىيەت بىلەن قاراپ تۇردۇم، ئۇ ئىشىكنى ئىچىپلا كىتىدىغاندەك تىز ئىچىۋاتاتاتتى مەن ئۇنى ئۆيگە تارتتىم، كەچۈرۈڭ مىنىڭ شىركەتتىكى ئىشىم. تېخى.. ئابايىمنى سىلىۋىتىپ بارلىق جەزىبدارلقىم بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنى بۇرۇدۇم ئۇنىڭ ئىغىزىنى قولۇم بىلەن ئىتىپ تۇرۇپ ئاخىرنى دېگۈزمىدىم،ئۇ يەردىكى ئىشلارنى خىزمەتچىڭىز ھەل قىلىۋىتەلەيدۇ ئەمما...
چارچاپ كەتكەندەك تۇرىسىز مەساج قىلىپ قويايمۇ؟ ساراڭ بوپسىزغۇ بۈگۈن.. ئىشقىلىپ ئۆگەنگەن ھەممە سەنئەت- ئېتىكىلار ئاز قاتتى بۈگۈن، مەن ئىلگىرى ئىنتايىن خىجىلچان ئىدىم بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم ئۇنىڭغا تەشەببۇسكار بولۇشىم ئىدى. كۈندەشلىك خورلۇق ماڭا مۇشۇنداق بىر شەكىلگە كېرىشكە كۇچ ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇمىنىڭ ئېرىم، ھەق ھالالىم باشقا ئىش بىلەن كارىم يوق ئۇنى قايتۇرىۋالىمەن، ئاخىرى مەن يىڭىشكە باشلىغان ئىدىم ، ئەمدى ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا تاشلاپ بەرمەيمەن ،ئۇ يىلان بۈگۈن مىنىڭ كونا قۇرالىم، چۈشكىنلىشىش، بوغۇلۇش، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشقا تايانغان ئىدى ، ھا .. ھا ئەجەپ پۇخادىن چىقتىم..ئەڭ موھىمى ئېرىم ئۇخلاپ قالدى ، بۇ مىنىڭ تېخىىمۇ چوڭ غەلبەم بولدى، ئۇنى دوختۇرخانىدا تاشلاپ قويۇپ ئۇخلاپ قالدى... ھا.. ھا. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىۋالماقچى بولغان بىرىنى ئىڭراۋاتقان ھالەتتە دوختۇر كارۋىتىغا تاشلاپ قويۇپ كارۋىتىمدا ئۇخلاپ قالدى. ھا.. ھا، ئۇنىڭغا پەقەت ئىچىم ئاغرىمىدى. ئىككى يىلدىن ئارتۇق كۆز ياشلىرىمنى كۆزۈمدە ئەمەس تومۈرۈمدا ئاققۇزدى ئۇ...نەچچە قىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىشىمغا ئەرزىمەس بىمەنە ئىشلارنى قىلىشىمغا سەۋەب بولدى... غۇرۇرۇمنى پەيخان قىلدى، ئۇ بىگۇناھ باللىرىمغا چىچىلىشىمغا قوپاللىقلىرىمغا سەۋەب بولدى، ئۇنىڭغا كىچىكىنىمۇ ھىسسداشلقىم كەلمىدى، خوپ بولدى تازا! بۈگۈن ماڭا ئەتە ساڭا بۇ ئۆتنە ئالەم! ئاققان ھەربىر كۆز يېشىمنىڭ ھەققىنى تۆلەيسەن! بىگۇناھ باللىرىمنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ ھەققىنى بىرمۇ-بىر تۆلىتىمەن بۇلا ئەمەس تېخى كۆردىغىنىڭ بار قاراپ تۇر!!!!

ئۇقمايمەن ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك ئۆزگەرگىنىمنى، لىكسىيە ،تەربىيە، داۋالىنىش ، كۇرسىلار خاراكتېرىمگە ئاستا-ئاستا چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ مەن بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا ياسالمىلىق ھېس قىلمايتتىم، مەن ئۆزۈم شۇنداقتەك تۇيغۇدا ئىدىم، ئىككى بىسلىق ئايال بولغان ئىدىم نازى بار قەھرى بار. ھەيرانمەن بۇلا ئەمەس ئېرىمگە يىقىنلاشماقچى بولغان ھەر قانداق ئايالنى بىرىپ تاتىلاپ قىما-چىما قىلىۋىتىدىغان ياۋا مۆشۈكتەك بىر تەبىئەت يىتىلىۋاتاتتى. بۇرۇنقىدەك ئاددىي ئايال ئەمەس ئىدىم، بۈگۈندىن باشلاپ رۇخسەت قىلمايمەن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىغا ھېچكىمنىڭ مىنىڭ ئۇنىڭ ئۇستىدىكى ھەققىمدىن مەھرۇم قىلىشقا ھەرگىز
يول قويمايمەن، جىنىمنى تىكىمەن !
\"vv\"
دوكتۇر دائىم شۇنداق دەيتتى، ئۆمرىمىزدا بىرلا ئەر بىلەن توي قىلىمىز، ئۇنىڭ قولىدا بىز ئارزۇ قىلغان مۇھەببەت بىلەن ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز، ئەگەر باشقىلار ئۇنى تارتىۋالسا بىز كىمدىن مۇھەببەت ئىلىپ كىلىمىز؟بىز ئۇلاردەك ؟؟؟؟؟؟؟؟ ئۇسسۇل قوللانمايمىز ، بىزگە بۇ مۇھەببەتتىن باشقىسى كېرەك ئەمەس! ئۇ ئاللاھ بىزگە ھالال قىلغان بىردىنبىر سۆيگۈ! ئەرلىرىمىزنىڭ سۆيگۈسى! شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىمىز! ئېرىنىڭ سۆيگۈسىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئايالنىڭ يوللۇق ھەققىدۇر. دوكتۇر قانداق سەۋەب بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئاجرىشىشقا بەك قارشى ئىدى ئاجرىشىشتىن باشقا ھەرقانداق بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەش كىرەك-دەپلا تۇراتتى.

ئون ئىككىنجى بۆلەك
ئېرىم باشقىچىلا بىر ئەرگە ئوخشاپ قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىۋاتامدۇ ياكى مىنىڭ يېڭى خاراكتېرىمگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ بۇنى بىلىمىدىم. ئۆيگە بۇرۇن قايتىدىغان بولدى، ئەمما مەن بۇرۇنقىدەك كۆزىگە كېرىشىپ ئۇنىڭ بىلەنلا بولىۋالمىدىم ،ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ قەھۋە ئۆز قولۇم بىلەن تەييارلىغان تاتلىق -تۈرمىلەرنى ناھايتى رومانتىك بىزەلگەن ئۇستەل ئۇستىگە قويۇپ قويغىنىمدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتىم. ھەر كۈنى كەچ ياتاق ئۆيۈمنى بۇخۇر-سەندەللەرنى پۇرىتىپ خۇش پۇراققا سىڭدۈرۋىتەەتىم،قىزىل گۈل-ئەتتىرگۈل ھەرخىل خۇش پۇراقلارچىلانغان ۋاننىدا جىمجىت ئولتۇۇرۇپ گۈزەل خىياللار بىلەن نىرۋىلىرىم ئارام تىپىپ قالاتتى، خۇش پۇراققا تولغان ياتاق، گۆپ-گۆپ ئەتتىر ھېدى كىلىپ تۇرغان كارۋىتىم ئۇستىگە ئۆزۈمنى تاشلاپ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شېئىر دىۋانلىرىنى ، روھي ئوزۇق بولدىغان ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن بەنت بولاتتىم. ئۇنىڭ باشقا ئۆيلەردە تىت-تىت بولۇپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىنى سىزىپ تۇراتتىم، بارا-بارا ئۇنىڭدا ئەنسىرەش-خەۋەپسىرەش ئالامەتلىرى كۆرىلىشكە باشلىدى.
-- نېمە ئۈچۈن ماڭا تىلفۇن قىلمايسىز، ماڭا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز، مەن سىزنىڭ ئېرىڭىز ئەمەسمۇ؟
-- ئۆتكەندە تىلفۇن قىلسام بەك قاتتىق ۋارقىرغانتىڭىز، خىزمەت ۋاقتىدا تىلفۇن قىلىپ -دەپ شۇڭا.
-- ھە مەن بىلەن قارشىلىشىۋىتىپسىز-دە؟
-- ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەن ئىدى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولالمىغان بىر ئەھۋال ئاستىدا يەنە بىر مەسىلىگە كىرىشىپ قالغۇم يوق ئىدى. قەدىرلىگىم،- دېدىم مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭغا ھاي بېرىپ، بۇمىنىڭ ھەددىممۇ؟ سىز شۇنچىلىك ياخشى تۇرسىڭىز... سىزنى سۆيىمەن جىنىم ،ھازىر سىزنى بۇرۇنقىدىن بەكراق چۈشىنىمەن ھەم كۆڭۈل بۆلىمەن، چۈنكى مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن ، سىز دېگەندەك ھارغىنلىق چارچاش خىزمەت بېسملىرى ماڭا ئايان شۇڭا سىزنى پەقەتلا ئاۋارە قىلغۇم كەلمەيدۇ، ئايايمەن شۇڭا....
-- كۆزلىرىدە ئۆزىنى ئەيىبلەش تۇيغۇلىرى...
ھاياتىمنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئۆزگىرىش، ئۆزۈمگە بولغان مۇئامىلەمدىن تارتىپ باللىرىم ئېرىمغىچە، چۆرەمدىكىلەرغىچە ...
ئۆزۈمنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان ،سۆيىدىغان ،ئايايدىغان بولدۇم. ئۆزۈمنىڭمۇ ئەڭ يۆكسەك تۇيغۇلارغا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلكىمنى چوڭقۇر چۈشەندىم. ئەتراپىمدىكىلەردىنمۇ ماڭا قانداق ھۆرمەت قىلىشنى چاندۈرماستىن تەلەپ قىلدىغان بولدۇم، باللىرىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر سۆيدۈم، باغرىمغا تېخىمۇ مەھكەم باستىم، ئۇلارنى كىچىڭ ئۇقمايدۇ دېمەستىن يۆكسەك ئىھتىرام ۋە ئىززەت بىلەن مۇئامىلە قىلدىغان بولدۇم، مىنىڭ ئۇلارغا قىلغان مۇئامىلەم تەربىيەم مىنىڭ ئەخلاق - ساپايىمنى دادىسىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا قايتا تېخىمۇ رۇشەن جىلۋىلەندۈرۈپ بىرىدىغان ئەينەك ئىكەنلكىنى ماھىيتىدىن تونۇپ يەتتىم، ئېرىمغىمۇ ئۇنىڭ خوتۇنىدەك مۇئامىلە قىلمىدىم، ئالاھىدە بىر ئايال، ئۇنىڭ بەزىدە سۆيگۈنىگە ئوخشاپ قالسام بەزىدە ئاشنىسىغا بەزىدە يەنە كىملەرگىدۇر ئوخشىدىم، ئۇنىڭدىنمۇ ماڭا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى پەم بىلەن ھېس قىلدۈردۈم، ئۆزۈمنىڭ كۆز- قاراشلىرىمنى ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ تەشۋىق قىلىشنى ، تەسىرگە ئۈچرىتىشنى ئۆگەندىم. ئۈنسىز ئەمەلىي ھەركەتلىرىم بىلەن ھەممە تەرەپلەردە ئۆزۈمنى ئۇ خوتۇندىنمۇدىنمۇ ئەۋزەل ئۇنىڭدىنمۇ قالتىس ئىكەنلكىمنى ھېسى قىلدۇرسام،ئۇنىڭغا بىۋاستە بولمىغان گەپ سۆزلەر، سۆھبەت، سۇئاللار دېگەندەك ئېتىكا- ۋاستىلەر ئارقىلىق ئاستا-ئاستا چاندۈرماستىن ئاشنىدارچىلىق- خىيانەت ئىشلارنى قىلدىغان ئەر-ئاياللارنىڭ پەقەت تەربىيە كۆرمىگەن ، ئەقىدىسىز ناھايتى پۇچەك - چاكىنا كىشلەر ئىكەنلكىنى ھەقىقى مۇكەممەل ئەركەكلەرنىڭ، ئىپپەتلىك ئىشەنچىلىك تەربىيلىك ئاياللارنىڭ بۇنداق يولغا ئەسلا ماڭمايدىغىنىنى مىڭىسىگە قۇيىۋەردىم.
باللىرىم شىركەتتىكى خىزمەتچى ئاياللارنىڭ باللىرى بىلەن ئوينىغاچ كۆز ئالدىمدىلا بولغاچ ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرماي كۆپىنچە ۋاقتىمنى شىركەتتە ئۆتكۈزدىغان بولدۇم.ئېرىمدە ئۆزگىرىشلەر ئالاھىدە بولىۋاتاتتى، مەندىن ئايرىلىپ قىلشتىن قورقىۋاتقانلقى بىلىنىپلا تۇراتتى. ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتاتتى، پەقەت بۇ مۇناسىۋەتنى قانداق ئاخىرلاشتۈرۈشنى بىلەلمەي قېينىلىۋاتقىنىنى سىزىپ تۇراتتىم، مەن بىلەن بىللە بولغان چاغلىرىدا يانفۇنىنى ئىتىۋىتەتتى.

دوكتۇرنى زىيارەت قىلدىم،ھەممە ئىشلار كۈتكەندەك بولىۋاتىدۇ دوكتۇر، ئەمما ئۇ ھىلھەم مەۋجۇت، كېچە -كۈندۈز دېمەي تىلفۇن قىلىدۇ، ئۇنىڭغا تەھدىد سىلىپ پايدىلىنىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن، ئۇ بار كۇچىنى چىقىراتىدۇ ھەتتا ئۇنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن ئۆلىۋالماقچىمۇ بولدى-سىز بىلىسىز، ئېرىمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك قايتىپ قىلىشدىن ئەنسېرەۋاتىمەن.
-- بۇتەرەپىدىن ئەنسىرمەڭ -دېدى دوختۇر ئىشەنچ بىلەن بولۇپمۇ ھازىر، بەلكىم ۋاقتنىڭ ئۆتىشىكە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇئامىلىسىنى سىغىنىپ قالامدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، شۇنداق بولۇپ قالسىمۇ بۇرۇنقىدەك ئالاقىگە قايتالمايدۇ.ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنى خۇشال قىلدىغان ،تاڭ قالدۈردىغان، بەخت ھېس قىلدۇردىغان ئاياللارنى خالايدۇ. يىغلاپ- ۋايسايدىغان ئاياللاردىن قاچىدۇ، بىزەيدۇ، يالغاندىن بىرە ئىككى قىتىم كۆڭۈل بۆلگەننى قىلىپ قويسىمۇ ئەرلەر ئاياللاردىن راھەت ئىزدەيدۇ. سىز ئۇنىڭغا راھەت بىغىشلاۋاتىسىز ، ئەمما ئۇ چارچىتىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇ خوتۇنغا ھەقىقي ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان ۋاقتىڭىز پىشىپ يىتىلدى. قانداق ھۇجۇم؟ <<ئۇ ئاستا ماڭا يېقىن كىلىپ پىچىرلىدى.>> نېمە ؟ بۇ مومكىن ئەمەس!

