جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-ئىيۇن تېلېگراممىسى : ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 17-ئىيۇن، شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا مەزگىللىك قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تاغ كەلكۈنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
18-ئىيۇن سائەت 9:00 غىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمسار ناھىيەسى قاتارلىق جايلارددىكى 2100 ئادەم ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ، بىر ئادەم سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن، 100 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان ، 100 گېكتاردىن ئارتۇق كۆلەمدىكى زىرائەت زىيانغا ئۇچراپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان تۆت مىليون يۈەندىن ئاشقان .