مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئاپتاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» سەھنىسى تور بېكىتى 18-ئىيۇن ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئالاھىدە قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. باشقا يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك مەزمۇنلار ناھايىتى تەپسىلىي بولۇپ، يەنە مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. باشقا يىللاردىكى پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمى، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشقا تۈرلەرنى ئېلان قىلغانغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار تېخىمۇ تەپسىلىي بولدى، بولۇپمۇ ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئېرىشكەن قوبۇل قىلىش ئېتىبارلىق نومۇر قىممىتىمۇ بىرمۇ-بىر شەرھلەندى. بۇلتۇر جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى سەي روڭشېڭ دېلوسىدا، مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چىرىكلىك ئەھۋالى ساقلانغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشقا يۇقىرى تەلەپ قويدى.