ئون ئۈچىنجى بۆلەك
نېمە دوكتۇر بۇ... ئۇنى يىراقتى كۆرسەممۇ نىرۋام ئۆرلەيدىغان تۇرسا ، مىنىڭ قىشىمدا كۆزئالدىمدا ئىشلىسۇن-دەۋاتامسىز؟! مەن ئۇنى دائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈپ تۇرۇشقا تاقەت قىلالمايمەن ،
-- ئۇنى ئېرىڭىزدىن يىراقلاشتۇردىغان بۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئامال يوق. سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئىشلەتمەيسىز، بەلكى ئۇ سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدا نەزەر ئاستىڭىزدە بولىدۇ، پىلانلىرىمىزغا تېخىمۇ قولايلىق تۇغۇلىدۇ.
-- بولىدۇ -دېدىم مەن بەردەملىك بىلەن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا مەن تەييار.
ئەگەر بىر نەچچە يىللا بۇرۇن بولسا بۇنداق قىلالىشىم مومكىن ئەمەس ئىدى. سەن مەھرۇم قىلىنغان ھوقۇقىڭنى تولۇق بىلگىنىڭدە ئۇنىڭغا ئېرىشىش، ئۇنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا تەييار تۇردىكەنسەن ، ، ئۇنى قايتۇرىۋىلىش ئۈچۈن ھەتتا يېرىتقۇچقا ئايلىنالايدىكەنسەن.
سۆيۈملۈكۈم، شېركەتتىكى بىر بۆلۈمدە بىر خىزمەتچى ئىستىپا بەرگەنتى شۇ بوشلۇقنى قانداق تولۇقلاشنى بىلەلمەي بېشىم قىتىۋاتىدۇ.
.
-- بۇنىىڭغىمىۇ ئويلىنىش كىتەمدۇ ئىلان بىرىڭ ھازىر نېمە كۆپ ئىش تاپالمايۋاتقانلار. يۆزلىگەن ئىشچىلار ئىشخانىڭىز ئالدىدا ئۆچىرەت تۇرىدۇ.
-- ۋاي ،ياق، ماڭا ھەر قانداق ئىشچى لازىم ئەمەس، ئالاھىدە مال سىتىۋىلىش بازار ئىشلىرىغا پىششىق بولغان ئەرەب ئىشچى.
-- شۇنداق-دەپ ئىلان بىرىڭ ئەمىسە
-- ۋاي بۇ بەك ئاۋارچىلىق دەڭە، ئۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتچىنىڭ شەخسى تەرجىمىھالىنى تەكشۈرۈش، تەربىيلەش مەشىق قىلدۇرۇش توختام دېگەندەك بىر مۇنچە رەسمىيەتلەر مىنىڭ بۇنىڭغا پەقەت ۋاقتىم يوق.
-- نەخ گەپنى دەڭە زادى نېمە ئىش قىلىپ بىرەي؟
-- سىزنىڭ شىركىتىڭىزدىن بىر خىزمەتچىنى ئىشلىتىپ تۇرىمەن؟
-- ئوھ! مىنىڭ شىركىتىمدە سىز دېگەندەك خىزمەتچىلەر يوق ھەممىسى پېلىپىنلىق ،ھىندىستانلىقلار.
-- ئىسىمدە قىلىشچە خاتالاشمىسام ئۆتكەندە سىزنى زىيارەت قىلغىنىمدا بىرسىنى كۆرگەنتىم، ئىسمى نېمىتتىى خۇدايىم ئۇنتۇپ قالدىم دېسە، زز بىلەنمۇ ياكى ر بىلەنمۇ باششلىندىغان<< روزانى دەۋاتامسىز؟ >>
ھە.. دەل شۇ ھىلقى ئىگىز سىرىق چاچلىق ئايال.<< ۋاي ئۇنى ئويلمايلا قويۇڭ ئۇ سىز دېگەن ئىشلارنى بىلمەيدۇ.>> سىز بىلمەمسىز ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئاياللار كېىيىم-كىچەك سودىسىنى قىلىپ باققانلقىنى خىلىلا تەجرىبىلىك پىششىق ئىكەنلكىنى دېگەن ئىدى << ھە توغرا، شۇنداقتەك قىلغان ۋاي ئۇنىڭ سىزگە ھېچ پايدىسى تەگەمەيدۇ بولدى قىلىڭە >> جىنىم ماڭا بىر ياردەم قىلىڭچۇ ! راسلا بەك ئىھتىياجلىقمەن ھېچ بولمىغاندا ئىككى كۈن بولسىمۇ ئىشلىتىپ تۇراي بولامدۇ ماقۇل دەڭە! << ئەمىسە مەن دەپ باقاي ئۇ قوشلامدۇ يوق ئۇقمايمەن >>
مەن بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن دوكتۇرنىڭ ئېرىمنىڭ يۈزىگە سىلىشىمدىن ھازىرغىچە توسۇپ كىلىۋاتقىنى چۈشەندىم، ئېرىڭىز يۇشۇرۇن خىيانەت قىلغاندىن كېيىن سىزمۇ يۇشۇرۇن خالاس تىپىڭ دەيتتى دائىم ، ئەگەر ئۇنىڭ يۇزىگە سالغان بولسام بۇنداق ئالتۇن پۇرسەتكە ئېرىشەلمەس ئىدىم.
ئەتىسى ئەتتىگەن كاتىپىم ئارقىلىق روزانى مەن بىلەن كۆرىشىشكە چاقىرتتىم، خانىم مىنى چاقىرتىپسىز قانداق خىزمىتىڭىزدە بولاي؟
روزا سىز توغرىدا ئېرىمدىن كۆپ ئاڭلىدىم، سودا ئىشلىرىغا ماھىر ئىكەنسىز، مىنىڭ سىزدەك بىر تالانتلىق خادىمغا جىددىي ئىھتىياجىم چۈشۈپ قالدى، شۇڭا ئېرىم بىلەنمۇ كۆپ پاراڭلاشتۇق قوشۇلسىڭىز مىنىڭ قىشىمدا ئىشلىسىڭز.
-- خانىم ، خۇجايىننىڭ يىنىدىكى ئىشنى تاشلىۋەتكۈم يوق.
-- بۇ يەردە ئۇ يەردە ئىشلىگىنىڭىزگە قارىغاندا ئاز ۋاقت ئىزلەيسىز ئۇ يەردىكىدىن ھەسسىلەپ مۇئاش بىرىمەن، تولۇق سائەت ئىشلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۆزىڭىزنى دەم ئىلىش كۈنلىرى خالىغىنىڭىزدا كىلىپ كىتىپ ئىشلەۋاتقاندەك ھېس قىلسىڭىزلا بولىدۇ. سىزدەك بىر ئىشچىغا زۆرۈر
ئېھتىياجىم بارشۇڭا ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. ئىشقىلىپ ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ھەرخىل ماددىي ئىزىتقۇلار بىلەن ئۇنى تارتىپ دېگەننى قىلىپ مىڭ تەستە كۆندۈردۈم، ئېرىمنىڭ قىشىدىن كەتمەسلىك قازىنىنى ئىسىپ چىڭ تۇردى بولمىسا ئۇ چايان ئىززا تارتماستىن.
ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ مىنىڭ قول ئاستىمدىكى خىزمەتچىم بولۇپ قالدى. ئۇنى بىر ئاماللار قىلىپ بۇ يەردىكى خىزمەتنى ياخشى كۆردىغان قىلدىم، يۇقىرى مۇئاش، خالىغاندا كىلىپ كەتسە بولدىغان ئىنتايىن ئەركىن خىزمەت موھىتى، ئالاھىدە قىزغىن مۇئامىلە.
بۇنىڭ ياخشى تەرىپى بولدى ماڭا، ئۇنىڭ قاچان ئېرىم بىلەن ئۇچراشماقچى بولغىنىنى ياكى تىلفۇن قىلدىغىنى بىلىپ تۇراتتىىم-دە ئېرىمنى دەل شۇ پەيتتە بىر ئاماللار بىلەن بىر ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ئۇقتۇرماستىن پىلانىنى بۇزپ تاشلايتتىم، دۈشمىنىڭگە يېقىن تۇرۇشمۇ ئۇنى يېڭىشنىڭ نۇرغۇن پۇرسەتلىرىدىن سىنى بەھرىمان قىلدىكەن.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېرىمگە بىلەمسىز ئاخشام شىركىتىمىزنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى، قانۇنسىز ئىلەۋەتقان ئىشچىلار باركەن دىققەت قىلىڭلار-دپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. روزا ھازىرغىچە سىزنىڭ كەپالىتىڭىزدە، مىنىڭ شىركىتىمدە رەسمىي خىزمەت كىنىشكىسى يوق، شۇڭا ئۇنىڭ كاپالىتىنى مىنىڭكىگە يۆتكىسەك باش ئاغرىقى ئىشلارغا كىرىپ قالمايلى-دېدىم. دېگەندەك ئىككى كۈن ئىچىىدلا كىپىللىكنى يۆتكەش رەسمىيتىنى بىجىردۇق، ئۇ ئەمدى رەسمىي قول ئاستىمدىكى خىزمەتچىم بولۇپ قالدى، ئۇنىڭغا شىركەتتىن خاس ماشىنا ھەل قىلىپ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئىش ھەركەتلىرىنى تېخىمۇ ئىنىق بىلىپ تۇردىغان بولدۇم. نەگە ماڭدى نەدە تۇردى بىرمۇ-بىر يتىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ھېچبىر ئىشى نەزەر دائىرەمدىن چىقىپ كىتەلمەيتتى. ئۇ قاچانكى ئېرىم بىلەن ئۈچرىشىنى پىلانلىسا مەن ئېرىمگە تىلفۇن قىلىپ ناھايتى ئوڭايلا بۇ پىلانىنى بۇزۇپ تاشلايتتىم. ئېرىم كۆپىنچە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردىغان بولغان ئىدى . بىراق ئۇ چايان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېرىمنى ئىزدەپ ئارام بەرمەيتتى، ھەممىنى بىلىپ بىلمەسكە سىلىپ يۈرەتتىم.
روزانىڭ ماڭا ھەسەت بىلەن قاراۋاتقىنى بايقاپ تۇراتتىم، ئۇ ھەتتا نەچچە قىتىم مىنىڭ ئەخلاقىمنى بۇزۇپ ئائىلىمىزنى بۇزماقچىمۇ بولدى. << خانىم سىز بەك چىرايلىقكەنسىز، مەن سىزدەك چىرايلىق بولدىغان بولسام ھەرگىزمۇ ياشلقىمنى بىرلا ئادەمگە زايە قىلىپ ئۆتكۈزىۋەتمەيتتىم، ھەر كېچىنى راڭدار ئۆتكۈزۈپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەتتىم>> بەزىدە مۇنداقلا دېگەندەك دېسە بەزى چاغلاردا ئاچچقى بىلەن ئوچۇق ئەيىبلەپمۇ قوياتتى. ئۇنى بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆپ يول قوياتتىم.
ئۇ بىر كۈنى خىزمىتىدىن چىقىپ كەتتى ئۇنىڭ ئېرىم تەرەپكە قاراپ ماڭغىنىنى بىلەتتىم، ئېرىمغا تىلفۇن قىلدىم، جىنىم مەن يولدا سەپرايز سىزبىلەن چۈشلۈك تاماق يەي دېگەن، <<كەچتە يىسەك قانداق ھازىر ئىشخانىدا ئىشىم بار >> جىنىم ئارانبىر پۇرسەت چىققاندا مىنى رەت قىلامسىز؟ بولىدۇ قەدىرلىگىم سىز ھامىنى چۈشلۈك تاماق يەيسىزغۇ مەن تاماقنى ئىلىپلا باراي ئىشخانىڭىزدا يەيلى ئۇ ئەنسىرگەندەك << ھە بولدى بولدى سېرتتا يەيلى>> مەن يىتىپ بارغاندا روزا مۇ ئەمدىلا بىرىپ تۇرغان ئىدى، ئېرىمنىڭ چۈشۈپ مىنڭ بىلەن ماشىنىغا چىققىنىمىزنى كۆرگىنىدىكى قاراشلىرىنى كۈرۈش نەقەدەر بەخت-ھە! ئاچچىقتىن قارچۇغى چېقىپ كىتەي-دەپ قالغان كۆزلەر نەقەدەر گۈزەل-ھە! شىركەتنىڭ ماشىنىسىنى بانە قىلىپ ماشىندىن چۈشۈپ قەستەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم، ئوھ! روزاغۇ بۇ سىز بۇيەردە تۇرىسىزغۇ؟ سىز شىركەت دوختۇرخانىسىغا كىلىمەن دېمىگەنتىڭىز؟ سالامەت بولغايسىزئىلاھىم ! خا.. خانىم مەن كونا ئىشخانىدا داۋالاش كىنىشكەمنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن شۇنى ئالغىلى كەلگەن. كۆزى چىقىپ كىتەيلى دېدى ئۇ بىچارىنىڭ. كاشكى چىقىپ كەتسىچۇ ھاھا... بۇنداق تۇيغۇلاردا ياشاش نەقەدەر ھۇزۇرلۇق-ھە، ھاياتنى ھەقىيقى مەنالارغا ئىگە قىلىدۇ.
ئېرىم ئۇنىڭغا ئىلىپ بەرگەن ئوينىڭ ئاچقۇچىنى نۇسخىلىۋىلىشنىڭ قولاي بىر پۇرسىتىنى ئىزدەپ ھەممىنى تەل قىلىپ يۈرەتتىم ئاخىر بىر كۈنى پۇرسەت بولدى ،ئاچقۇچلىرىنى نۇسخىلىۋالدىم.ئوف!! ئەڭ چوڭ بىر ۋەزىپىنى تاماملىغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم تۈنۈگۈن پىلانلاپ ئىجرا قىلىشقا كۆزۈم يەتمىگەن ئىشلار بۈگۈن ھەقىقەت بولىۋاتاتتى شۇنداق قىلىپ كۆزلىگەن نىشانغا يىتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىرلا پىلان قالدى

ئەڭ ئاخىرقى باب
\"]]]\"
ئېرىمنىڭ تىجارىتى ھەر ئىككى، ئۈچ ئايدا بىر قىتىم سىرتقا سەپەرگە چىقىشنى تەلەپ قىلاتتى، .ئۇنىڭ سەپەر ۋاقتىنى بىتاقەتلىك بىلەن كۈتىۋاتاتتىم، بۇرۇن بۇ سەپەرلىرىدە روزا ئۇنىڭغا ھەمرا بولاتتى، كېيىن مەن ھەمرا بولدىغان بولغان ئىدىم، بۇ قىتىم پىلانىمنى تاماملاش ئۈچۈن ئۇنىڭ يالغۇز چىقىىشىنى خالايتتىم.
-- سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ قالدىم مەن بىللە چىقامسىز؟
-- مىنىڭغۇ شۇنچىلىك چىققۇم بار ئىدى، بىراق بۇ ھەپتە تۈگىتىشكە تېگىشلىك بەك موھىم ئىشلىرىم بار دەڭە.
-- قەيەرگە چېقىدىغىنىمنى سورىمايلا ئالدىراپ قارار قىلىۋەتتىڭىزغۇ ھىلى بىلسىڭىزپىكرىڭىزنى ئۆزگەر تىپ قالارسىز مىكىن؟!
-- راسما،ھىم... مىنى سەپەرگە قىزىقتۇرماڭ بەكلا موھىم ئىشلار بار بۇ ھەپتە.
-- ئېرىڭىزگە ھەمرا بولۇش ھەم-سۆھبەت بولۇشتىنمۇ موھىمما؟
-- قەدىرلىكىم ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن موھىم بولمايدۇ-دە، بىراق ۋەدىلىشىپ قويغان ئالاھىدە خىرىدارلار بار، سىز مەندىن بەك چۈشىنىسىز بۇنداق ئىشلارنى ئالدىراپ ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولمايدۇ-دە؟! بىراق ئامال بار ئىشلارنى تىزرەك تۈگىتىپ كەينىڭىزدىن بىرىپ سىزنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۈرۋىتەمدىم-تېخى، تەييار تۇرۇڭ-ھە!
ئاشۇ كېچە روزا ئۆزىنى بىللە ئاپىرىشىنى-دەپ سىغىنىشلىق، ئوتلۇق قەسىد -شېئىرلارنى پۈتۈپ يېگىرمىدىن ئارتۇق ئۇچۇر ئەۋەتىپ بولالمايلا-كەتتى، ئەمما ئېرىم مىنىڭ دېگىنىمدەك تۇيۇقسىز بېرىپ ئىشلارنىڭ ئىچىلىپ كىتىشىدنقورۇقتىمىۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى جاۋابسىز قويدى. شۇنىڭ بىلەن روزا ئاخىردا مىنىڭ كارىم يوق ئۆزۈم بىلەت سىتىۋىلىپ ئارقىڭىزدىن بارىمەن-دەپ ئۈچۈر ئەۋەتتى.
دېگەندەك ئەتىسى ئۇ مەندىن رۇخسەت سوراپ ئىشخانامغا كىردى. خانىم مەن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئالاي-دېگەن.
-- نېمە سەۋەبدىن روزا؟
-- ئانام كىسەل بولۇپ قاپتۇ شۇڭا.
-- ئەمىسە دۆلىتىڭىزگە سەپەر قىلىدىكەنسىز-دە؟
-- بۇ يەردە ئۇ تۇيۇقسىز ئېرىم سەپەر قىلغان دۆلەتكە سەپەر قىلالمايدىغىنى بىلدىدە لاسسىدە بولۇپ كەتتى، چۈنكى مەن ھازىر ئۇنىڭ كىپىلى، مىنىڭ رۇخسىتىمسىز، ئىمزايىمسىزمەن بىلمەستىن باشقا دۆلەتلەرگە سەپەر قىلالمايتتى. ھە... دۆلىتىمگە دېدى چىرايى ئۆزگىرىپ.
-- مەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ، روزا قاراڭ، ئەسلى مەنمۇ سىزنى دۆلىتىڭىزگە خىزمەت ئىشى بىلەن ئەۋەتمەكچى بولۇپ تۇراتتىم، ئۇ يەردە قىلدىغان ئىشلار بار ئىدى، بىر تەرەپتىن ئانىڭىزنى يوقلىغاچ بىرتەرەپتىن مەن دېگەن ئىشلارنى بىجىرىپ كەلسىڭىز بوپتىكەن، كىلەر ھەپتە خىرىدارلار بار ۋەتىنىڭىزدىن مال لازىم مەن مال ئالدىغان ئورننىڭ ئادرىسلىرىنى -دەپ بېرىمەن قانداق -دەيسىز؟
-- بولىدۇ خانىم.
ئېرىم سەپەر قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن روزانى ئايرۇدۇرۇمغا ئاچىقىپ مەۋھۇم مالللارنى سىتىۋىلىش ئۈچۈن ئۆزۈم يولغا سىلىپ قويدۇم. ئايرۇپلان كۆتىرلىشى بىلەنلا ۋىزا ئىشخانىسىغا كىرىپ كىپىللىكىم ئاستىدىكى بىرىنىڭ ئىقامىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچىمەن-دەپ تەلەپ قىلدىم. ئۇلار كىملكىنى سورىغاندىن كېيىن سەۋەبىنى سورىدى. ئائىلىمىزنى بۇزماقچى بولدى ،ئېرىم بىلەن ناشايان مۇناسىۋەتلەردە بولدى، ئۇلار ئىسپات تەلەپ قىلدى مە رەسىملەرنى كۆرسەتتىم. ئۇلار ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ ئىككى يىلغىچە بۇ دۆلەتكە كېرەلمەيدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزمەكچى بولغاندا، نامالۇم مۇددەتقىچە كىرەلمەيدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزىۋىتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدىم،ھەمدە ئالدىن تەييەرلاپ قويغان شېركەتنىڭ موھىم سودا ھۆججىتىنى ئوغىرلىغانلىق ئىسپاتلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم، ئاخىرى ئۇنى ئۇزۇنغىچە دۆلەتكە كىرىشى چەكلەنگەنلەر قاتارىغا كىرگۈزىۋەتتىم.
