ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2)
2- بۆلەك
كۈنلەر كۆزنى يۇمۇپ -ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا تېز -تېز ئۈتىۋاتاتتى . ئادەم بېشىغا چۈشكەن ئېغىر كۈننى كۆز ياشلىرى بىلەن يوقۇتىۋىتەلمەيدىكەن . ئۆز تەقدىرىمگە بويسۇنۇپ ، خوجايىننىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە باش ئىگىپ بۇ ئىبلىسلار قوينىدا ھەر بىر كۈنۈمنى تىرىك تۇرۇپ دوزاخ ئازابى تارتىۋاتقان كىشىدەك ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم . بارا –بارا خوجايىنمۇ ماڭا يېقىنچىلىق قىلىپ ماڭا خېلى ئىشىنىدىغان بولغانىدى ، بەزى كۈنلىرى سىرتقا چىقىپ ئۆزۈم يالغۇز بازار ئايلىنىپ يەنە ئۆز ۋاقتىدا قايتىپ كىلەتتىم .
بىر كۈنى ياتاقتا قىزلار بىلەن تېلۋىزور كۆرگەچ خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرساق خوجايىن مېنى چاقىردى . بەزى ۋاقىتلىرى خوجايىن ئايالى يوق ۋاقىتلاردا بىزنى چاقىرتىپ ئىش – پۇشۇقىنى چىقىراتتى . ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرگىنىمدە دىگەندەك ئۇ چوشقا يېرىم يالىڭاچ ھالدا تاماكا چىكىپ ئولتۇراتتى . مىنىڭ كىرگىنىمنى كۈرۈپ يېنىدا ئولتۇرۇشنى ئىما قىلدى . مەن ئىتائەتمەنلىك بىلەن كۆزۈمنى چىڭ يۇمغىنىچە خۇددى ھەيكەللەردەك ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئىختىيارلىقىغا قويدۇم . ئۇ ھايۋان ماڭا ئاچ قالغان بۆرىدەك يېىشىپ كەلدى . ئىش تۈگىگەندىن كىيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ماڭغىنىمدا ئۇ مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .
ـــ گۈلى ،سەندە بېك چىلالىق ، كۆزى بېك چىلالىق ...
بۇ چوشقا مۇشۇ يەردىكى قىزلاردىن ئۆگۈنۈۋالغان ئۇيغۇرچە گەپلەرنى بۇزۇپ مېنى بەك چىرايلىق ، كۆزۈڭ بەك چىرايلىق دەۋاتاتتى . بۇ نىجىز چوشقىنىڭ تۇرۇپلا مىنى ماختاپ قالغانلىقىغا ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدىم . ئۇ ئۆز چىرايىغا ماس بولمىغان قىلىقلارنى چىقىرىپ ماڭا كۆز قىسىپ قويدى . مەنمۇ يالغاندىن چىرايىمغا سۇس كۈلكە يۈگۈرتتۈم .
- گۈلى ، مەن سىنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم . خالىساڭ ماڭا كىچىك خۇتۇن بول ، ئەگەر ماڭا كىچىك خۇتۇن بولساڭ خېرىدار كۈتمەيسەن . لى ئاچاڭغا ئوخشاش بۇ يەرنى بىللە باشقۇرۇپ ، باشقا قىزلارغا كۆز –قۇلاق بولساڭ بۇلىدۇ .
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئايلىنىپ چۈشەيلا دىگەن ئىدىم . مەن ئەمدى مۇشۇ چوشقىغا كىچىك خۇتۇن بۇلىمەنمۇ ؟! ... لىكىن يەنە ئويلىنىپ قالغان ئىدىم . ئەگەر بۇنىڭغا كىچىك خۇتۇن بولسام ، خېرىدار كۈتمىسەم ، ئاز – تولا بولسىمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشسەم مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا چوڭ بىر خۇشاللىق ئەمەسمۇ ؟! ... مەن خېلى ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ كىلىشىنى كۈتمىگەنمىدىم . مەن سۈنئىي كۈلگىنىمچە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ، پۇتىغا چىقىپ ئولتۇردۇم .
