باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

شىنجاڭ ج خ نازارىتى بىر كىچىدە 200 نەچچە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-05-29 20:56:01

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، 25-ماي يېرىم كېچىدە «سائەت نۆلدە» ناملىق تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم جىنايەت گۇرۇھلىرىنى تېز سۈرئەتتە بىتچىت قىلىپ، بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى ۋە بىر تۈركۈم زوراۋانلىق قوراللىرى، ماتېرىياللىرى ۋە چەكلەنگەن تىغلىق ئەسۋاپلار قولغا چۈشۈرۈپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە «تېز، پۇختا، دەل، قاتتىق» زەربە بېرىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.
 
 ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى تۇتۇش ھەرىكىتى ئاساسلىقى «توردا زوراۋانلىق-تېررورلۇق ئۈن-سىن ماتېرىيالى تارقاتقان، <غازات>نى تەشۋىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار»، «ئەمەلىي خەۋپى بار تېررورلۇققا چېتىشلىق نۇقتىلىق كىشىلەر ۋە چېكىدىن ئاشقان نۇقتىلىق كىشىلەر»، «بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزگەن، زوراۋانلىققا چېتىشلىق يېنىك جىنايەت سادىر قىلغان بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلىنمىغان ھەم تۆۋە قىلمىغانلار»، «بۇ يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق-تېررورلۇق گۇرۇھلىرىغا ۋە دىنىي ئاشقۇن گۇرۇھلارغا قاتناشقانلار» قاتارلىق تۆت خىل كىشىلەرگە قارىتىلىپتۇ.
 
 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم تۇتۇلغان زوراۋانلىق-تېررورلۇققا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرى ئاساسلىقى 80-، 90-يىللاردا تۇغۇلغانلار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىنتېرنېت تورى ۋە ۋىدىيو كارتىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئالاقىدار ئۈن-سىن ماتېرىيالىنى كۆرگەن، دىنىي ئاشقۇن ئىدىيە تارقاتقان، «پارتلىتىش ئۇسۇلى» ۋە «جىسمانىي چېنىقىش ئۇسۇلى»نى ئۆگەنگەن، QQ، قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار ۋە قانۇنسىز قارىخانا قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتلىتىش تەجرىبىسى ئالماشتۇرغان، «غازات» ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان، ھۇجۇم نىشانىنى يوشۇرۇن پىلانلىغانلار ئىكەن. نۆۋەتتە، ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
 
 ئىگىلىشىمىزچە، 5-ئايدىن بۇيان، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتتىكى ج خ ئورگانلىرى جەمئىي زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا چېتىشلىق جىنايەت گۇرۇھىدىن 23 نى بىتچىت قىلىپ، 200 نەچچە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان ۋە تۈرلۈك پارتلىتىش قۇرۇلمىسىدىن 200 نەچچىنى قولغا چۈشۈرگەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号