باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئەتتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەيشەنبە

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

28-ماي دېلوسى كۈچلۈك ئەيىبلەندى

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو يوللانغان ۋاقىت :2014-06-03 11:56:59

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، شەندۇڭنىڭ جاۋيەندە يۈز بەرگەن 28-ماي قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىكى بەش جىنايەت گۇماندارى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەممىگە قادىر تەڭرى بىدئەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى، بۇ قەبىھ ۋەقە ئۇددا بىرقانچە كۈندىن بۇيان قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى، جەمئىيەت بىدئەت تەشكىلاتلارغا داۋاملىق زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، دىنىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ۋاڭ شۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەتنى چۆچۈتكەن شەندۇڭنىڭ جاۋيۈەندە يۈز بەرگەن 28-ماي قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ھەممىگە قادىر تەڭرى بىدئەت تەشكىلاتىنىڭ بىدئەتچىلىك ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. بىدئەتچىلىك دىن ئەمەس، ئۇ دىنغا قارشى. ۋاڭ شۇلى مۇنداق دېدى: بۇ دېلو ھەممىگە قادىر تەڭرى بىدئەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، ئاساسىي قانۇنغا قارىشى ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى ئىنسانىيلىقتىن چەتنىگەن، ئەقىلگە سىغمايدۇ، ئۇ دىن ئەمەس، ئەكسىچە دىنغا قارشى بىدئەتچىلىك. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ دېلو بىدئەت تەشكىلاتىنىڭ ئائىلىدە تارقىلىشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئاشكارىلىدى، بىر كىشى بۇ دىنغا ئىشىنىدۇ، ئاندىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ ھەمدە ئوچۇق ئاشكارا ئاممىۋىي سورۇنلاردا باشقىلارنى دىنغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلغان بىگۇناھ پۇقرالارغا ئەسەبىي زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللىنىدۇ. ئەگەر بۇ بىدئەت تەشكىلات تەرەققىي قىلىۋەرسە، جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى ۋاڭ جۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ دېلونىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى بەك يامان بولدى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەممىگە قادىر تەڭرى قاتارلىق بىدئەت تەشكىلاتلارغا باشتىن ئاخىر يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش پوزىتىسىيەسى تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن.

باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号