ــ لى ئاكا ، مەن ئەلۋەتتە قۇشۇلىمەن . سىزنى ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى كۈرۈپ كەلگەنىدىم . لىكىن سىز بۇنى بىلمەي يۈردىڭىز ...
ئۇ مىنىڭ بۇ يالغان سۆزلىرىدىمدىن خۇشال بۇلۇپ ئاغزى – قۇلىقىغا يەتتى . مېنى قۇچاقلاپ بۇيۇنلىرىمغا سۈيۈشكە باشلىدى . مەنمۇ سۈنئىي نازلىنىپ ئۇنى يىنىك قۇچاقلىدىم ھەم ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدىم :
- لى ئاكا ، ھەدەمدىن قورقمامسىز ؟ ئەگەردە ھەدەم بۇنى بىلسە مىنى ساق قويماس ...
-ئۇ...ئۇ ھېچنىمە دىيەلمەيدۇ ، ئەگەر قۇشۇلمايدىغان بولسا كۆرگۈلىكىنى كۆرىدۇ . سەن بۇنىڭدىن ئەنسىرمە .
شۇنداق قىلىپ ئەتىسى پاھىشخانىدا چوڭ يىغىن ئېچىلدى .
ئايگۈلنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ھەيران بۇلۇپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم .
-قانداق ؟ ھەيران بۇلىۋاتامسىز ؟ ھەيران بولماڭ ، سىز بىز ھەيران قالىدىغان ئىشلار بۇ جاھاندا يەنە نۇرغۇن ، پاھىشخانىدا ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر چوڭ يىغىن ئېچىلاتتى ،يىغىننىڭ مەزمۇنى خېرىدارلارنى قانداق كۈتۈش ، قانداق قىلىپ ئۇلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ دائىملىق خېرىدارغا ئايلاندۇرۇش ... توغرىسىدا بۇلاتتى ، ـــ ئايگۈل شۇنداق دىگەچ سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى . مەن ئويلانماقتا ئىدىم ، تۇرۇپلا ئايگۈلگە ئۆچلۈكۈم كىلىپ قالغانىدى . ئەينى ۋاقىتتا مەن بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەندىمۇ ئاشۇ قېرى چوشقىنىڭ كىچىك خۇتۇنى بولغىيمىدى ؟ ھەي ئايگۈل ...ھەي ئايگۈل ، مەندىن يۇشۇرغان ، مېنى ئالدىغان ئىشلىرىڭ جىق ئىكەن سىنىڭ ...
سەن يوق ...سەن يوق ...بۇ كىچە سەن يوق ....
چۈشلەردىمدە بار ، ئويغانساملا يوق ....
سەن يوق ...سەن يوق .... ئامرىغىم سەن يوق ...
قىينىما مېنى ئەمدى دەرمان يوق .
تېلفۇنىمنىڭ ئۈنلۈك سايرىشىدىن ھەر ئىككىلىمىز چۆچۈپ كەتتۇق . تېلفۇننى ئايالىم رەنا ئۇرغان ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن سائىتىمگە قارىۋىدىم ، كەچ سائەت يەتتىگە ئاز قالغانىدى .
- ئايالىڭىز ئۆيگە قايتتىڭ دەپ تېلفۇن قىلىپتىمۇ ؟ ـــ ئايگۈل مەندىن سورىدى .
بېشىمنى يىنىك لىڭىشتتىم .
-سائەتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپتۇ . مەن ئۆيگە قايتاي ، سىزمۇ تاماق يەپ بالدۇر ئارام ئېلىڭ ، خالىسىڭىز ئەتە كىلىپ داۋاملىق پاراڭلاشساق بۇلارمىكىن ....