بۇ يەردىن ئۇدۇللا ئېرىم ئۇنىڭغا ئىجارىگە ئىلىپ بەرگەن ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇم، ئونىنجى قەۋەتتىكى ئېرىمنى مەندىن ئىككى يىل تارتىۋالغان ماڭا كۆرمىگەن كۈننى كۆرسەتكەن ئۇ يىلاننىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئىشىكىگە ئاچقۇچنى كىرگۈزدۈم ،ئوي ئېرىمنىڭ نامىدا بولغاچ قورۇقماي ئىشىكنى ئاچتىم... ئىنتايىن نەپىس -قىممەتلىك ئۆي جاھازلىرى بىلەن بىزەلگەن ھەشەمەتلىك زال، ئۇزۇن كارىدۇر، زامانىۋىي پاسۇندا ئاجايىپ رومانتىك بىزەلگەن ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرى... ياتاق ئۆيدىن چىقىپ ئۇزۇن كارىدۇرغىچە تاراۋاتقان فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە قىممەت ئەتىرلىرىنىڭ ھېدلىرى... مېھمانخانا ئۆيدىكى چوڭ نەپىس ئالتۇرەڭ ئۇستەل ئۇسىتىدىكى يوغان لوڭقىغا چىلاپ قويۇلغان راس گۈللەر...ئۇ ھەركۈنى زېرىكمەستىن سىتىۋالدىغان گۈللەرنىڭ مەنبىيى، پۇلنى مىنىڭ سۈيۈملۈك ئېرىم چىقارغاندىكىن مەيلى ئەمەسمۇ بۇ چىرايلىق خانىمغا نېمە زېينى بولاتتى؟ زالغا قالايمىقان تاشلانغان ئېچ كىيىملەر، تاماق يەپلا تاشلاپ قويغان تەخسىلەر. قەدىمىمىنى تىزلىتىپ ياتاق ئۆيىنى ئىزدىدىم، ئۇنى ئىچىشتىن ئىلگىرى بىردەم ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم...مەن ھېچقاچان بۇنداق بىر ئىشلارنىڭ ھاياتىمدا يۈز بېرىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم،خىيالىمغا كىرىپمۇ باقمىغان ئىدى... كۆرىدىغان ھەر قانداق بىر نەرسىلەر ئۈچۈن ئىديەمدە تەييارلىق كۆرۈپ ئۆزۈمنى ھازىرلاشقا تىرىشتىم... ئەمما مەندە ھېچ بىر سادا يوق...يۈرۈكۈم شۇقەدەر مۇزلۇق ۋە بىپەرۋا...كاللامدا يېڭىشتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، ھېچ نەرسە ،قۇپقۇرۇق... باشقا ئۆيلەردىن ئالاھىدە بىزەلگەن ئۇ ئۆيگە كىرىدىم، توۋا ئۆمرۈمدە كارۋاتنىڭ بۇقەدەر ئىگىز ھەم تار بولدىغىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئەمما كارۋات پەردىلىرى مەنمۇ ھەۋەس قىلىدىغان نەچچە ئالاي-دەپ بىر كارۋات پەردىسىگە بۇنچىلىك پۇلنى ئىسراپ قىلسام قانداق بولىدۇ-دەپ گۇناھ تۇيغۇسى ھېس قىلىپ ئۆزۈمچە ئېرىمنى ئايىدىم -دەپ ئالمىغان شاھانە تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۋىتىدىغان بەكلا نەپىس پەردىلەر ئىدى.
ئەمەلىيەتتە زۆرۈز نەرسىلەردىن سېرت بۇنداق ئىستېتىكىلىق ئىھتىياجىلارنى قاندۇردىغان نەرسىلەرنىڭ ئېرىم ئۈچۈن بەكلا ئاددىي قولىغا يېقىن نەرسىلەر بولۇپ قالغىنىنى، ئۇ بۇ ئارقىلىق جاپالىق خىزمىتى ئىلىپ كەلگەن خاس قىممەت ۋە ھەقىقىي ھۇزۇرىنى ھېس قىلدىغىنى ئۇنتۇپتىمەن-ئەمەسمۇ؟
بۇ ياتاق ئۆي بالكۇنلۇق بولۇپ مەن بولسام باللىرىم ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشىدۇ-دەپ ئەنسىرەپ قەتئي ئاچماي توپا-چاڭ بىسىپ كەتكەن بولسا، بۇ بالكۇن ھەقىيقى رولىنى ئۆتىگەن ئىدى. چىرايلىق بېزىلىپ رەيھان- ياسىمەن تېرىلغان بالكۇندىن كىرىۋاتقان يىنىڭ خۇش پۇراقلار، قاپقاراڭغۇ ھوجرىنى ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزۈپ جىلۋىلىنىپ تۇرغا قوياش نورى.. بىز ئاياللار مەۋھۇم غەم-ئەندىشلەر بىلەن ھاياتتنىڭ ئاددىيغىنە خۇشاللىقلىرىدنمۇ ئۆزىمىزنى مەھرۇم قىلىپ ياشايدىكەنمىز، ئىشقىلىپ بىر كۈنىمىز ئۆتسە بولدى، قانداق ئۆتىشى بىلەن كارىمىز يوق.. ھېچبىر مەناسىز يەنە بىر كۈنىمىزنى كۈتىۋالىمىز...
مەن ئويلىغاندەك ئېرىمنىڭ ئۆيىمىزدىن يوقاپ كەتكەن خۇسۇسىي نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇيەردە كۆردۈم، ئەتىر لىرى، كۆزەينىكى، قەلەملىرى، تاسمىلىرى، ئۇخلاش كىيىملىرى، ھەممە نەرسە بۇيەردە ئىدى، ئۇنىڭ بۇيەردە ياشايدىغىنىنىى كۆرسىتىپ تۇراتتى، مۇنچىدىكى ئېرىم ئىشلەتكەن ئىلگىرى كۆرگەن بولسام ئاللاھ پاناھلىق بەرسۇن! ئازابتىن ئۆزۈمنى يوقىتىپ ئۆلتۈرۈۋىلىشتىن يانمايدىغان مەينەت نەرسىلەر... ئەمما بۈگۈن مەن ئىنتايىن سالماق، ،باتۇر، تەمكىن كۈلۈمسىرەيتتىم ، چۈنكى ئاخىرى مەن يەڭگەن ئىدىم ، كۈچلۈك بولۇش ھۇزۇرى...
ئۇنىڭ كېيىملىرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئايرىم بىر خالتىغا سالدىم، ئېرىمنىڭ كېيىملىرىنى يىغىپ ئايرىم بىر خالتىغا سالدىم.كېيىنچە ئۇ كىيىملەرنى يۇغۇزغاندىن كېيىن خەيرىيەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىۋەتتىم.
ئەتىسى كونا ئۆي جاھازلىرىنى سىتىۋالدىغان ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ چۈشكە كىلىدىغان بولۇپ كىلىشتۇق.ئۆدىكى ھەممە نەرسىنى سېتىۋەتتىم، خېرىستال قاچىلاردىن تارتىپ ھېچنىمىنى قويمىدىم. پۇللارغا ياتاق ئۆيۈمگە يېڭى جاھاز پەردىلەرنى ئالماشتۇردۇم، باللىرىمغا قىممەت ئويۇنچۇقلارنى ئوي خىزمەتچىمگە تۇتقانلكى نەرسىلەرنى ئىلىپ بىرىپ خۇشال قىلىۋەتتىم، ئۆزۈمگىمۇ نۇرغۇن زىبۇ-زىننەت ،گېرىم،ئەتىر، كىيىم-كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى سىتىۋالدىم، ئۆمرۈمدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سىيۇپىر بازار ئايلىنىش بولدى!
ئۇيىلاننىڭ ھېچقانداق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاپالمىدىم ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىپ مىڭىپتۇ ئۇ جادۇ. بولمىغان بولسا ئۇنىمىۇ سىتىۋىتەتتىم. مەن ئاششۇرۋەتمىدىم بۇمىنىڭ پۇلۇم ئەسلى باللىرىمنىڭ پۇلى ھەققى ، ئۇ ئېرىمدىن ناھەق زۇلۇم بىلەن ئېرىشكەن نەرسىلەر، ئۆينى شامال ئىسقارتىپ تۇدىغان قۇپقۇرۇق قىلىۋەتتىم. ئۆتكەندە بىر خەۋەر كۆرگەنتىم، باشقا بىر دۆلەتتە يۈز بەرگەن، بىر ئايال ئېرىنىڭ ئاشنىسى ئۇستىدىن مېنى ئېرىمنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قىلدى -دەپ روھىي تۆلەم تەلەپ قىلىپ سوتقا ئەرز قىلىپ ئېرىنىڭ ئاشنىسى تەرىپىدىن بەك جىق روھىي تۆلەمگە ئېرىشتى، مەن پەقەت ئۆزۈم ھەقلىق نەرسىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا قايتۇرۋالدىم، ئۇ ئەسللى بۇنىڭدىنمۇ بەك بەدەل تۆلىشى كىرەك ئىدى.
