باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

‹‹يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ››

مەنبە : cntv يوللانغان ۋاقىت :2014-06-06 12:59:40




 70 نەچچە دىنىي زات 4–ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى مەسچىتىدە ‹‹22–ماي›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىغانلىقىنى قەتئىي قوللاپ، دىنىي زاتلارنىڭ بىر سەپتە تۇرۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئورتاق پاش قىلىپ ۋە ئەيىبلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشىنىڭ قەبىھ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ‹‹ <غازات> يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ ›› دېگەن زەھەرنى يوقىتىشقا ئۈندەپ، جىنايەتچىلەرنىڭ ‹‹لەيلۇن دوزاخقا مەھكۇم ئىكەنلىكى››نى قەيىت قىلدى، دىنىي ساھەنىڭ ‹‹ئەسەبىيلىكنى يوقىتىپ››، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا دىنىي قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشقا يېتەكلىدى.

بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلغان زوراۋانلار لەيلۇن دوزاخقا مەھكۇم

[ باشقىلارغا رەھىم قىلىش ئەمەس بەلكى زىيانكەشلىك قىلىش، ھەتتا بىگۇناھ ئاممىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈش بۇ ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ قىلمىشى ئەمەس، زوراۋانلار بۇ قىلمىشى بىلەن لەيلۇن دوزاخقا مەھكۈم بولىدۇ، خالاس.]

مۆھتەرەم شېرىپ داموللا:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقىي بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆلچىمىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشى باشقا مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنىڭ تىلى، قولى ئارقىلىق ئەرزىيەت قىلمايدۇ، ھەقىقىي مۆمىن كىشى باشقا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زامىن بولمايدۇ، ما–مۈلكىگە تەھدىت سالمايدۇ››.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىدە، مۇسۇلمان كىشىنىڭ قەلبىدە ئىنسانىي قېرىنداشلىق ھېسسىياتى بىلەن ئىسلامىي قېرىنداشلىق ھېسسىياتىنىڭ بولۇشىنى، ھەر ئىككى خىل قېرىنداشلىق ھېسسىياتى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمان كىشى قولى، تىلى بىلەن باشقا مۇسۇلمانلارغا ئەرزىيەت يەتكۈزمەيدىغان بولۇش، باشقىلار مۇسۇلمان بولسۇن ياكى مۇسۇلمان بولمىسۇن ئۇلارنىڭ جېنىغا، مال–مۈلكىگە تەھدىت سالمايدىغان، ھەتتا ھاياتىغا زامىن بولمايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە تىنچ–ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

شۇڭا بىز ئىسلام دىنىمىزنى تىنچلىقنى سۆيىدىغان، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، تىنچلىقنى قوللايدىغان دىن دەپ قارايمىز. مۇشۇ ئاساستا، تىنچلىقنى سۆيۈش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەزىلىتى، شۇنداقلا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپاسى. شۇڭا تىنچلىق دائىم مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلار ئۆزئارا كۆرۈشكەندە، ئۇلاردىن ئالدى بىلەن تىنچلىق تىلەش مەنىسىدىكى ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›› دېگەن ئىبارە بىلەن ئامانلىق سوراپ، قارشى تەرەپكە خاتىرجەملىك تىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.

شۇنداقلا ئىسلام دىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تىنچلىقنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى، تىنچلىقنىڭ بەخت – سائادەتلىك تۇرمۇشنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ھەمدە جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىز ھەر دائىم دۇئا قىلغاندا ‹‹ئەي ئاللا! سەن بىزگە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ئاتا قىلغايسەن!›› دەيمىز.

بۇ قېتىمقى دۇنيانى چۆچۈتۈۋەتكەن 22–ماي زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ۋەقەسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئاشۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن زوراۋانلار ئىسلام دىنىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەشەببۇسلىرىغا خىلاپ ئىشلارنى سادىر قىلدى.

