ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2)
ئاسماندا نۇر چېچىپ تۇرغان تۇلۇنئايغا قاراپ ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالىمەن . ئۇيان –بۇيان ئۆرۈلىمەن ، ئۇخلىيالمايمەن . كاللامغا ئاشۇ ئىچكىردە ئۆتكەن قاباھەتلىك ، ئېچىنىشلىق كۈنلىرىم ، ئاخىرى چىقمىغان ۋىسالسىز تۇنجى مۇھەببىتىم كىرىۋالىدۇ . مەن قەلبىمدە چوڭقۇر يارا قالدۇرغان ئاشۇ كۈلپەتلىك مۇھەببىتىمنى ،ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىپ ئىت –ئىشەكتەك كۈن ئۆتكۈزگەن شۇ رەھمىسىز يىللاردىكى ھاياتىمنى ئۇنتۇپ كىتىشكە قانچە تىرىشسام ، كىچىك بالىلارنى ئالداپ ئۇلارنى ئۇغۇرلۇققا سېلىۋاتقان ئىپلاس لوبەنلەردىن قانچە يىرگەنسەم ، نەپرەتلەنسەم شۇ ئىشلار دائىم كاللامغا كىرىۋالىدۇ . چۈشلىرىمگە كىرىپ مېنى ئازابلايدۇ ...
چىڭدۇدىن قايتىپ كەتسەملا ئاشۇ ئازابلىق ، ئېچىنىشلىق كۈنلىرىمنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر ھاياتىمنىڭ ماڭا خۇشال ھالدا قۇچاق ئېچىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم . ھاياتىمنىڭ ئاخىرىنى بولسىمۇ بەخت ئىلكىدە ئۆتكۈزۈشكە نىيەت باغلىغان ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ ئويلىغانلىرىمنىڭ ، ئارزۇ قىلغانلىرىمنىڭ پەقەت باش -ئاخىرى يوق شىرىن خىيال بۇلۇپ قېلىشنى ، جەمئىيەتنىڭ ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇنچە مۇرەككەپ بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يىتەلمىگەن ئىكەنمەن .
كۈنلىرىم ھەرھالدا يامان ئەمەس ، خۇشال كىتىپ باراتتى . توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن ئايالىم ماڭا بۇدرۇققىنا ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردى . شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىمنى پەقەت ماڭا ئوخشاش ئۇزۇن يىل ئازاب ، خورلۇق ، دەرت تارتقان ، بەخىتكە ، خۇشاللىققا ئىنتىلگەن كىشىلەرلا ئېنىق چۈشىنەلەيدۇ . خۇشاللىقىمدىن ئاغزىم قۇلىقىمىغا يىتىپ ، نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم . راست ! مەن مانا مۇشۇنداق بەختلىك كۈنلەرگە قانچىلىك ئىنتىزار بولغان ، تەشنالىق بىلەن كۈتكەن ، قانچىلىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن ھە ! ...
ئايالىم رەنانىڭ كۈيۈمچانلىقى ، ئۆي ئىشلىرىغا چىۋەرلىكى ، ئوغلۇم مەۋلاننىڭ ئوماق قىلىقلىرى ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ ، بەختلىك ئائىلەمدىن سۆيۈندۈرەتتى . بۇ خىل كۆڭۈللۈك تۇرمۇشۇم چىڭدۇدىكى ئاشۇ قان ياشلىق قىسمەتلىرىمنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ، خۇددى ئاسماننى بىر ھازا قاپلىغان قارا تۇماننىڭ ئاستا –ئاستا ئاقىرىپ ئۇچۇق ئاسماندا قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇرغىنىغا ئوخشاش ئىدى ... كىيىن ئادىلدىن بىلىشىمچە دوستۇم مەۋلان بىز چىڭدۇدىن قايتىپ كىلىپ بىر يىلدىن كىيىن شۇ يەردىلا قازا قىلىپتۇ . بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ يۈرەكلىرىم ئىزىلدى . كۆز چاناقلىرىم لىق ياشقا تولدى . <<ئەگەر مەۋلان ئۆز ئانىسى تەرىپىدىن سەمەت لوبەنگە سېتىۋىتىلمىگەن ، ئىچكىرگە بېرىپ جەمئىيتىمىزنىڭ روھىيتىنى ، مىللىتىمىزنىڭ نامىنى سېسىتىۋاتقان ئوغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ تۇيۇق ، قاباھەتلىك يولغا كىرىپ قالمىغان بولسا ، ئاق چىكىپ ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنچلۇق ۋابا كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالمىغان ، ئۇنداق ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولمىغان بۇلاتتى .>>دەپ ئويلاپ تېخىمۇ ئازابلىنىپ كەتتىم . بەلكىم ئاشۇ دوستۇم مىنى قۇتۇلدۇرۋالمىغان ، مىنىڭ ئورنۇمدا سەمەت لوبەننى ئۆلتۈرگەن قاتىل بولۇپ ساقچىلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغان بولسا بۇ بەخىتلىك ، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشۇم ئەبەدىي ماڭا نىسىپ بولمىغان بۇلاتتى ....تەقدىر دىگەن ئاجايىپلا نەرسە ئىكەن . تامامەن ناتۇنۇش ئىككى كىشىنى مەلۇم نەرسىنى ۋاستە قىلىپ تۇنۇشتۇردىكەن ، بىر -بىرىنىڭ كۆڭلىگە مىھىر سالىدىكەن ، ئاخىرىدا بولسا رەھىمسىزلەرچە ئايرىۋىتىدىكەن .