ئېرىمنى ئۇۋلىغان بۇ زەھەرلىك ئۆمۈچۈكنىڭ بارلىق تورلىرىنى بۇزىۋەتكەندىن كېيىن ئەمدى بۇئۆمۈچۈكنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنىشلا قالغان ئىدى.
ئۇ سەپەر قىلىپ ئەتىسى تىلفۇن قىلدى، خانىم سىز دېگەن مال ئالدىغان شىركەتنى ئىزدەپ تاپالمىدىم ، برەر چاتاق بارمۇ نېمە ئادرىسدا؟
- - توغرىغۇ،بەكراق ئىزدەپ بېقىڭ.
-- ئىزدىدىم تاپالمىدىم. ئۇنىڭغا يىڭى ئادرىس دەپ بەردىم ، ئۇ تاپالمىدى-دپ تىلفۇن قىلاتتى، مەن يېڭى ئادرىس -دەپ بىرەتتىم ، شۇنداق قىلىپ ئۇنى ئۈچ كۈن ئەخمەق قىلىپ ئويناتتىم. ئېرىمماڭا تىلفۇن قىلىپ تۇرىۋاتاتتى، كەلمەمسىز-دەپ. بۇ ئىشلارنى دېمىسەم ئۇچۇپلا بارغۇم بار ئىدى بىراق يوق ئىشلارنى بانا قىلىپ تۇرىۋالدىم.
ئېرىم ئاخىرى بەش كۈندىن كېيىن ماڭا تىلفۇندا ئۆزىنىڭ ئەتە ئەتتىگەن كىلىدىغىنى ئېيتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا روزامۇ ، تىلفۇن قىلىپ خانىم تاپالمىدىم، سىز دېگەندەك شېركەت يوقكەن، بۇ يەردىكى باشقا ئىشلىرىم تۈگىدى،قايتىشنى ئارزۇ قىلىمەن -دېدى . مەن بولىدۇ خالىغىنىڭىزدەك بولسۇن قايتىپ كىلىڭ دېدىم.
ئەتىسى ئەتىگەن ئېرىم يېتىپ كىلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئۇ قايتا تىلفۇن قىلىپ، سىز ئىقامىتىمنى ئەمەلدىن قالدۈرۋىتىپسىزغۇ دېدى ئىشىنەلمىگەن چۆچىگەن قورۇققان بىر ئاچچىق كەيپىياتتا بوغۇلۇپ ۋارقىراپ سۆزلەپ كەتتى، نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىز؟ سەۋەبى نېمە؟ مەن نېمە قىلدىم؟ (ئۆزىچە قىلغانلىرىنى مىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ-دە) مەن بۇنداق بولدى قىلمايمەن ئەرز قىلىمەن خۇجايىنغا دەيمەن، ئۇنىڭغا ھەممىنى دەيمەن.
--خالىغىنىڭىزنىڭ ھەممىنى قىلىڭ دېدىم سوغۇققىنە.
-- دەڭە نېمە قىلغىنىمغا ئۇنداق قىلدىڭىز؟ (چايان ئىزا تارتماستىن سەۋەبىنى سوراۋاتىدا)
-- ئېرىم شۇنداق قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى
-- نېمە؟ بۇ مومكىن ئەمەس، ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ ئۇ ھەرگىز بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ...
-- ئەمىسە پات ئارىدا ئۆزقۇلىقىڭز بىلەن ئاڭلايسىز دېدىمدە ئاچچىق بىلەن تىلفۇننى تاراققىدە قويىۋەتتىم.
\"ؤؤ\"
ئېرىمنىڭ كىلىشىگە تاقاپ ئۇنىڭ ئېرىم بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىنى، ئېرىمنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئەكەلگەن كىيىم -كىچەك لازىمەلىكلىرىنى كارۋاتقا يايدىم، ئۇلارغا قاراپ يىغلاپ ئولتۇردۇم، ئېرىم سەپەردىن ئاچچىقتا بوغۇلغان ھالدا ئىشىكتىن كىرىپ كەلدىدە قوپاللىق بىلەن ھېچنىمە دېمەستىن روزانىڭ ئىقامىتىنى بىكار قىلىۋەتتىڭىزما-دېدى، مەن ھەئە دېدىم غەمكىن كەيپىياتتا يىغلىغان كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ، ئۇ يەنە ئاچچىقى بىلەن نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىز-دەپ ۋاقىردى. مەنمۇ ئوخشاشلا ۋاقىردىم، مەن بىكار قىلىۋەتتىم، مەن قىلدىم ، چۈنكى ئۇ سىزگە تۆھمەت قىلدى، ئائىلىمىزنى بۇزماقچى بولدى،سىز بىلەن بىللە ئىككى يىل بىللە بىر ئۆيدە تۇرغىنى ئېيتتى، ئەجەبا بۇ راسما؟ئېرىمنىڭ چىرايى ئۆزگىرەپ كەتتى،<< ھو مەينەت پاسكىنا يالغانچى ماڭا تۆھمەت قىلىپتۇ ئۇ ساراڭ>> ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ كېيىملەرنى رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سىز راسلا ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلدىڭىزما؟ ئىشەنمىسەم بۇ نەرسىلەرنى ئەكىلىپ ئالدىمغا ئاتتى مەندىن سىزدىن تىزراق ئايرىلىپ كىتىشىمنى تەلەپ قىلدى... ئېيتىڭە بۇ راسما؟!دەپ يىغلاپ كەتتىم، ئەمما بۇ قىتىم راس يېغلىدىم، باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىنى خالىماي بىسىپ كەلگەن ئۆتكەن ئازابلىق كۈنلىرىمنىڭ يېغىسىنى جۇغلاپلا مەن دۇچار بولغان ئەلەملىك تۇيغۇلىرىم بىلەن بىرگە قىتىپ بۈگۈن يىغلىدىم، دەڭا ! بۇ راسما سىز راسلا شۇنداق قىلدىڭىزما؟ مەن ئىشەنمەيۋاتىمەن... ماڭا نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز، ئەجابا مىنىڭ سىزگە قىلغان ساداقەت-ۋاپادارلقىمغا قايتۇرغان جاۋابىڭىزما بۇ؟! ئاچچىق يېغلاپ تۇرۇپ سۆزلەيتتىم، راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدە بولدىڭىزما؟ راسلا ماڭا خىيانەت قىلدىڭىزما؟ مىنى ئالدىدىڭىزما؟ ماڭا بۇنچىلىك قىلغۇدەك سىزگە نمە قىلدىم؟! سىزمۇ ئادەممۇ-ھە ؟! نېمانچە رەزىلسىز؟!...
ئۇ بۇيەردە ئۆزىنى ئوڭشىدىدە ئۇنى تىللاشقا باشلىدى، ھو كوچىدا قالغان... پەسەندە ئائىلىمىزنى بۇزماقچى بوپتۇدە بۇ مەككار، ئۇنىڭغا پەقەت ھېسداشلىق قىلدىم قېيىنچىلقىم بار ئۆي ئالالمىدىم كىرگۈدەك يىرىم يوق دېدى ياخشىلىق قىلىپ قوياي دەپ ئۆز نامىمدا ئۆي ئىلىپ بەردىم ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدە بولمىدىم، ئاشۇنىڭغا ئىشەندىڭىزما؟ ئىشقىلىپ ئېرىم ئەپسانە تىللار بىلەن تازا تىللاپ مىنى ئۆزى توقۇپ چىققان گەپلەر بىلەن پەسكۈيغا چۈشۈرۈۋاتاتتى، ئۇنىڭ ھەممە دېگەنلىرى ئالدىن تەييەرلاپ تىقىپ قويغان ئۇنئالغۇغا ئىلىنىۋاتاتتى.
