باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

| شىئىر | ھىكايە | يۇمۇر،كۈلكە چاقچاق | مەشھۇر شەخسلەر | پوۋسىت | ماقالە
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ھىكايە >>

ئېرىمنىڭ ئاشنىسى1 - ئائىلىڭىز ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇڭ

 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网      ۋاقىت:2014-03-09 13:58:59

<<ئايال كېشىگە گۈلگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلسام ئۇماڭا خۇش پۇرىقىنى چاچتى، مەن ئۇنىڭغا قۇربانلىق مالدەك مۇئامىلە قىلغىنىمدا ئۇنىڭ قىنى كېيمىمگە ئاقتى، ئۇنىڭغا دېدەكتەك مۇئامىلە قىلسام مىنى ئۆزى بىلەن قىتىپ پەسلەشتۈردى، ھۆر ئەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ئەمەلگە ئاشمىغىچە ھۆر ئايال مەۋجۇت بولمايدۇ.>>
<<گۈزەل جەمالىغا تاڭ قىلىپ بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولدىغان ھاياجانلىق زامانلار ئاخىرلاشتى. مىنى ئايالىلىق مەدەنىيەت، ئاياللىق تەپەككۈر، ئاياللىق پەم-پاراسەت تاڭ قالدۇرىدۇ>>- نەززار قۇببانىي. ( بۇ يەرنى ئۆزۈم قىتىپ قويدۇم )
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى
تەرجىمە ئەسەر- تەرجىمە قىلغۇچى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن پەھىن (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن . مۇشۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغان ۋاقتىغا ئەجىر بەرسۇن . بەلكىم مۇشۇ ئەسەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئاجىرىشىپ كېتىش ئىھتىماللىقى بولغان ئائىلىلەرگە بەخت ئېلىپ كېلىشى ۋە شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان يىتىم بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى مۆمكىن ، قىممىتى بار بولغان ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن كۆچۈرۈپ كېلىندى)
مەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ئارىسىدا ئىمتىيازلىق چوڭ بولدۇم، ئاتا-ئانام بىلىملىك ، دىيانەتلىك زىيالىي كىشلەرئىدى، ئاللاھغا شۈكىرلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە كۆزىگە كۆرىنەرلىك ئورنى ۋە نۇپۇزى بار ئىدى. باي-باياشات ئەركە ئۆسكىنىمىگە باقماستىن دادم مىنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە پەم -پاراسەتلىك، باتۇر-شىجائەتلىك قىلىپ تەربىيلىگەن ئىدى.
ئاخبارات يېزىقچىلىقى كەسپىنى تاللىغىنىمدىمۇ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلغان بەلكى قوللاپ قۋۋەتلىگەن ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمدىن كېيىن ئىشلىشىم كېرەكلىكىدە چىڭ تۇردى، دېگەندەك چوڭ بىر ئاخبارات ئورگىنىدىكى ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىزمەتكىمۇ ئېرىشتىم.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتسام مۇشۇ چاغقا كىلىپ ھېچنېمىدىن قىسىنچىلىقىم يوق خاتىرجەم ،بەختلىك ياشاپ كەلگەن ئىدىم. ھە-راس! ئۇنتۇپتىمەن، ئالىي ئوقۇلنىمىۇ ئەلالىقنى قولدىن بەرمەي يۇقىرى نۇمۇر ۋە ئىمتىيازلار بىلەن پۈتتۈرگەن ئىدىم. خىزمىتىم كۆڭۈلدىكىدەك كىتىپ باراتتى، خىزمىتىمگە بولغان سۆيگۈ، كەسپىمدىكى تېرىشچانلقىم خىزمەتداشلىرىم ئارىسىد ھۆرمەت سازاۋەر قىلغان بولسا يازمىلىرىم ماڭا قىزىقىدىغان نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.
ئۇنى كۆرگەن شۇ كۈنگە قەدەر ھاياتىم تىپ-تېنچ ئىدى... بىكارچىلىق يازمىلىرى قىزىقىشنى قوزغىغان قەلەم ساھىبىنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىنى قوزغىغان بىر مەستانە ئوقۇرمىنىم بولۇش سۈپىتىدە كۆرۈشكەن ئىدى-مەن بىلەن، ئۇنى تۈنجى قىتىم كۆرگىنىمدە نىمىندۇر بىر نەرسىنىڭ مىنى ئۇنىڭغا تارتىۋاتقىنىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئىككىنجى قىتىم كۆرۈشكىنىدە بولسا يازمىلىرىمغا ۋە يازمىلىرىمدىن نامايەن بولغان خاراكتېرىمگە ئاشىق ئىكەنلكىنى يۇشۇرۇپ ئولتۇرمايلا ئېيتتى. بىر پەس خىيالىي دۇنياغا تاشلاپ ئۈلگۈرگىنى يۇشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن. ئەلۋەتتە ، ئەقىدەمگە بولغان ھۆرمەت تۈرۈتكىسىدە ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئارلىق قويۇپ مۇۋاپىق مۇئامىلىدە بولدۇم، مىنىڭ ئاتا-ئانام بار، ئەگەر مىنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلارنىڭ ئادرىسى-دېدىم. ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن ئىزدىگەن بىر ئوقۇرمەن ئەمدى ئۇ مېنى ئىزدىمەيدۇ-دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيۈمگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ مېنى ھەيران قالدۇرغان بولسا ئۇنىڭ بۇ پوزۇتسىيەسىي مىنى سۈيۈندۈرۋەتكەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ تويدىن ئىلگىركى نىكاھىمىز ئوقۇلدى،شۇنىڭدىن كېيىن دادام بىزنىڭ تېخىمۇ چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن ئۆزئارا ئولتۇرۇپ پاراڭلىىشىمىزغا ،ئارلىشىشىمىزغا يول قويدى. ئەسلىسەم-ئەسلىسەم تويمايدىغان ئاجايىپ شېرىن ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.
بارا-بارا شۇ چاغلاردا مەن ھېس قىلمىغان ئەمما ئۇ ئالدىن پىلانلىغان ئۈزۈلمەس تەلەپلىرى باشلانغىلى تۇردى.
-- نېمە ئۈچۈن خىزمىتىڭىزنى تاشلىمايسى، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئۇنچىلىك جىق قىزىققۇچىلىرىڭىزنىڭ بولشدىن كۆنلەيدىكەنمەن...
-- تاغا -ھاممىلىرىڭىزنى نېمانچە كۆپ زىيارەت قىلىسىز ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى تۇرسا؟!
-- دوستلىرىڭىزبىلەن تىلفۇنلاردا نېمانچە كۆپ پاراڭلىشىسىز ؟ ئۇلارنى سىزگە ئىش ئۆگىتىپ ئائىلىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەنمەن... ئۆي ئېچىدىمىۇ ئىشتان كەيمەڭ بۇ ئىسلام قىزلىرىغا مۇناسىب ئەمەس...ئۇكىڭىز بىلەن كۆپ پاراڭلاشماڭ، بازارلارغا كۆپ چىقماڭ....
ئىشتى سېرت كېيىم لايىھەلەشكە قىزىقاتتىم ، لايىھەلىگەن كېيىملىرىمنى ئۇكامنىڭ شىركىتىگە ئەۋەتىپ يامان ئەمەس كېرىم قىلاتتىم. خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا مەبلەغ سىلىپ قويغان باشقا تۈرلىرىممۇ بار ئىدى. تويدىن كېيىن بۇلارغا قاراپ بولالمىغان ئىدىم. ئاتا-ئانامنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ۋە نەسىھەتلىرىگە قارىماي ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمىتىمنى تاشلىدىم،سۈيۈملۈك دوستلىرىمدىن قەستەن يېراقلاشتىم، بارا- بارا ئالاقەمنى ئۈزدۇم. ئۇنىڭ مەمنۇنىيەت كۈلكۈسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ خالىغان ھەممە ئىشلارنى قىلدىم ، ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ كەڭرى كېيىملەرنى كېيىپ يۈردۈم، ھەممە ئىشىمدا پەقەت ئۇنىڭ رازىلقىنى ئىزدىدىم ، چۈنكى ئۇنى سۆيەتتىم...
