باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

| شىئىر | ھىكايە | يۇمۇر،كۈلكە چاقچاق | مەشھۇر شەخسلەر | پوۋسىت | ماقالە
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ماقالە >>

تۈركلەرنى ئورۇنسىز تىللىماڭ

 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网      ۋاقىت:2014-03-07 14:03:20
تورلاردا تولا تۈركىيەنى تىللايدىغانلار كۆپىيىپ قالدى ، شۇڭا كۆپچىلىك بىلەن مۇنازىرلىشىپ باققۇم كېلىپ بۇ تېمىنى يوللىدىم .
...
مۇشۇ يېقىندا دۆلىتىمىز ۋە تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ قېرىنداشلىرىمىزئارىسىدا ئۈن دىدار ياكى مۇنبەرلەردە بولسۇن تۈركىيە توغرىسىدا ھەرخىل مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىشلار پەيدا
بولىۋاتىدۇ . كىشىلەرنىڭ بۇمەسىلىدە ھەرخىل قاراشتا بولىشى نورمال ئەھۋال ئەلۋەتتە.
بىراق قارغۇلارچە ھۆكۇم چىقارساق مېنىڭچە توغرا بولماس.
خوش، تۈركىيە بىز ئۇيغۇرلارغانىسبەتەن زادى قانداق؟ بىز مۇشۇ توغرىسىدا بىر مۇنازىرىلىشىپ باقساق.
باش مېنىستېر ئەردوغاننىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭغا كېلىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس.
خەلقارا قائىدە بويىچە دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆز ئارا زىيارەت قىلغاندا ئالدى بىلەن ساھىپخان دۆلەتنىڭ پايتەختىگە باراتتى ، لىكىن ئەردوغان27يىلدىن بۇيانقى تۈركىيەيۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ دۆلىتىمىز جۇڭگوغا بولغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتىنى ئۈرۈمچگە توختاتتى . بۇنىڭ سەۋەبىنى تۇركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇت ئوغلىنىڭ جوڭگو مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 《تۈرك بىلەن ئۇيغۇرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ،ئۇيغۇرلار تۈركىيە جوڭگو مۇناسىۋىتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۇك》 دىگەن سۆزىدىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
يېقىندا 《ئۇيغۇربولسىڭىز تارقىتىڭ 》 دىگەن بىر پارچە خەت ئۈن دىداردا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا
قىلدى . شۇنى تارقاتقۇچىلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم تارقاتقان خېتىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق
سەنئەتكارلىرىمىز تۇركىيەدە ئويۇن قويغاندا تۈركلەر ئويۇن كۆرگىلى كىرمىدى دىيىلگەن .
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ سەنئەتكارلار ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە تەلىپى ۋە تەكلىپى بىلەن مەشرەپ ناملىق
ناخشىنى ۋە باشقا سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئېلىپ چىققان ،شۇنداقلا تۇركىيە تىلىۋىزىيە قاناللىرىدا قويۇلغان .
ھەم شۇۋاقىتتا تۈركىيەدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش ئويۇنى قويۇلغان، ئۇ ھۆكۈمەت
ئورۇنلاشتۇرغان ئويۇن بولغاچغا بېلەت سرتقا سېتىلمىغان ۋە تەشۋىق قىلىنمىغان ، ئۇنداق ئەھۋالدا
بىزيەنە تۈركلەر كىرمىدى دەپ خاپا بولساق توغرا بولامدۇ؟
ئىشەنچلىك خەۋەرگە قارىغاندا بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىز تۈركىيەگە بىرنەچچە قېتىم ئويۇن قويۇپ چىقىش جەريانىدا تۈركىيەدە نەچچە مەيدان سودا خاراكتىرلىك ئويۇن قويسا كۆرۇش نىسپىتىنىڭ
يۇقىرى بولۇشىغا كۆزى يېتىپتۇ .
تۈركىيەگە ساياھەتكە چىققان كاللىسى ئوچۇقراق كىشىلەردىن سوراپ بېقىڭ ، ئۇيغۇرلىقىڭىزنى بىلگە ندىن كىيىن كۆپ قىسىم تۈركلەر ئالاھىدە ياخشى مۇ ئامىلە قىلىدىكەن . تارىخ كىتاپلىرىدا ئۇيغۇر
توغرىسىدا مەخسۇس دەرىس ئۆتىلىدىكەن . ئەتراپىمىزدىكى بىزگە تىل-يېزىقلىرى تۈركتىن يېقىنراق دۆلەتلەرگە چىققانلاردىن سوراپ بېقىڭ ، ئۇلار ئۇيغۇرلىقىڭىزنى بىلسە سىزگە قانداق مۇئامىلىدە بولىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە خەلقارادا ئۇيغۇرنىڭ ياخشى گېپىنى ئەڭ كۆپ قىلىدىغىنى يەنىلا تۈركىيەكەن . مەن بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن خەنچە توربەتلەردىكى تۈركىيەگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆرۈپ چىقتىم.
ھېچقانداق دۆلەت ئۇيغۇر توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلىگى ۋە ئىشلەتكەن
سۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىگى جەھەتتە تۇركىيەگە يېتەلمەيدىكەن ، قالغىنىنى تورداشلار ئۆزى چۈشىنىۋا لسا بولىدۇ .

