پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن باشقىلارنىڭ نامى بىلەن ئوقۇشقا كىرىش ھادىسىسى بايقالسا بۇ تولۇق ھەقىقىتى بىلەن ئىناۋەت ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىشى كېرەك، بۇنداق ئەھۋال تىزىمغا ئالدۇرۇش باسقۇچىدا بايقالسا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ، ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن بايقالسا ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ، ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن بايقالسا قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ۋە ئوقۇش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بايقالسا مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئونۋان گۇۋاھنامىسىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ شۇنداقلا بۇ گۇۋاھنامىلار مەكتەپكە قايتۇرىلىدۇ، ئىگەللىنىشىچە، ئاۋام ئېلېكتىر خەت ساندۇقى ۋە پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق پىكىرى بەرسە بولىدىكەن، پىكىر بېرىش 26-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىكەن.