تېڭشۈن تورى مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرى:
بىر يىلنىڭ ئالدىدا، لى سىسى ئادەتتىكى 12ياشلىق بالىلارغا ئوخشاشلا تولىمۇ كەپسىز ھەم شوخ بالا ئىدى، بۇ يىل 5-ئايغا كەلگەندە ئۇ ئانا بولدى. ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىدا كىيىمىنى سېلىۋېتىپ ئوپراتسىيە قىلغان تارتۇق ئىزىنى سىلايتتى، مانا مۇشۇ يەردىن بالىسىنى ئالدى، ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىن سۈت ھىدى كەتمىگەن بىر بالا ئانا بولدى...لى فامىلىلىك بۇ قىزنىڭ تۇغقان بالىسىنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكى ھازىرغىچە بىر سىر ئىدى. بۇ بالا باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىشتىكى بىردىنبىر پاكىت بولۇپ قالدى.
مۇخبىرنىڭ، ساقچىلارنىڭ ۋە ئۆيىدىكىلەرنىڭ بۇ بالىغا نىسبەتەن سورىغان بارلىق سوئاللىرىغا ئۇ ھەر قېتىم ئوخشاش بىلمەيمەن دېگەن بىر ئېغىز جاۋاپنى بېرەتتى. بۇ باسقۇنچىلىق دېلوسى تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر گۇمان بىلەن تولغان دېلو بولۇپ قالدى، ساقچىلار بوۋاقنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ ئايالى خېلى بۇرۇنلا قازا قىلىپ كەتكەن بەشتە كاپالەت ئائىلىسىدىكى 74ياشلىق قوشنىسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بىراق بۇ قىز ئىزچىل ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغان بۇ بوۋاينىڭ ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
سىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئىشخانىدىكى كارۋات بولسا ئىلگىرى مەكتەپتىكى ئۈچ ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان كارۋات ئىكەن، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن لى فامىلىلىك بۇ قىزنىڭ دادىسى مۇشۇ مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىدىكى دېرىزىلەرنى چېقىۋەتتى. لى چۈن شېڭنىڭ دېيىشىچە ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى گۇماندىكى جىنايەت گۇماندارى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار بىرسى ئىكەن، بىراق ھەقىقى جىنايەتچى بۇ ئەمەس بولۇپ، لى فامىلىك قىزىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى مەجبۇرى تۇغدۇرماقچى بولغان، چۈنكى بۇ بالا ھەقىقى جىنايەتچىنى تېپىپ چىقىشتىكى بىردىنبىر ئىسپات ئىدى.
بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشخانىسىدا، سىسى بىر پارچە مۇئەللىملەرنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش جەدىۋىلىدىن ئۆزىگە چېقىلغان ئۈچ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئالدىنقى يىلى 6-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدە نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان بولۇپ، ئون نەچچە قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىدى. بىراق بۇ ئۈچ ئوقۇتقۇچى ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ئەخلاقىغا زىت بولغان بۇنداق ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ جىنايىتىدىن قاچقان ئىدى، تاڭ فامىلىلىك ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان جىنسى ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى، ئەزەلدىن بۇنداق ئىشنى قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىسپات كۆرسەتتى.
سىسىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆيىدە يېڭى بىر ئەزا كۆپەيگەن بولۇپ، ئانىسى ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ يېرىم مېھرىنى نەۋرىسىگە بەردى، چۈنكى ئەمدىلا 12ياشقا كىرگەن سىسى ئۆزى بىر بالا تۇرۇپ بىر بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايتتى. ئۇنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى ئانىسىنى دوراپ بالىسىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش ئىدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا تېخى ئانا دېگەن ئۇقۇم شەكىللەنمىگەن ئىدى.
سىسى ھەمىشە يالاڭئاياغ سىمونت يەرنى دەسسەپ ماڭاتتى. بىراق ئۇنىڭ ئانىسى قىزىنىڭ ئەمدىلا قىرقى توشقانلىقىنى، بۇنداق يالاڭئاياغ ماڭسا كېيىن ئۆزىگە ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويمىغان ئىدى. ئۇلار پۈتۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئىدى.
سىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ قىزىنى ئۆزىنىڭ سىڭلىسى قاتارىدا كۆرۈپ ئوينىتىدىكەن، مۇخبىر ئۇنىڭدىن قىزىنى ياخشى كۆرىدىغان-كۆرمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مۇخبىر بۇ قىزنىڭ ساددىلارچە بەرگەن بۇ جاۋابىدىن قورقۇپ كەتمىدى، چۈنكى قايسى بىر 12ياشلىق بالا ئۆزىنىڭ بوۋاقنى ياخشى كۆرىدىغان-كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلسۇن دەيسىز...
يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش ئالدىدا سىنىپلار بوش قالغان بولۇپ، مۇشۇ پۇرسەتتە سىسى مەكتەپكە كېلىپ ئىلگىرى ئۆزى ئوقۇغان سىنىپلارغا كىردى. شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت مەكتەپكە كەلمىگەن بۇ قىزنىڭ شۇنچىلىك ئوقۇغۇسى كەلدى، بىراق ئامال يوق، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇسىغا بالىسىغا كىم قارايدۇ، كىممۇ ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك سەمىمى مۇئامىلە قىلىدۇ، كىممۇ ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك خۇش چىراي ئاچىدۇ؟ مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئېنىقلانمىغان دېلو سىسىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ۋەيران قىلدى.