بەلكىم ئاشۇ مىنىڭ ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالقىم بولسا كېرەك، تويىمىزنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى چېرايلىق ئۆتتى، ئانام دائىم ئېرىڭدىن ئارتۇ نەرسە سوراپ بىسىم قىلمىغىن-دەپ نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى مەنمۇ ئۇنى قۇلىقىمدا تۇتاتتىم.
ئۇ شۇ چاغلاردا ئىنتايىن ياخشى ئەر ئىدى، بىللە سېرتلارغا چىقاتتۇق. جىمىپ قالغىنىمنى كۆرسە پاراڭ سىلىپ مىنى كۈلدۈرەتتتى، ماڭا ياخشى كۆڭۈل بۆلەتتى، دائىم مىنىڭ يېنىدا بولۇشىمنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىلەيدىغان بولۇپ، بۇيەرنىڭ توي چېقىمى ئېغىر بولغاچ قەرز تۆلەش بىلەن سەل چارچىغان ئىدى. ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمنى ياكى خالىمىسا قەرىز-دەپ بىلسىمۇ بولدىغىنى ئېيتقىنمىدا قاتتىق رەت قىلدى. ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ قويغىنمىمنى بىلىپ پۇشايمان قىلغان بولسامۇ ئەمما ئۇنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىغا چىدىماي قايتا-قايتا-دەپ يۈرۈپ ئۇنى ئۇناتتىم، يېغىپ قويغان پۇللىرىمنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدن ئۆزۈمنىڭ ۋە بالىنىڭ( تۈنجى پەرزەنتلىك بولغان ئىدۇق) چىقىملىرىنى سورىمايدىغان مەبلەغ سىلىپ قويغان يەرلەردىن كەلگەن پايدا بىلەنلا ئىھتىياجىمىزنى قامدايدىغان بولدۇم. ھەر قانچە قىلساممۇ بۇ پۇللار بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى تەڭتۈشلىرىم سەرەپ قىلغاندەك سەرەپ قىلىشقا ئەسلا يەتمەيتتى ، بۇ ماڭا كار قىلمايتتى، مەيلى ئەجرىمنى ئاللاھدىن كۈتىمەن ئېرىم رازى بولسىلا بولدى، ئەڭ موھىمى ئۇنىڭ خاتىرجەملكى ، ئائىلىمىزنىڭ بەختى، مانا بۇ مەن ھەر قىتىم كونا كېيىملەرنى كېيىپ توي-تۈكۈنلەرگە بارغاندا، كونا ئابايىم بىلەن سېرتلارغا چىققاندا ئۆزۈمگە بېرىدىغان تەسەللىيىم ئىدى.