_ مەيلى ، سىزنى ئۇزۇن تۇتۇپ قالماي ، بۈگۈن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىزدىن بەك خوش بولدۇم ، كۆڭلى –قارنىڭىزنى دەريادەك كەڭ تۇتۇپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغانلىقىڭىزغا ، كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ، رەھمەت سىزگە مۇرات .
ئايگۈل بىلەن خوشلىشىپ ئۇدۇللا ئۆيگە يىتىپ كەلدىم . ئايالىم تاماق ئىتىپ مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . بىز بىللە غىزالانغاچ تاغدىن – باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتۇق . تۇيۇقسىز ئۇ بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندەك ، ماڭا قاراپ ئېيتتى :
- مۇرات ، بۈگۈن بىر ئادەم سىزنى ئىزدەپ ئۆيگە تېلفۇن قىلىپتىكەن ، سىزنى جىددى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى ، يانفۇن نۇمۇرىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەنىدىم . سىزگە قايتۇرۇپ تېلفۇن قىلدىمۇ ؟
- ياق ، بۈگۈن بىر كۈن ھېچكىمدىن تېلفۇن كەلمىدى ، كىمكەن ئۇ ؟ ئىسمىنى سورىدىڭمۇ ؟
ئايالىم ياق دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭىشتتى . مەن ئەجەبلەنگىنىمچە تېلفۇننىڭ نۇمۇر كۆرسىتىش كۆزنىكىگە كۆز يۈگۈرتتۈم . ئالدىدىكى ‹‹ 028 ›› دىگەن سانلارنى كۈرۈپ يۈرىكىم بىر خىل ئەنسىزلىك ئىچىدە تېز –تېز سۇقۇپ كەتتى . بۇ چىڭدۇنىڭ رايۇن نۇمۇرى ئىدى ، ماڭا چىڭدۇدىن تېلفۇن قىلغان كىمدۇ ؟ ھازىر مىنىڭ چىڭدۇدا بىرمۇ تۇنۇشۇم يوق ، يەنە كىلىپ مەن قايتىپ كەلگىلىمۇ ئاز كەم ئىككى يىلچە بۇلاي دەپ قالدى ، بۇ زادى كىمدۇ ؟
پۈتكۈل جىسمىمنى ھەيرانلىققا ئوخشاش مۇدھىش خىياللار چۇلغىۋالدى . نىمىلا بولمىسۇن تېلفۇن ئۇرغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇ نۇمۇرغا قايتۇرۇپ تېلفۇن قىلدىم . تېلفۇن خېلى ئۇزۇن سايرىغان بولسىمۇ ، قارشى تەرەپتىن ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى . مەن يەنە بىر قېتىم قايتۇرۇپ تېلفۇن قىلدىم . بۇ قېتىممۇ تېلفۇن خېلى ئۇزۇن سايرىغاندىن كىيىن ، قارشى تەرەپ تېلفۇننى قۇبۇل قىلدى . مەن دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالغانىدىم .
- 你找谁啊?
قارشى تەرەپتىن بىر خەنزۇ ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
- 我…. 我….
خەنزۇچە گەپلەرنى تۈزۈك بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تەمتىرەپ سۆزۈمنى تاپالماي قالغانىدىم .
- 这是公用电话
قارشى تەرەپ شۇنداق دىگىنىچە تېلفۇننى قۇيۇۋەتتى . چۈشنىكسىز بىرخىل ھىسىيات ئىلكىدە تېلفۇننى تۇتقىنىمچە تۇرۇپ قالغانىدىم .
كېچە سائەت بىردىن ئاشقان بولسىمۇ كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كەلمەيۋاتاتتى . تاماكامنى كۈچەپ –كۈچەپ شورىغىنىمچە خىياللار دۇنياسىدا سەيلە قىلماقتا ئىدىم . ئايگۈل بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ھايات كارتىنلىرىم كۆڭۈل ئىكرانىمدا بىر –بىرلەپ ئايان بولماقتا ، ئۇنىڭ بۈگۈن دىگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىماقتا ئىدى . ئايالىم بىلەن ئوغلۇم ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ بولغان ، پۈتۈن ئەتراپ جىمجىتللىققا چۆككەن بۇلۇپ سىرتتىن ئاندا – ساندا ئىتلارنىڭ قاۋشىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى …
ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا ئاللىبۇرۇن تاڭ ئاتقان بۇلۇپ ، سائەتمۇ 9 لەردىن ئېشىپ قالغانىدى ، ئايالىمنىڭ تاماق يەۋىلىپ مېڭىڭ ، دىگەنلىرىگىمۇ قارىماستىن ئالدىراش دۇكانغا قاراپ يول ئالدىم . بۈگۈن دۇكانغا يېڭى پىلاستىنكىلار كىلەتتى ، شۇڭا بالدۇر بارمىقىم زۆرۈر ئىدى .
بۈگۈن ھاۋا شۇنچىلىك ئۇچۇق ئىدىكى كۆك ئاسمان تېخى بايىلا يۇيۇلغان ئەينەك پارچىسىدەك سۈزۈك ھەم پاكىز بۇلۇپ بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۈرۈنمەيتتى . گوياكى ئوتتا تاۋلانغان چوڭ لىگەندەك قىپقىزىل چاقناپ تۇرغان قۇياش نۇرىنى ئەتراپقا چاچماقتا ئىدى .
ئاپرىلنىڭ ئىللىق شامىلى تەبىئەتكە جان ئاتا قىلىپ دەل –دەرەخ ، گۈل – گىياھلارغا يۇمران ، نازۇك بىخ ۋە ياپراقلارنى سوۋغا قىلغان ئىدى . ھەممە جاي باھار شادلىقىغا چۆمگەن بولسىمۇ ، مىنىڭ قەلبىم بۇ خىل شادلىقتىن مۇستەسنا ئىدى .
چۈشكىچە دۇكانغا يېڭى كەلگەن پىلاستىنكىلارنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش يۈردۈم. بىر چاغدا ئەمدى ئارام ئېلىپ تاماق يىيىش ئۈچۈن دۇكانغا يېقىن ئاشخانىغا كىتىۋاتسام تېلفۇنۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى ، تېلفۇننى دوستۇم ئادىل ئۇرغانىدى .ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق . بىر چاغدا خوشلىشىپ تېلفۇننى قۇياي دەپ تۇرسام ، ئۇ ماڭا ئالاھىدە تەلەپپۇزدا ئېيتتى :
_ ئاداش ، ئاڭلىسام تايسىن تۈرمىدىن چىقىپتىمىش ..
بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم ، تۈنۈگۈن ماڭا تېلفۇن قىلغان تايسىن ئوخشىمامدۇ ؟ بۇلارنى ئويلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . ئەجىبا ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى قانداق بىلگەندۇ ؟ ...
_ بۇنى كىمدىن ئاڭلىدىڭ ئاداش ، _ سورىدىم ئادىلدىن .
_ ھېلىقى بىز بىلەن بىللە تۇرغان تۇرسۇننى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن ؟قايسىبىر كۈنى تايسىن تۇرسۇننى ئىزدەپ بېرىپتىكەن ، تېخى ئۇنىڭغا يەنە شۇ ئىشنى قايتىدىن باشلاش توغۇرلۇق سۆزلەرنىمۇ قىلىپتۇ .. لىكىن تۇرسۇن رەت قىلغان ئوخشايدۇ . كىيىن بىزنى سوراپتىمىش ...
_ يەنە ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىشنى باشلىماقچىمىكەن ؟ ..._ خېلى ئۇزۇندىن بېرى تىنىچلىنىپ قالغان روھىم بىردىنلا تىنچسىزلىشىپ ، تايسىن ۋە ئىچكىردە ئۆتكەن بىر قاتار ئىشلار ئىسىمگە كىلىۋالدى .
_ شۇنداق ...ئىشقىلىپ ئاداش ، بۇندىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز پەخەس بۇلۇپ يۈرەيلى .