ئۇ مىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن باغرىغا مەھكەم باسقىنىچە ماڭا ئىشىنىڭ دەپ بىر مۇنچە گەپلەرنى دەۋاتاتتى، ئەمما ئۇنى ئىتتىرۋەتتىم ، ئەمدى سىز بىلەن ياشىمايمەن، سىزنى كۆرگۈم يوق، سىز مەندەك بىر پاك ئىنسانغا لايىق ئەمەسكەنسىز ، چىقىڭ بىزدىن يىراق تۇرۇڭ باللىرىمدىن يىراق تۇرۇڭ، كىم بىلىدۇ نىمە كېسەللەرنى يۇقتۇردىڭىز ئۇ خوتۇندىن !!! چىقىپ كىتىڭ خۇش بوپ كىتەي چىقىپ كىتىڭ يىغلاپ كەتتىم. ئۇ چىقىپ كەتتى.
ئۇ چېقىپ كىتىشى بىلەن روزاغا تىلفۇن قىلىپ مەن ئىلىۋالغان ئېرىم ئاچچىغىدا دېگەن ئۆزۈم ئاڭلىتىشنى خالىغان يەرلەرنى ئاڭلاتتىم-دە گەپ قىلماي تىلفۇننى قويىۋەتتىم. ئەمدى ئۇ ماڭا يۈز -تۇرانە گەپ قىلالمايتتى، مىنىڭ ئۇلارنىڭ ئالاقىسىنى بىلگىنىمنى مىنىڭ ئۇنچىلىك يۇۋاش ئاددىي ئايال ئەمەسلكىمنى گېزى كەلسە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ۋەھشىي ئۇسۇلدا ئىنتىقام ئىلىشتىن يانمايدىغىنىمنى ھېس قىلغان ئىدى.
ئېرىمنى بىر ئىككى ئاي ئازابلاپ نۇرغۇن ۋەدىلەرنى ئالغاندىن كېيىن يارىشىۋالدۇق،ئەلۋەتتە ئېرىم ئۆينىڭ نەرسىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى بىلگەن بولسىمۇ ئۆزى ئىنكار قىلغان ھەقىقەتنىڭ ئىسپاتلىنىپ قىلىشدىن ئەنسىردى بولغاي چېش يېرىپ بىرنېمە دېمىدى.
ئۇ يىلاننى بولدى قىلىدۇ-دەمسىلەر، ئۇنچىلىك ئوڭاي بولدى قىلمىدى ئ، ئېرىمگە تىلفۇن ن قىلىپ ياردەم قىلىشنى ئۆتىنەتتى، ھەممە مەككارلىقلىرىنى ئىشلىتەتتى. بىراق ئېرىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، ئۆتىنىشلىرىگە پىسەنت قىلمىدى. دوكتۇر ماڭا چۈشەندۈرگەندەك ئەر ئايالىغا ئاشىق بولغاندا،ئايالىنىڭ ئۇنىڭدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋاز كىچىش مومكىنلكىنى ھېسقىلغىنىدا ئىختىيارسىز ئۇنىڭدا ئايالىدىن ئايرىلىپ قىلىشدىن قورقۇش ئەنسىرەش تۇيغۇلىرى يۈز بىرىدۇ، باشقا ھەرقانداق بىر ئالاقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش قۇدرىتىنى يوقىتىدۇ. ئۇ ئاشىق بولغان ئايالنىڭ ئارلقىدا يۇچۇقنىڭ بولۇشىغا سەۋەب بولىۋاتقان تەرەپكە قاتتىق قول بولىدۇ، چۈنكى مۇھەببەت بىلەن ئىشقىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى كونترۇل قىلىپ تۇردىغان ئايرىم ئورگان بولۇپ بۇ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرىق بار،ئىشىقنى كۆنۈپ قىلىش خۇمار بولۇپ قىلىشقا ئوخىشىتىش مومكىن مەشۇقىمىزنى كۆرمىگىنىمىزدە بىر خىل مۇھتاجلىق غېرىبلىققا دۇچار بولىمىز، روھىي ئېچىرقاش دىلىمىزنى ئۆرتىسە ئاشۇ پىراق - يېراقلىققا سەۋەب بولغانلارغا نەپرەت قاتتىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز، شۇڭا دوكتۇر دائىم ئېرىڭلارنىڭ ئېشقىنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ خىيانىتىنى يۆزىگە سالماڭلار-دەپ تەكرارلايتتى، پەيت ھازىرلاڭلار ئۇ سىلەرنى پەقەت ياخشى كۆرۈپ ئاشىق بولمىغان پەيتتە باشقا بىر ئايال ئۈچۈن سىلەرگە قاتتىق ئازار بېرىدۇ ھەتتا تالاق قىلىشىمۇ مومكىن، ئۆزۈڭلارغا قاتتىق خورلۇق ئەلەم تىپىۋالىسىلەر.
شۇنداق قىلىپ ئۇ تۇرمۇشىمىزدىن بارا-بارا غايىپ بولدى. مەنمۇ ئۇنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان بولدۇم، ئېرىممۇ ئۇنى تىلغا ئىلىشتىن ئوڭايسىزلىنىدۇ، ئەگەر يەر يېرىلىپ ئۇنى يۇتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئاشۇ ئىشلارنى قىلمىغان بولۇشنى ئازۇ قىلىدۇ، ئېرىم يېڭى بىر مەزگىلدە ياشاۋاتىدۇ،مەندىن ھەر كۈنى يىڭىلىقلارنى بايقايدۇ ھەۋەس بىلەن باقىدۇ، چۈشلۈك تاماقلارغا خىزمەت ئورنۇمدىن ئەكىتىدۇ، گەپ قىلىڭە ئاشىقىم دەيدۇ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ، سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلىمىغىلى بەك ئۇزۇن بولۇپتۇ.
\"رررر\"
تۈگىدى

ھەپتىلىق تەۋسىيە
ئاياللار، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلمىغۇلۇق
ئاياللار، قىلىش...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 4 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 3 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 2 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى1 - ئائىلىڭىز ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى
پەرزەنتىلەرنى ت...
دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار
دوستلۇق بىلەن مۇ...
ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخىرلىنەمسىز
ئېرىڭىزنىڭ «قىز ...
خانىم- قىزلارنىڭ زور بايلىقى «شەرم- ھايا»
خانىم- قىزلارنىڭ...
شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى
شى جىنپىڭنىڭ تەر...
ئەڭ يىڭى كىنولار
ئەڭ يىڭى سۈرەتلىك ناخشىلار
ئەڭ يىڭى بوكىسلار
ئەڭ يىڭى كۈلدۈرگىلەر
تور بېكەت ھەققىدە|مۇلازىمەتلەر|سەھىپىلىرىمىز|ئېلان بېرىڭ|ئالاقىلىشىڭ|ھەمكارلىشىڭ|بېكەت خەرىتىسى|پىكىر بېرىڭ|قوللىغۇچىلار
Copyright @ 2011-2012 Bashlan corporation , All Rights Reserved
بىكەت مەسئۇلى :ئەكبەر بارلىق ھوقوق : ئەرۋاھ تورتىخنىكا مەركىزىگە تەۋە
نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ئىلان ئالاقە-ھەمكارلىق : 13899990941
:::باشلان تورىنىڭ دوستانە ئۇلانما تۇغى: :::توربىكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ :::
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قىلايلى
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن
مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
新ICP备13000980号-2