ماۋۇ يېقىندا كىرىيەدە يەر تەۋرىسە قېنى تۈركلەر ياردەم قىلمىدى دەيدىغانلارمۇ چىقتى .
بەك كۈلكىلىك ،ئەگەر تۈركىيە مۇشۇ يەر تەۋرەشتە كىرىيەگە ياردەم قىلسا ئۇ خەلقئارالىق ياردەم
بولىدۇ .ھېچقانداق ئۆلۈم يېتىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيە ياردەم قىلىمەن دىسە جۇڭگونى
زاڭلىق قىلغاندەك ئىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيدىغانلارمۇ بار ئەلۋەتتە.

يېقىندا مۇشۇ ئورۇنسىز ھالدا ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي ياخشىراق ئويلاشمايلا بىكاردىن -بىكارتۈرك ئۇنداق ، تۈرك مۇنداق دىگەن سۆزلەرنى ئاڭلىسام ئاچچىقىم كېلىدىغان بوپ قالدى .
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك نۇرغۇن ئىسپاتلار ئالدىمىزدا تۇرسا يەنەشۇلارنى نىمىشقا تىللايمىز ؟

بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ تازا جىڭغا ئولتۇرمايدىغان باھانىلار بىلەن تۈرك ۋە ئۇيغۇر لارنىڭ ئوتتۇرىسىغا قەستەن سوغۇقچىلىق سېلىشى گۇمانلىق ئىش ، ئۇنى يوللىغان ئادەم چوقۇم ئۇيغۇر بولۇشى ناتايىن ! بۇنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ!{:11:}

مېنىڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، يىمەك -ئىچمەك ساھەسىدە بولسۇن ياكى سەنئەت ساھەسىدە بولسۇن
ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭكىنى قوللايلى . بىراق ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ تاللاپ توغرىسىنى قوللايلى . تۈركلەر بىزنى بىزنىڭ
قېرىندىشىمىز دەپ قوللاۋاتقان بولغاندىكىن ئۇلارنىمۇ ئۆز يولىدا قوللاپ قويايلى ، تىللىمايلى !
مەنبە:ماكان مۇزىكا مۇنبىرى
ھەپتىلىق تەۋسىيە
ئاياللار، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلمىغۇلۇق
ئاياللار، قىلىش...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 4 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 3 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى 2 - ناملىق ئەسلىمىنى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
ئېرىمنىڭ ئاشنىسى1 - ئائىلىڭىز ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇڭ
ئېرىمنىڭ ئاشنىس...
پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى
پەرزەنتىلەرنى ت...
دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار
دوستلۇق بىلەن مۇ...
ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخىرلىنەمسىز
ئېرىڭىزنىڭ «قىز ...
خانىم- قىزلارنىڭ زور بايلىقى «شەرم- ھايا»
خانىم- قىزلارنىڭ...
شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى
شى جىنپىڭنىڭ تەر...
ئەڭ يىڭى كىنولار
ئەڭ يىڭى سۈرەتلىك ناخشىلار
ئەڭ يىڭى بوكىسلار
ئەڭ يىڭى كۈلدۈرگىلەر
تور بېكەت ھەققىدە|مۇلازىمەتلەر|سەھىپىلىرىمىز|ئېلان بېرىڭ|ئالاقىلىشىڭ|ھەمكارلىشىڭ|بېكەت خەرىتىسى|پىكىر بېرىڭ|قوللىغۇچىلار
Copyright @ 2011-2012 Bashlan corporation , All Rights Reserved
بىكەت مەسئۇلى :ئەكبەر بارلىق ھوقوق : ئەرۋاھ تورتىخنىكا مەركىزىگە تەۋە
نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ئىلان ئالاقە-ھەمكارلىق : 13899990941
:::باشلان تورىنىڭ دوستانە ئۇلانما تۇغى: :::توربىكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ :::
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قىلايلى
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن
مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
新ICP备13000980号-2