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ تېلفۇننى قۇيۇپ تۇرسام ، ئارقىدىنلا ئايگۈلدىن تېلفۇن كەلدى ، ئۇ مىنىڭدىن تاماق يىگەن -يىمىگەنلىكىمنى ، ئەگەر يىمىگەن بولسام بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلىشىنى ئېيتتى . مەن قۇشۇلدۇم ، ئەسلىدە ئۆزۈممۇ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ كىلىشنى ئويلاپ تۇراتتىم . ئۇنىڭغا ئۇ ياتقان مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان << خۇشناۋا رىستۇرانى >>نىڭ ئايرىمخانىسىدا مېنى ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتتىم .
مەن ئارقامغا يېنىپ دۇكاندىكى ئىشلارنى بىر قۇر ئۇرۇنلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ،ئايگۈل بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن يول ئالدىم .
ئايرىمخانىغا كىرىپ كەلگىنىمدە ئۈستەل ئۈستى تاماق -سەيلەر بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئايگۈل مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن .
_ھەممە نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ بولۇپسىزغۇ .. ئەسلى بۈگۈن مەن مىھمان قىلسام توغرا بۇلاتتى ..._ دېدىممەن ئۇنىڭغا .
_ ھېچقىسى يوق ..._ ئۇ شۇنداق دەپلا ماڭا تىكىلىپ قارىدى . مەن كۆزلىرىمنى باشقا يەرگە ئېلىپ قاچتىم .
_ قانداق ، ئاخشام ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ ؟ _ سورىدى ئۇ مەندىن .
_ يامان ئەمەس .. خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالماي تاڭغا يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن .ئۆزىڭىزچۇ ؟
_ مەن ئاخشام بىر كىچە كىرپىك قاقماي چىقتىم . ئىشقىلىپ مۇشۇ يېقىندىن بۇيان كاللام بەك قالايمىقانلىشىپ كەتتى. _ ئۇ شۇلارنى دەۋىتىپ ماڭا مەنىلىك بىر تۈستە قاراپ قويدى . مەن چۈشنىكسىز ھىسىيات ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ قالدىم . ھەم گەپنى باشقا يەرگە ئېلىپ قېچىپ :
_ بەك جىق تاماقلارنى بۇيرىتىۋەتتىڭىزمۇ نىمە ؟ بۇلارنى ئىككىمىز قانداق يەپ بۇلىمىز ؟
_ يىگىنىمىزچە يىمەمدۇق ... يەپ بۇلالمىغىنىمىز قالىدۇ شۇ ...
ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدىم .
_ ھەراست ...سىز بىرەر نەرسە ئىچەمسىز ؟
_ مەيلى ..ئىچەي . ئىچمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپ كىتىپتىكەن . بىر نەچچە بۇتۇلكا پىۋا بولسۇن ،_ مەن شۇنداق دەپ ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ قالدىم . تۈنۈگۈن ئانچە سەپسالمىغان ئىكەنمەن ، ئايگۈل بۇرۇنقىدىن قارىغاندا جىق ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ جۇمۇ .. بۇرۇنقى تەبىئىي كۈلۈشلىرىنىڭ ئورنىغا ساختا كۈلۈشلەر ، شەھلا كۆزلىرىدىن كىشى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان چۈشنىكسىز ئىپادىلەر چىقىپ تۇراتتى .
_ پىۋا ئەركىشىگە زىيانلىق جۇمۇ ..._ ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتى ،_ئىچكەندىكىن ئاق ئىچمەمسىز ؟
مەنمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىگە جاۋابەن سۈنئىي كۈلۈپ :
_ مەيلى ئەمىسە . ئاق ھاراقتىن بىر بۇتۇلكا بولسۇن ،_ دېدىم .
ئايگۈل كۈتكۈچىگە قاراپ ئېيتتى :
_ بىر بۇتۇلكا ئاق ھاراق ، يەنە بىر بۇتۇلكا قىزىل ھاراق كەلتۈرۈڭ ...