بىر كۈنى ئۇ ئىنتايىن ئوڭايسىزلانغان ھالدا كىلىپ بىر نەرسىنى دېمەكچى بولۇپ توختاپ قالغاندىن كېيىن، مەن بىر تىجارەت ئىشىغا تۇتۇش قىلغان ئىدىم شۇڭا مەبلەغ كەملەپ قالدى،شۇڭا پۇلىڭىزنى بۇنىڭغا مەبلەغ سالساق-دېدى، ئەلۋەتتە مەن ئىككىلەنمەيلا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم، ئۇنىڭ ھايات شىرىكى ئىدىم ئەمدى تىجارەتتىكى شېرىكى بولغىنىمدىن پەخرلەندىم. دەسلىپىدە ئاجايىپ قېيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۇق، ئىككى يىلغىچە ھېچقانداق پايدىسىنى كۆرمەي ئېرىمنڭ مۇئاشى، ئىككىلا ئائىلىدىكىلەرنىڭ ياردىمىنى سەرەپ قىلىۋەردۇق ، ھەتتا بالىمىزغا سۈت ئىلىشقىمۇ قىسىلغان ۋاقتلىرىمىز ئۆتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ تىجارەتنىڭ پايدىسى كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ ئېرىمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىي ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى، ھەر يىلى ماشىنا ئالماشتۇراتتى، ئۆزىگە پۇل دېگەننى ئايىماي خەجلەيتتى. پۇلۇمنى سوراپ قالسام بۇ كۆرۈنۈشلەرگە ئالدانماڭ، ھەممىسى بۆلۈپ تۆلەيدىغان قەرىزگە ئالغان نەرسىلەر دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئېغىزىمنى ئېتەتتى. مۇشۇنداق داۋاملىشىپ مەن ئىككىنجى بالامنىمۇ يەڭگىدىم.
داۋامى بار ئەلۋەتتە
ماۋزۇسى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن، ئەمما تېما ئەسەرنى چۆرىدەيدۇ، ئەسلى مەنبەدىمۇ شۇنداق بولغاچ شۇنداق ئېلىۋەردىم،باشقا مەقسەت يوق.
مەنبە:
بۇنى ئەر- خوتۇنلۇق ئالاقە پىسخولۇگىيە ئىلمىدا دوكتۇرلۇققا ئېرىشكەن ئائىلە مۇناسىۋىتىدىن مەسلىھەت بەرگۈچى ۋە لىكسىيەچى دوكتۇر نائىمە خانىمنىڭ ئۆز ئالدىغا كەلگەن بىمارىنىڭ تۇرمۇشىدىن يېزىپ چىققان بولۇپ بۇ خانىمنىڭ بۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ دائىرنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن يازما-ماقالىلىرى ۋە تور كۇرۇسلىرى بار. بۇ خانىمنىڭ دائىم دەيدىغىنى ئېرىڭىزنى چوقۇم قايتۇرۇپ كىلىڭ، ھەرگىز ئاشنىسىغا تاشلاپ بەرمەڭ. قانداق ئىشلار يۈز بېرىىشدن قەتئىي نەزەر ئائىلىڭىزنى ساقلاپ قىلىڭ، ئېرىڭىزنى تارتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇ كۈچ چىقارغاندەك سىز ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۇچ چېقىرىڭ، سىز ئېرىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلىشكە ئەڭ ھەقلىق، باشقىلارغا ئېتىپ بېرىپ مىنى تاشلىۋەتتى-دەپ قاقشىماڭ ، مەغلۇبىيەت ۋاز كېچىشدىن باشلىنىدۇ، ئېرىڭىزنى پەسەندىلەرگە تاشلاپ بېرىپ باشقا بىر نىكاھدا بەخت قازىنالمايسىز، ئەخلاقنى باللىرىڭىزنى تەربىيلەشكە ئىشلىتىڭ، ئېرىڭىزگە ئاشنا بولۇڭ، دېگەندەك...ئىشقىلىپ بۇ ئايالنىڭ توردا ئىلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرى، كۇرسىلىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدا ئىلىپ بارغا سەييارە لىكسىيەلىرى نۇرغۇن ئائىلەرنى بۇزۇلۇپ كىتىشتىن ساقلاپ قالدى- دېيىشكە بولىدۇ. خەلقىگە پايدىلىق ئەمەلىي ئىش قىلدىغان ئايالدەك كۆردۈم.
