ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 122 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى 16–ئىيۇندىن باشلاپ مەركەزلىك تۈزىتىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مۇلازىمىتىدىن ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي ئىجرا ئىدارىسى) نىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شەھىرىمىزدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى مەركەزلىك تەكشۈرىدىكەن .
ئالاقىدار خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىل توختىتىشتا ئەگەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى خىزمەتچىسىنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تاقىمىغانلىقىنى بايقىسا ھەق تۆلەشنى رەت قىلسا بولىدىكەن ، شۇنداقلا 7777775 غا ياكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى 12358 غا تېلېفون قىلىپ، پاش قىلسا بولىدىكەن.