
نىك رېيىن «Trafficking in Women and Children» « تېنىنى سېتىۋاتقان ئاياللار ۋە بالىلار» ناملىق ئەسىرىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بېرىپ، مۇشۇ رايوندا تېنىنى سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى سۈرەتكە تارتىپ ئىشلىگەن.
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش دوكىلاتىغا قارىغاندا، ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىدا 1مىلىيون 360 مىڭدىن ئارتۇق تېنىنى ساتقۇچى ئەمگەك كۈچى بار بولۇپ، خەلقئارادىكى تېنىنى ساتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 55% نى ئىگەللىگەن. ئىشەنچىلىك تەكشۈرۈشلەردە، 40-50 % كىچە بولغان تېنىنى ساتقۇچىلار بالىلار بولۇپ، كۆپ قىسىمى ئەڭ ئاخىرىدا سېرىق فىلىم ساھەسىگە كىرىدىكەن.
تېنىنى سېتىش سودىسى تېنىنى سېتىش مەقسىتىدىن ئاللىقاچان مەخپىي تەشكىلات، دۆلەت ھالقىغان خەلقئارالىق جىنايەت گوروھلىرىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇ خىل جىنايەت گوروھلىرى ۋېيتنام ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە كامبودژا، تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە گۈللىنىشكە باشلىغان.
ئائىلە ئەزالىرى بولسا بالىلارنى سېرىق ئەتكەسچىلىك سېستىمىسىغا كىرگۈزۈشتە ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغۇچىلاردۇر، زىيادە نامرات بولغان تۇرمۇش ئۇلارنىڭ بىردىنبىر تۇرمۇش شەكىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (سۈرەتتىكىسى 15 ۋە 16 ياشتىكى ھىندونىزىيەلىك ئاچا-سىڭىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن شۇ يەردىكى پاھىشخانىلارغا سېتىۋېتىلگەن. ئۇلار ئىزچىل ئاتا-ئانىسىنىڭ قەرزى تۈگىگىچە بۇ يەردە تېنىنى سېتىش خىزمىتى قىلىدۇ.)
كامېرا دۇنيانى كۆزىتىدىغان كۆز، ئۇ فوتوگراژ كۆرگەن ئىشلارنى سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق سىرتقى دۇنياغا كۆرسىتىدۇ. نىك رېيىن ئۆزى ئامالىنىڭ بارىچە ئەتىراپلىق ھالدا سۈرەتكە تارتىپ، ھازىر جەبىر-جاپادا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئازراق ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ ۋېيتناملىق قىز ئۆزىنىڭ تۇنجى كېچىسىنى يۇقىرى باھادا سېتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن كامبودژادىكى پاھىشخانىغا سېتىۋېتىلگەن.
ياش نارىسىدە بالىلاردىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ دەپ قارىغانلىقتىن، جىنايەت گوروھلىرى ئامالىنىڭ بارىچە ياشلاردىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەيدۇ. ياخشىراق كۈن كەچۈرۈشنى ھەتتا پۇل تېپىشنى ئويلىغانلارنى بىر ئامال قىلىپ قەدەممۇ-قەدەم ئالداپ بۇ قاينامغا سۆرەپ ئەكىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جىنسىي قۇلغا ئايلاندۇرىدۇ.
تېنىنى ساتىدىغان جىنسىي قۇللار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شۇ رايونلاردىكى چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ جىنسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن باشلانغان، كېيىن شۇ رايونلارغا ساياھەتكە كەلگەن ئامېرىكىلىق، ياپونىيەلىك، كانادالىق ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان. پاھىشخانىلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ساياھەتنىڭ مەقسىتىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامىرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، ھەتتا 3-4 ياشلىق بالىلارنى پاھىشخانىلارغا ئېلىپ كىرىش بارغانسىرى ئەۋج ئالغان، بۇ خىل جىنسىي سودا شەكىلى ئۆزگەرگەن« چوڭ قىرغىنچىلىق»قا ئايلانغان.