ئىككىنىجى بۆلەك

ئىككىنقى بالىغا ئانا بولغىنىمدىن كېين ئېرىمنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى تۇيغۇلىرىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتقىنىنى ئىنىق بايقىدىم، بېشىدە بەلكىم ئىقتىسادىي قېيىنچىلىق سودا بېسىمىدىن شۇنداق بولىۋاتقاندۇ-دەپ ئۆزۈمنى بەزلىگەن ئىدىم، بىراق پۇل دېگەن ئۇنىڭغا ھازىر ئىشىك-تۈڭلۈكلەردىن تارتىپ ئۇسسۇپ كىرىۋاتقان تۇرسا ئۇ قانداقمۇ مومكىن بولسۇن؟!
ھەي دۇنيا ! دوستلىرىم، ئۇنى مال-دۇنيا ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا بولغان قىزغىنلقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى، دائىم مىجەزى چۈس ئاچچىقى كىلىپلا تۇراتتى، يوقتىن -يوق ئىشلارنى بانا قىلىپ ۋايسايتتى، نېمىش قىلسام ئىۋەن تېپىىپ ياراتمايتتى، قىلغان قىلمىغان ئىشلىرىم ئۈچۈن بىھۇدە ئەيىبلەيتتى. ئىچىم سىقىلىپ بوغۇلۇپلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق پاراڭلىشىپ سەۋەبىنى بىلىپ باقماقچى بولغان بولساممۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ھەر قىتىم پارىڭىمىز جىدەل-ماجراغا ئايلنىىپ ئاخرلىشاتتى. بىر قىتىم ئۇنىڭدىن يېقىن بىر يەرگە سەيلىگە ئىلىپ قىشنى تەلەپ قىلدىم، بىراق ئۇ رەت قىلدى، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ تۇرىۋالدىم ، ئۆيىڭىزگە بىرىپ ئۇلار بىلەن چىقىڭ مىنىڭ ۋاقتىم يوق ئالدىراشمەن - دېدى قوپاللىق بىلەن، ئۇنىڭغا مەن بەك زېرىكىپ كەتتىم سىز بىلەن چىققۇوم بار ئۇزۇن بولدى بىرگە بىر يەرلەرگە بېرىپ باقمىدۇ،ق سىزنى سىزنىڭ سۆھبىتىڭىزنى شۇنچىلىك سېغىندىم- بىرگە چىقايلىچۇ دېدىم ئۇنىڭغا ئەركىلەپ... شۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايىدا پەيدا بولغان يېرگىنىش مەڭسىتمەسلىك كۆرۈنۈشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلى بېقىڭلارچۇ؟ ئاھ خۇدا تېنىم شۇركىندۇ ئويلىسام... ئۇ شۇ قورقۇنۇچلىق قىياپىتى بىلەن يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە پارتىلىدى: -- ھە-نېمە؟! سەن بىلەن سەيلىگە چىقامدىمەن ، مىنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ، سەن بىلەن ئۆيدە ياشاۋاتقىنىم يەتمىگەندەك كوچىلاردىمۇ قولتۇقلاپ يۈرەمدىم ئەمدى سىنى؟سەندىن زىرىكتىم، بەزدىم، بولدىما؟ سەندە نېمە يېڭىلىق قالدى؟ ۋاي بولدىلا سەن چۈشەنمەيسەن سەن نېمىنى چۈشىنەتتىڭ؟!!! ئۇ شۇنداق دېگىنچە ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ چېقىپ كەتتى...قۇلقىمدا ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەكىس سادا قايتۇرۋاتاتتى ... يۈرىكىمنى تاتىلاپ جاراھەت- يارىلارنى پەيدا قىلىۋاتاتتى ...سەن نېمىنى چۈشىنەتتىڭ؟!!! گۇيا ئۆزۈمنى تىگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك بار ئاۋازىم بىلەن ۋاقىراۋاتقاندەك ھېچكىم ئاۋازىمنى ئاڭلىمايۋاتقاندەك،..مىنى ئۆزۈممۇ تونىمايدىغان خورلانغان، تاشلىۋىتىلگەن ئۈچ كۆرۈلگەن،ماڭا ئىنتايىن يات بولغان بېشىنى كۆكسىمگە قويۇپ يىغلاۋاتقان ئىڭراۋاتقان، بارچە ئەلىمى بىلەن ۋاقىراۋاتقان ئۇ تامامەن ۋايران قىلغان بىرىنىڭ سۆھبىتىگە تاشلاپ قويۇپ چېقىپ كەتتى...