ئىسلام دىنىمىزنىڭ تىنچلىقنى، كەڭچىلىكنى، دوستلۇقنى تەشەببۇس قىلىش روھىدىن چەتنەپ كەتتى. شۇڭا بۇ قىلمىشقا دۇنيا خەلقى نارازى بولدى، ئەيىبلىدى. بۇ جىنايى قىلمىشتا ھەر مىللەت خەلق تالاپەتكە ئۇچرىدى. بۇ قىلمىش ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، مەدەنىيەتكە قارشى ۋە جەمئىيەتكە قارشى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى. شۇڭا بىز بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشىغا نەپرەتلىنىمىز ھەمدە قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىغان بۇنداق ئەسەبىيلەرچە قىلمىشقا ئىسلام دىنىمىز ھەرگىز يول قويمايدۇ، شۇنداقلا بىز مۇسۇلمانلارمۇ قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ مەخلۇقاتلىرى، ئاللانىڭ بەندىلىرى. شۇڭا ئىسلام دىنىمىزدا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئاللانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا رەھىم قىلىشى، ھېسداشلىق قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ھەمدە ئادىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹‹باشقىلارغا رەھىم قىلمىغان كىشى رەھىمگە ئېرىشەلمەيدۇ››.

يەنە مۇنداق دېگەن: ‹‹سەن ئاللانىڭ زېمىنىدىكى مەخلۇقاتلىرىغا رەھىم قىلساڭ، ئاسماندىكى ئاللا ساڭا رەھىم قىلىدۇ››.

شۇڭا ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن رەھمەت دىنى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ھەر ۋاقىت بۇ دىننىڭ ئىللىقلىقى بىلەن، يېقىملىقلىقى بىلەن، ياخشىلىقلىقى بىلەن باشقىلارغا ياخشى تەسىر كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەكسىچە، باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشنىڭ ئورنىدا، ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە ناھەق ئۆلتۈرۈش، ئۆزىنى ۋەيران قىلىپ ئۆلتۈرۈش ھەرگىزمۇ بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. بىگۇناھ ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈش ئىسلام دىنىدىكى يەتتە چوڭ گۇناھ قاتارىدا سانىلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئاللا تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىگە ماس كەلمەيدۇ:

ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دېگەن: ‹‹سىلەر ئۆزۈڭلەرنى (بىر–بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرۈۋالماڭلار! ئاللا سىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، چۈنكى كىمىكى چەكتىن ئېشىپ، ھەقتىن چەتنەپ چەكلەنگەن بۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنى ئۇزاققا قالماي دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاغا ئاساندۇر، ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (جەننەتكە) كىرگۈزىمىز. (سۈرە نىسا 29\\31 – ئايەتلەر)

ئىسلام دىنى ھەرقانداق جىنايى ئامىل ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەيدۇ

[ ئىسلام دىنى ھەرقانداق جىنايى ئامىل ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەيدۇ، چۈنكى بۇلار ھالاكەت بەلبېغى. ئاللانىڭ پەيغەمبىرى مۇنداق دېگەن: سىلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلىشتىن ئېھتىيات قىلمىساڭلار، ئەجدادلىرىڭلار شۇ ئاشقۇنلۇق تۈپەيلىدىن يوقالغان بولاتتى].

جارۇللا قۇربان داموللا:

ئىسلام دىنى تىنچلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشقۇنلۇق قىلمايدىغان دىن. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىسلام دىنىمىزنىڭ توغرا يولىدۇر. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دېگەن: ‹‹(ئى مۇھەممەد) ئاللا سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) ئاللانىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللا قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (سۈرە ھۇد 112–ئايەت) ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىمىزدىكى رىئايە قىلىدىغان پىرىنسىپلاردىن ئىبارەت. ئاللانىڭ مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرۈشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇراھال يولدا چىڭ تۇرغانلىقى، ئىبادەتلەردە ئاشقۇنلۇق قىلماي ئوتتۇراھال يول تۇتقانلىقىدۇر.

ئىسلام دىنى ھەرقانداق جىنايەت سەۋەبلىرىنى ۋە دىن ئەسەبىيلىكىنى توسىدۇ، چۈنكى بۇلار ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ‹‹سىلەر دىندا ئاشقۇنلۇق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. ھەقىقەتەن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر ئاشقۇنلۇق قىلغانلىقتىن ھالاك بولۇپ كەتكەن.›› (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) ئىسلام دىنى زېمىنىدا ئەسكى ئىشلارنى قىلىدىغانلارغا جازالارنى بېكىتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكى بىگۇناھ كىشىلەرنى قورقۇتۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدى، ئۆز مىللىتىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزدى. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئاللا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك.›› (سۈرە مائىدە 33–ئايەتنىڭ بىر قىسمى)، يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن. ‹‹(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار، (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ،›› (سۈرە يۇنۇس 27–ئايەتنىڭ بىر قىسمى) كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئاشۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلغۇچى تېررورچىلار ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

ئىككىلا ئالەمدە خەير – ساخاۋەتلىك مۇسۇلمان بولايلى

[ ھەدىستە ئېيتىلغىنىدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن يولدا مېڭىپ، ئىككىلا ئالەمدە خەيرلىك مۇسۇلمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.]