مەن ئۇنىڭ قىزىل ھاراق دىگىنىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قايتىدىن نەزەر سالدىم . راست ،ئۇ بەك ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ . مەن ياخشى كۆرگەن بۇرۇنقى ئايگۈلگە تۈپتىن ئوخشىمايۋاتاتتى .ئۇ مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ ، ئالدىمدىكى تاماكىدىن بىرنى ئالدى -دە ، ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىكىشكە باشلىدى .
_ مۇرات .... ھەيران قالدىڭىز شۇنداقمۇ ؟ ئەمىلىيەتتە مەن بۇرۇندىن تارتىپ سىز بىلەن تۇنۇشماسنىڭ ئالدىدىلا تاماكا چىكەتتىم .بەزىدە ئۆزۈم يالغۇز ھاراقمۇ ئىچىپ قۇياتتىم . پەقەت سىزگە يامان تەسىر بىرىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ بۇ ئىشلارنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قىلمايتتىم . بۈگۈن مېنىڭ بۇ ئىشلىرىمنى كەچۈرۋىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .ئەمىلىيەتتە بەزىلەرنىڭ دىگىنى بەك ئۇرۇنلۇق ئىكەن ، ئوغۇللار ھەسرەت چەككەندە ئازابىنى ھاراق -تاماكىدىن ئالىدىكەن . بىز قىزلار پەقەت يىغلاشنىلا بىلىدىكەنمىز ... ھازىر بىلسەك مۇشۇ ھاراق -تاماكىمۇ ياخشى نەرسە ئىكەن .
مەن تېخى تاماكا -ھاراقنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيانلىق تەرىپىنى تۇنۇپ يىتىپ ، ئۇنى تاشلىماقچى بولۇپ تۇرسام ، ماۋۇ ئايگۈلنىڭ قىلغان قىلىقى بىلەن دىگەن گەپلىرىدىن ئۇنىڭغا بولغان كۆز قاراشلىرىمنىڭ ھەممىسى سەلبىي تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى .
_ قېنى ئەمىسە ، بىزنىڭ يەنە كۈرۈشكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىر رومكىدىن كۆتۈرۋىتەيلى .
ئايگۈل بىر رومكىغا لىق ئاق ھاراق ، يەنە بىر رومكىغا قىزىل ھاراق تولدۇرۇپ ، ناز قىلغىنىچە ئېيتتى .
مەن قانداق بۇلۇپ مۇشۇ قىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمغا ھەيران بۇلىۋاتاتتىم .توۋا ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ ، كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ، سەمەر قەنتنىڭ ئالمىسىدەك ، ئاپىرىپ چۆلگە تاشلايدۇ ، دىگىنى ئەجەپ توغرا ئىكەن . ئەمىلىيەتتە ئايگۈل بىلەن ئىككىمىز تۈپتىن ئىككى دۇنيادىكى كىشىلەر ئىدۇق ، پەقەت ئىككىمىزنىڭ بىرلا ئوخشاشلىقى باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ ئىچكىرگە بارغان، مەن باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلايدىغان ئوغرى ، ئۇ بولسا ئۆز تېنىنى ساتىدىغان پاھىشە ئىدى . مەن شۇ ئاچچىقىمدا رومكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۇقۇشتۇرغاندىن كىيىن گۈپپىدە قىلىپ كۆتۈرۋەتتىم . ھاراق ئىچىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ ، ئاچچىق ھاراق كارنىيىمنى ئېچىشتۇرۇپ ، پۈتۈن بەدەنلىرىمنى كۆيدۈرۋەتكەندەك بۇلۇپ قالدىم . ئايگۈلمۇ بىر كۆتۈرۈپلا رومكىنى قۇرۇقداپ قويدى .
باشقا ئەسەرلىرىمنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرگە مەرھەممەت قىلىڭ! /yanghin/
داۋامى بار !!
2-بۆلەكنىڭ بېشى /toreserliri/2010/0112/article_1550.html