بىر مەھەل ئىسىمنى يوقىتىپ نېمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم ، راس دوستلىرىم پەقەت بىلمدىم، ئانامغا تىلفۇن قىلدىم ، ئانام بولدى سەبىر قىلىڭ قىزىم ، ھەر قانداق بىر ئەركىشى بۇنداق مەزگىللەرنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ ھېچقىسى يوق، ئەمما سىز پەقەت چاندۈرماڭ، ياخشى مۇئامىلدە بولۇڭ، ھەققىنى پەقەت كەم قويماڭ، ئڭشىلىپ كىتىدۇ-دەپ نەسىھەت قىلغان بولدى. ئەجابا مىنى مۇشۇنچىۋالا خورلىغان ئاھانەت قىلغان قەلبىمنى جاراھەتلەندۈرگەن ئىشلارنى شۇنچىلىك ئاسان ئۇنتۇپ كىتىمەنما؟!
ئۇنىڭغا گەپ قىلماي جىممىدە بولىۋالدىم، ئامال بار ئۇ بار ئۆيلەردە بولماسلىققا تېرىشتىم، خاتالقىنى ھېس قىلسا كەچۈرۈم سورىسا-دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما بىر كۈن ئۆتتى ، بىر ھەپتە ئۆتتى، بىر ئاي ئۆتتى... ھەتتا ئۈچ ئاي ئۆتۈپمۇ كەتتى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇن چىقمىدى.
شۇ كۈنلەردە ئۇكام تىلفۇن قىلىپ تويدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىشىپ ئىلىپ قويغان پاي چىكىمىز ئادەمنى قىزىقتۇردىغان دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتكەنلىك خۇش -خەۋىرىنى يەتكۈزدى،ھەم شۇنچىلىك مۇھەببەت كۆيىنىش بىلەن مەسلىھەت سىلىپ پاي چېكىنى ساتايلىمۇ-دېدى، مەنمۇ چوڭقۇر ئىھتىرام ۋە مۇھەببەت بىلەن ئۆزۈڭ قايسىسى توغرا دېسەڭ شۇنى قىلغىن ئۇكام دېدىم. شۇنىڭ پاي چېكىنى( 750000) جۇنەيگە ساتتۇق، بۇنىڭدىن مىنى نېسىۋەم (370000) جۇنەيھ بولاتتى. ئۇكام پۇلنى ئەكەپ بەرگىلى ئۆيىمىزگە كەلگەندە ئېرىم يوق ئىدى. ئۇ ماڭا پۇلنى بىرىۋىتىپ مەن ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغان بىر سۆزنى قىلدى: ( پۇلىڭىزنى ئوبدان ساقلاڭ بۇنىڭدا سىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق)
كەچتە ئېرىم ئادەتتىكىدەك كېيىم ئالماشتۇرۇپ كىچىلىك ساياھىتىنى تاماملاش ئۈچۈن قايتىپ كىلىپ باغلام پۇللارنى كۆرۈپ ئۈچ ئايدىن بىرى تۈنجى قىتىم ماڭا گەپ قىلدى، بۇ پۇللارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلكىنى سورىدي. ئۇنىڭغا -دەپ بەردىم، ئۇ يەنە باشقا ئىلىپ قويغان پايچىكىم بار يوقلقىنى سورىدى مەن يوق-دەپ جاۋاپ بەردىم ئەمەليىەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇكامنىڭ نامىدا ئىلىپ قويغان باشقا پايچەكلىرىممۇ بار ئىدى، ھەمدە مەبلەغ سىلىپ قويغان باشقا تىجارەتلىرىممۇ بار ئىدى. دادام بۇلارنى ئېرىڭىزغا دېمەڭ، سىر تۇتۇڭ -دەپ قاتتىق تاپىلىغان ئىدى. ئەڭ موھىمى ئۇ پۇلنى قويۇپ پىجامىسىنى ( ئۇخلاش كېيمى) كېيىپ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى،ھېچ ئىش بولمىغاندەك مىنى قۇچاقلىدى توۋا!!!