-جېنىم ئاداش ، مىنىڭ ئۈچۈن بەرگەن ئاشۇ قۇربانلىقىڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن . سىنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىمەن . سەن مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ... ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولغاي !
ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن چىڭدۇدا بىللە چۈشكەن سۈرەتكە قاراپ خىياللارغا پاتماقتىمەن، ئۈن -تىنسىز نىدا قىلىۋاتىمەن .شۇ تاپتا مەۋلانمۇ مىنىڭ بۇ چىن يۈرىكىمدىن چىققان ئۇشبۇ قەلب سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقانمىدۇ ؟ ئۇنىڭ روھى مىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتقانمىدۇ ؟...
يانفۇنۇمنىڭ ئەنسىز سايرىشى خىياللىرىمنى ئۈزۈپ قويدى . ناتۇنۇش نۇمۇرنى كۈرۈپ تېلفۇننى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئالدىم .
- ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، سىز مۇرات بۇلامسىز ؟
تېلفۇندىن چىقىۋاتقان بۇ زىل ، ياڭراق ئاۋازنى بىر ئاڭلاپلا تۇرۇپ قالدىم . بۇ ئاۋازلار ھېلىھەم يۈرەك قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئەۋج ئۇرۇپ ، مىنى ئازابلىماقتا ، ھەسرەتتە ، پىغان -دەرتتە قالدۇرماقتا ، چىڭدۇدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز ھاياتىمنىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىدى .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام ئايگۈل .
بىر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئايگۈلمۇ ، مەنمۇ نىمە دىيىشىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قالدۇق . ئۇنىڭ بىريىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىزدىرەكسىز يوقاپ كىتىپ مىنى ئىزدەپ تېلفۇن قىلىشى مىنى ھەم ھەيران قالدۇرماقتا ھەم خۇشال قىلماقتا ئىدى . لىكىن نىمە ئۈچۈن بۇنچە خۇشال بۇلىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، بەلكىم ئۇ مىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم بولغاچقا ئۇنى ئۇنتۇيالمىغاندىمەن ، ۋەياكى ئۇنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىدىغاندىمەن .
-تۇيۇقسىزلا تېلفۇن قىلىشىمدىن ھەيران قېلىۋاتىسىز ھە ؟ ۋاقىت نىمىدىگەن تېز ئۆتكەن ، مانا بىزنىڭ كۆرۈشمىگىنىمىزگىمۇ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ . ئۆزىڭىز ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟
ئايگۈل ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ سۆز باشلىدى .
-خۇداغا شۈكرى ، يامان ئەمەس .ئۆزىڭىزچۇ ؟ سىزمۇ ياخشى كىتىپ بارىدىغانسىز ؟
مەنمۇ جاۋابەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم . شۇ تاپتا خىيال ئىكرانىمغا ئايگۈل بىلەن ئۆتكەن قىسقا ئەمما گۈزەل ، ئازابلىق ،كۈلپەتلىك مۇھەببەت كارتىنلىرى پەيدا بولدى .