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا داموللا:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹‹بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن، گويا مەڭگۈ ياشايدىغاندەك، ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن، گويا ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك.›› ئىسلام دىنى ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇدۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى بايانلىرىدا، ئىنسانغا قىيامەتتە مۇشۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دەيدۇ: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋىس جەننەتلىرى بولىدۇ . (سۈرە كەھف 107–ئايەت)

‹‹جەننەت›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹‹باغچا›› دېگەنلىك بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەڭ ياخشى قارارگاھى. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە جەننەتنى كىشىلەر نېمىنى ئارزۇ قىلسا، نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇ ھازىر بولىدۇ دەپ تەرىپلەيدۇ. جەننەتنىڭ ئەكسى بولغان دوزاختا، ئوتتىن قىلىنغان كەش، ئوتتىن بولغان كۆرپە–سېلىنچا ۋە ئوت بىلەن جازالاش قاتارلىق ئازابلار بار دەپ سۈپەتلەيدۇ. دۇنيادا گۇناھ ئۆتكۈزگەن گۇناھكارلار ئاخىرەتتە جازاسىنى تارتىدۇ.

كىملەرنىڭ دوزاخقا كىرىشىنى ئاللا بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇناھ ئۆتكۈزگەن، ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلار ھەققىدە ‹‹قۇرئان كەرىم›› دە مۇنداق دېيىلگەن: (بۇ مۇناپىقلار) ئاللاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كىمىكى قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ ئەڭ چوڭ رەسۋالىقتۇر. (سۈرە تەۋبە 63 – ئايەت) ئاللا تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ – باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ. ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ. ھەر قاچان ئۇلار (يېتىۋاتقان) غەم–قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، (ئۇلارغا) كۆيدۈرگۈچى (دوزاخ) ئازابىنى تېتىتىڭلار (دېيىلىدۇ) (سۈرە ھەج 20–، 21–، 22–ئايەت) .

‹‹دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز.›› (سۈرە ئەئراف 41–ئايەت)

ئاللا تائالا ھەممىمىزنى ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئاخىرەتتە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىشكە نېسىپ قىلغاي ! رەسۇلىللا بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھىدايەت يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۇنيالىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغاي !

تەقۋادار، مۆمىن مۇسۇلمانلار جەننەتكە كىرىدۇ

[ ئىسلام دىنى بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئەمەس قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۆلگۈنچىلىكنى ئەمەس ئىتتىپاقلىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ] .

ئابدۇرەشىد داموللا:

ئىسلام دىنى بىزنى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ھەم بارلىق ئادىل بولمىغان ئىشلارنى قىلىشتىن قەتئىي چەكلەيدۇ. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹(ئى مۇھەممەد ! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى ھارام قىلدى،›› (سۈرە ئەئراف 33 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ئىسلام دىنى زېمىنىدا باشقىلارغا يامانلىق قىلغان كىشىلەرنى ئەيىبلەيدۇ. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دەيدۇ: ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللا بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ.›› (سۈرە بەقەرە 205 – ئايەت) ئىسلام دىنى زېمىنىدا باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان گۇناھكارلارنى ئەيىبلەيدۇ ھەم بارلىق چەكتىن ئاشقان قىلمىشلارنى چەكلەيدۇ. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر، ئۇلار دوزاخقا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) ‹‹دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار›› (دېيىلىدۇ)›› (سۈرە قەمەر 47 –، 48 –، ئايەتلەر) كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، زېمىندا يامان ئىش قىلغانلارنى، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاللا تائالا دوزاخقا كىرگۈزىدۇ ھەمدە دوزاخنىڭ قاقشاتقۇچ ئازابىنى تېتىتىدۇ.