ئەتتىگەندە پۇلنى ئامانەت قويىۋىتەي-دېدىم، مەن قويۇپ بېرەي-دېدى ئۇ، مەن بارمىسام مىنىڭ ئىمزايىمسىز قويالمايسىز-دېدىم. ئۇ بولىدۇ مەن سىزنى ئۆزۈم ئەتە ئاپىراي-دېدى، ماقۇل بولدۇم. ئۇ ئەتە- ئەتە دەپ كەينىگە تارتىۋەردى،ۋە بىر ئاينى ئۆتكۈزىۋەتتى. مۇۇ بىر ئاي جەرياندا ماڭا بولغان مۇئامىلىسى سەكسەن گىرادۇس ئۆزگەردى، مەن ئەڭ شېرىن گەپلەرنى ئاڭلاتتى، ئەڭ چىرايلىق كېيىملەرنى ئىلىپ بەردى، مىنى سەيلىلەرگە ئىچىقتى.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز بەك غەمكىن سالپايغان ھالەتتە قايتىپ كىلىپ كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ چوڭقۇر ئوھ تارتىپ ياتتى، مەن نېم بولدى مىجەزىڭىز يوقمۇ-دەپ سورىدىم. ئۇ چوڭ خاتالقدقن بىرنى ئۆتكۈزۈپ قويدۈم. ماشىنا تىجارىتىگە تۇتۇش قىلغانتىم قەرىزگە، ماشىنىلار سېتىشقا بولمايدىغان ئۆلچەمسز بولۇپ چىقدى، قەرىزنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسام تۈرمىگە كىرىشىم مومكىن. مەن بىر خىل غىرىبلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۇنىڭ مىنىڭ بىپەرۋالقىمدىن پايدلىنىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىردى ۋە مىنڭ پۇلۇمدىن قەرىزىڭىزنى قايتۇرۇڭ-دېدىم . ئۇ كىلىپ مىنى تەسىرلەنگەندەك قىلىپ باغرىغا باستى ، ئەمما مەن قۇرۇق جەسەتتەك ھېچنىمىنى ھېس قىلمىدىم... بۇ ئادەم مەندىن پايدىلىنىۋاتاتتى.
كىشلەردىن ئۇنىڭ تۈگىمەس سەپەرلىرى ناشايان ئالاقىلىرى قۇلقىمغا كىرىپ قالاتتى ، ئەمما ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئۇ دائىم سېرتلاردا يۈرەتتى، ھاياتىمىز ئىنتايىن سوغۇق ھېچقانداق يېڭىلىق يوق داۋاملىشىۋاتاتتى. مەن كۈن بويى كەيپىياتىم ناچار چىچىلاڭغۇ يىغلاڭغۇ بولۇپ قىلىۋاتاتتىم، بۇ ناچار كەيپىياتىمنىڭ باللىرىمغا سەلبىي تەسىرى بولىۋاتقىننى ئۇلارنىڭمۇ چۈشكۈن ، ئەسەبي، قەغىش بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلغىنىمدا پىسخولۇگىيە دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىش نېيتىگە كەلدىم.