-مەنمۇ ھەرھالدا ياخشى ، تېخى ئۆلمىدىم !
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم تىترەپ قۇلىقىمغا بىرسى مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم . ئۇنىڭ نە تەنە ئارلاش نە راست ئېيتىلغان بۇ سۆزلىرى مىنى ئازابلىق تۇرمۇش قوينىغا يەنە بىر قېتىم باشلاپ كىردى .
‹‹نەچچە قېتىم لوبىنىمنىڭ قىيناپ ،ئېسىپ قۇيۇشلىرىغا ئۇچردىم ، قېچىپ كىتىشنىلا ئويلايتتىم. ئۆزۈمنىڭ، ھاياتىمنىڭ مانا مۇشۇنداقلا تۈگەپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلىسام ئۆز گۈشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بۇلۇپ كىتەتتىم . بىر قېتىم قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدىم ، توختىماي يۆتىلەتتىم . ئىچىمدە قۇرتقا ئوخشاش بىر نەرسە ئۆمىلەپ مېڭىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم . دوختۇرغا تەكشۈرتىۋىدىم ، ئەيدىز چىقىپتىمەن . ئاخىرقى ئۈمىدىممۇ يوققا چىقتى . شۇنداق ئازابلاندىم ، ھاياتىمنىڭ ئاستا -ئاستا كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ تۈگەۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ھەممە ئەرلەردىن ئۆچ ئالغۇم ، مۇشۇ كىسەلنى بارلىق ئەرلەرگە يۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگۈم كىلەتتى .... ››
كۆز ئالدىمغا ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ قاباھەتلىك ۋابا كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ، ئارقىغا ئەگىشىپ بۇ كىسەلنى قانداقتۇر ئۇسسۇل بىلەن ئۆزلىرىگە يۇقتۇرۋالغان ، ھەم ئۆچ ئېلىش مەقستىدە ھەرخىل ئۇسسۇللار ئارقىلىق تارقىتىۋاتقان نادان كىشىلەر ، ئازغىنا كۆڭۈل ، ھىسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى نابۇت قىلىشىۋاتقان ئەشۇ ئازغۇن بەندىلەر كەلدى . كاللام قالايمىقانلىشىپ كۆز ئالدىمدا قاپقارا بىر كۆلەڭگە پەيدا بولغاندەك ، ھازىرلا ئايگۈلنى كۆزىمچىلا يالماپ يۈتۈپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنىپ يۈرەكلىرىم ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى .
-ھا...ھا...ھا....
ئايگۈلنىڭ قاتتىق كۈلگەن ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم .
-مۇرات ، نىمە بولدىڭىز ؟ گەپ قىلمايسىزغۇ ؟ چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ ! نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن . مىنى ھېلىغىچە تىرىك تۇرۇپتۇ ، دەپ ئويلاۋاتىسىز ھە ؟! لىكىن سىزگە بىر ئىشنى ئېيتسام مىنى كەچۈرۋىتەرسىزمۇ ؟
ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىنلا تىترەك ئارلاش ، ئاجىز ، يېلىنىش تەلەپپۇزىدا چىقتى .
-قېنى ئېيتىڭ .
-ئاۋۋال مىنى كەچۈرىمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ .
-ماقۇل ..ماقۇل ...چۇقۇم كەچۈرۋىتىشكە تىرىشىمەن .
-ھا...ھا...ھا...مۇرات ، گەپكە ئۇستا بۇلۇپ كىتىپسىز جۇمۇ . تېخى كەچۈرۋىتىشكە تىرىشىمەن دەپ قۇيۇڭ . تېلفۇن نۇمىرىڭىزنى دوستىڭىز ئادىلدىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاران تاپتىم ھەم سۈرۈشتۈرۈپ تېخى ئالدىنقى كۈنىلا يۇرتىڭىزغا كېلىشىم ئىدى . مۇرات ، مەن كۆپ ئويلاندىم ، بەزىبىر ئىشلارنى سىزگە دىمىسەم ئۆزۈمنىڭ مەڭگۈ ئازاب ، خورلۇق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ئاخىرى سىز بىلەن قايتا كۆرۈشۈش نىيتىگە كەلدىم . ئەگەر ماڭا ھىسداشلىق قىلسىڭىز ، مىنى ئۇنتۇپلا قالمىغان بولسىڭىز مەن بىلەن كۈرۈشۈشكە كىلىدىغانلىقىڭىزغا چۇقۇم ئىشىنىمەن .