ئىسلام يولى زېمىننى گۈللەندۈرۈش يولى، ھەرگىزمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ھەممە يەردە گۇناھ ئىش قىلىدىغان ئېتىقاد ئەمەس. ئىسلام دىنى بۇزغۇنچىلىققا ئەمەس، گۈللەندۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىدۇ، بۆلگۈنچىلىككە ئەمەس، ئىتتىپاقلىققا تەشەببۇس قىلىدۇ شۇنداقلا دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر ۋاقىت سۆز–ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىشىمىز، ساۋاب ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، گۇناھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەقىقىي تەقۋادار، مۆمىن مۇسۇلمانلاردىن بولالىساق ئاندىن ئاللانىڭ جەننەتتىن ئىبارەت چوڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيمىز.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز–ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك

[ ئىناق–ئىتتىپاق ئۆتۈپ، يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز–ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك ]

ئەبەيدۇللا مەخسۇم داموللا:

ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دېگەن: ‹‹ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلارئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق،›› (سۈرە ھۇجۇرات 13–ئايەتنىڭ بىر قىسمى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: ‹‹ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار بىر ئاتىدىن بولغان،›› (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئىللىق بىر ئائىلە. ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر شەخس مۇشۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزاسى. دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللا ياراتقان، ئاللا ھەممە ئىنسانغا ئوخشاش ئىززەت–ھۆرمەت ئاتا قىلغان. تېررورچىلارنىڭ بىگۇناھ ئاممىغا قاراتقان زوراۋانلىق ھەرىكىتى تېررورچىلارنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى مىللىي ھېسسىياتقا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە دىننى بۇرمىلاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق بولۇشى، يۈكسەك سەزگۈرلۈك ۋە قاتتىق مۇداپىئە بولۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز–ھەرىكەتنى قەتئىي چەكلىشىمىز كېرەك.

زوراۋان–تېررورچىلار، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر سادىر قىلغان بۇ خىل زوراۋان قىلمىش مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايى قىلمىش. زوراۋانلارنىڭ مەقسىتى بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى بۇ خىل ياۋۇز قىلمىشى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرىي مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىغا ئۆچمەنلىك سېلىش. دىنىي زات بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن، ئېتىقادچى ئاممىغا مىللىي بۆلگۈنچىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلغانسېرى بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئورتاق قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا پولات قورغان قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتا تېخىمۇ سەزگۈر، تېخىمۇ ئاقىلانە بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، بارلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز–ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

ئىسلام دىنى تىنچلىقنى سۆيىدۇ

[ تىنچلىقنى سۆيۈش ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، بۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، باشقا دىنلار بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتۈش، مۇسۇلماندىن باشقا قەۋملەر بىلەن نورمال ئالاقىدە بولۇپ، باشقا دىندىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشتا، زوراۋانلىق، بىگۇناھ كىشىلەرنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.]

ما يۈشياۋ ئاخۇن:

ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن، ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دېگەن: ‹‹ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر.›› ( سۈرە بەقەرە 208 – ئايەت) يۇقىرىقى ئايەت مۇسۇلمانلارنى تىنىچلىقنى قىزغىن سۆيۈشكە، تىنچلىققا ئىنتىلىشكە، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تىنچلىقنى قوغداشقا، بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. تىنچلىققا ئىنتىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسلىرىدىن بىرى. مۇسۇلمان دېگەن ‹‹بويسۇنغۇچى››، ‹‹تىنچلىققا ئىنتىلگۈچى›› دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاللاغا بويسۇنۇپ، تىنچلىق ئىزدىگۈچى دېگەندىن ئىبارەت. تىنچلىقنى سۆيۈش ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئېتىقاد ئەركىنلىكى–باشقا دىنلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، غەيرىي مۇسۇلمانلار بىلەن نورمال باردى – كەلدى قىلىش، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇرۇشقا، زوراۋانلىققا، بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە گەۋدىلىنىدۇ.

تېررورچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشى بولسا، بىزنىڭ ئىناق جەمئىيىتىمىزگە، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىنىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا بارلىق زوراۋانلىق ، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشىمىز، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا خىلاپ قىلمىشلار قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز لازىم، بىز ئاللا تائالانىڭ ‹‹ھەممىڭلار ئاللانىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللانىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرىكى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار)›› دېگەن تەلىمىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا زوقلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەملىشىش بولۇشى كېرەك. بىز ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىدەك ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىمىز كېرەك.

زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى

[ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، ھەرقانداق خىرىس، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرتىپى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئاخىرقى چېكىنى دەپسەندە قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ.]

مۇھەممەد قارىھاجى :

كۆپچىلىككە مەلۇم، 5–ئاينىڭ 22–كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى باغچا شىمالىي كوچىسىدا ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 39 ئادەم ئۆلۈپ، 94 ئادەم يارىلىنىشتەك ئېچىنىشلىق ۋەقە سادىر بولدى. شۇنداقلا جەمئىيەتتە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلدى، 39 تىرىك جان بىزدىن ئايرىلدى. ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي – تالماي ئىشلىگەن پېشقەدەملەر، ھاياتلىق ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز تىنىم تاپماي ئىشلىگەن سېتىقچىلار. ھاياتلىق كەتسە قايتا كەلمەيدۇ، بۇ قان قەرزدۇر، بىگۇناھ جانلار تۇيۇقسىز يوقالدى، نۇرغۇنلىغان ئائىلە قاتتىق ئەلەمدە قالدى. بىز بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ غەزىپىمىزنى باسالماي قالدۇق، يۈرەكلىرىمىز زەرداپ بولدى. ھەر مىللەت قېرىنداشلار بۇ قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى. ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان بۇ تېررورچىلارنىڭ بىگۇناھ ئاممىغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلىشى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. ئىسلام دىنىمىز بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلەيدۇ، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۈگۈن بىز بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىمەكچى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى ماھىيىتىنى تولۇق ئېچىپ تاشلىماقچى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز مۇشۇ ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە قايغۇمىزنى ئىپادىلەپ، يارىدارلارغا سالامەتلىك تىلەيمىز.

ئىسلام دىنىمىز تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دېگەن: ‹‹ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر››. (سۈرە بەقەرە 208 – ئايەت) يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەر مۇسۇلمانلارنى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيۈشكە، تىنچلىققا ئىنتىلىشكە، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تىنچلىقنى قوغداشقا، بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللا(نىڭ ئازابىدىن) قورقۇڭلار، ئاللانىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق.›› (سۈرە مائىدە 2 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ئاشۇنداق يامان ئىش قىلغانلارغا قارىتا ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر.›› (سۈرە نەمىل 90 – ئايەت)

ئىسلام دىنى ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ھەدىس شەرىفتىكى ھەقىقەتلەر بىلەن بۇ دۇنيانى گۈللەندۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىلمىي سۆھبەت ۋە ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە كىشىلەر بىلەن دىن توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ. ئاللا تائالا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز – نەسىھەت بىلەن ياخشى ئۇسلۇبتا دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن.›› (سۈرە نەھىل 125 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى). مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقادىدۇر، بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلىش ياكى ھاماقەتلەرچە ئىش قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلمىغان. ھەر قانداق ساختا شوئارلارنىڭ بىزنى كولدۇرلىتىشىغا يول قويمايمىز. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ دۈشمىنى، ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىك، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرتىپى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئاساسىنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك ھەم بۇنداق قىلمىشلارغا تاقەت قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، بۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئېھتىياجى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي تەلىپى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

نۆۋەتتە يامان نىيەتتىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر، ئىسلام دىنىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئايەت، ھەدىسلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئاتالمىش ‹‹غازات››نى تەشۋىق قىلىپ، ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىقنى قۇترىتىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرىي مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئۆچ – ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتى ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ، ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇققا سەل قارىدى، توختىماستىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شۇنداقلا تاشقى دۇنيانىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن خاتا چۈشىنىش ۋە بىر تەرەپلىمىلىك قارىشىنى پەيدا قىلدى. ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يامان تەسىر پەيدا قىلدى. بىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار چوقۇم دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئاساس قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئېتىقادچى ئاممىغا بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ ئەسلا ‹‹غازات›› ئەمەسلىكىنى، ئاتالمىش ‹‹غازات›› قىلغانلارنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئاللانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئېتىقادچى ئاممىنى ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشقۇنلۇققا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يېتەكلىشىمىز كېرەك.


باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号