دوىتۇر يېرىم سائەتچە گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر مۇنچە دورىلارنى بىرىپ ۋاقتىدا ئىچىپ بېرىڭ-دېدى، ئاچچقىمدا ۋاقىراپ كەتتىم، مۇشۇ دورىلار بىلەنما! ماڭا نەسىھەت قىلمامسىز؟ يول كۆرسەتمەمسىز؟قېيىنچىلقىمنى ھەل قىلمامسز؟تېخىمۇ نىرۋىلىرىم چېچىلغان ھالدا يېنىپ چىقىۋىتىپ ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر چوڭ بىر قېيىنچلىققا دۇچ كەلگىنىمنى تۈنجى قىتىم تونۇپ يەتتىم، مەن راستىنلا قېيىن بىر شارائىتكە دۈچ كەلگەن ئىدىم ئۇنى دوختۇرلار ھەل قىلالمايتتى.
ئاچامغا تۈنجى قىتىم ئەھۋالىمنى ئېيتتىم، ئاچام شۇنچىۋالا ئىشلار بوپ كەتسىمۇ بىزگە دېمەپسەن دېگەننى قىلدى، بۇنى چوقۇم ھەل قىلىشىمىز كېرەك-دەپ مىنى بىر قانچە ئائىلە مۇناسىۋىتىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورۇنلىرىغا ئىلىپ بارغان بولدى، ئېرى ئۈچۈن قانداق ياسىنىش، كارۋاتتا قانداق بولۇش، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ، ھەققىنى قانداق ئادا قىلىش ھەمكارلىق دېگەندە تەكرار تېمىدىكى تەربىيلەش كۇرسىلارغا قاتناشقانمۇ بولدۇم. ئەمما منىڭ ھالىتىم بۇلارغا تۈپتن ئوخشىمايتتى، مەن بۇلارنىڭ ھەممىنى قىلاتتىم، ئۇنى سۆيەتتىم يول قوياتتىم،ھەممە ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلاتتىم، قانداق يەردە قانداق قىلىشنى ئوبدان بىلەتتىم.
ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم، بولۇپمۇ ئاچام ئىشىمنى بىلگەندىن كۈن بويى مەندىن ئەسىرەپ قايغۇرۇپ كىتىۋاتاتتى، بۇ ماڭا تېخىمۇ بىسىم بولغان ئىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بېرىدە مۆجىزە يۈز بەردى. 
(داۋامى بار ، مەزمۇن ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن 4 كە بۆلۈنۈپ يوللاندى )

ھەپتىلىق تەۋسىيە
ئاياللار، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلمىغۇلۇق
ئاياللار، قىلىش...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 4 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 3 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 2 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى1 - ئائىلىڭىز ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى
پەرزەنتىلەرنى ت...
دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار
دوستلۇق بىلەن مۇ...
ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخىرلىنەمسىز
ئېرىڭىزنىڭ «قىز ...
خانىم- قىزلارنىڭ زور بايلىقى «شەرم- ھايا»
خانىم- قىزلارنىڭ...
شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى
شى جىنپىڭنىڭ تەر...
ئەڭ يىڭى كىنولار
ئەڭ يىڭى سۈرەتلىك ناخشىلار
ئەڭ يىڭى بوكىسلار
ئەڭ يىڭى كۈلدۈرگىلەر
تور بېكەت ھەققىدە|مۇلازىمەتلەر|سەھىپىلىرىمىز|ئېلان بېرىڭ|ئالاقىلىشىڭ|ھەمكارلىشىڭ|بېكەت خەرىتىسى|پىكىر بېرىڭ|قوللىغۇچىلار
Copyright @ 2011-2012 Bashlan corporation , All Rights Reserved
بىكەت مەسئۇلى :ئەكبەر بارلىق ھوقوق : ئەرۋاھ تورتىخنىكا مەركىزىگە تەۋە
نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ئىلان ئالاقە-ھەمكارلىق : 13899990941
:::باشلان تورىنىڭ دوستانە ئۇلانما تۇغى: :::توربىكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ :::
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قىلايلى
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن
مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
新ICP备13000980号-2