ئۇنىڭ تاقا -تۇققا بۇ گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي ، ھەم ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈش -كۈرۈشمەسلىكنى ، نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم . قانداق قىلىشم كىرەك ؟ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم قايتا كۈرىشىشىم ھاجەتمۇ ؟ ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمەي ئاشۇ كۈنلەرنى ، ئايگۈلنى مەڭگۈلۈك ئۇنتۇپ كىتىشىم كىرەكمۇ ؟ ...ھازىر مىنىڭ بەختلىك ئائىلەم بار ، مۇقىم تاپاۋەت قىلىدىغان ئۈن سىن دۇكىنىم بار ، مىنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ ، مەدەت بىرىدىغان كۈيۈمچان ئايالىم ، سەبىي ، ئوماق ئوغلۇم ...بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ خۇشاللىقىم . مىنىڭ بەختىم ئەمەسمۇ ؟! ‹‹ ئايگۈل ....ھەي ...ئايگۈل ..سەن زادى نىمىلەرنى ئويلايدىغانسەن ؟ مىنىڭ بۇ تۇرمۇشۇمغا يەنە نىمە ئۈچۈن بۈسۈپ كىرمەكچى بۇلىدىغانسەن ؟ ...>> ئۇنى ھېلىھەم ھازىرمۇ چىن يۈرىكىمدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ، ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلىپ يەتتىم .
-بۇلىدۇ . ئەمىسە چۈشتىن كىيىن ئىشلىرىمنى بىر قۇر تۈگەتكەندىن كىيىن سىزگە تېلفۇن قىلاي ...
ئايالىم رەنا ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى ھەم مىنى كۈرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتۈپ خۇش تەبەسسۇم قىلدى . تۇرۇپلا ئوغلۇمنى ، ئايالىمنى كۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈشكە ئالدىراپلا ماقۇل دەۋەتكەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم .
-رەھمەت سىزگە مۇرات ....راستىنلا رەھمەت !
تېلفۇندىن ئۇنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازى ئاڭلاندى .ھەم مەن بىلەن خوشلىشىپ تېلفۇننى قۇيىۋەتتى .
-ۋۇي ...نىمە بولدى مۇرات ؟؟
ئايالىم مىنىڭ چىرايىمدىكى ئىپادىلەرگە دىققەت قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى . ماڭا كۈيۈنۈش ئاھاڭىدا سورىدى .
-ھېچ ئىش رەنا ، ھېچ ئىش ...- شۇنداق دىگەچ ئوغلۇمنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ قانماي سۈيۈپ كەتتىم ...
چۈشتىن كىيىن ئىشلىرىمنى بىر قۇر ئۇرۇنلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ئايگۈلگە تېلفۇن قىلدىم . ئەتىگەن سەھەردىلا ئۇنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان نىمىشقىكىن قويغان -تۇتقىنىمنى بىلمەيلا قالغان ، كاللامغا ئايگۈل بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقا ، پىغانلىق مۇھەببەت كۈنلىرىم ، ئۇنىڭ مۇرەككەپ ، ئېچىنىشلىق بولغان كەچۈرمىشلىرى كىرىۋالغان ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن <<قەلبىداشلار مىھمانخانىسى >>دا كۈرىشىدىغان بۇلۇپ كىلىشىپ ، ئالدىراپلا يولغا چىقتىم . كاللامدا تۈمەنمىڭ خىيال ھۈكۈم سۈرىدۇ ، ئەنە كۆز ئالدىمدا ئايگۈل بىردە يارىشىملىق مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ چىرايىدىن كۈلكە ياڭرىتىپ ناز قىلىپ تۇرسا ، ئاجايىپ بىر خۇشاللىق ھېسلىرىغا چۈمۈپ ھاياجاندىن ھۇزۇرلىنىپ كىتىمەن . يەنە بىردە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە پۈتۈن بەدەنلىرىدىن قان سىرغىۋاتقان ھالدا پەيدا بۇلىدۇ ، بىردىنلا شۈركىنىپ ئەندىكىپ كېتىمەن .
تاكسى شۇپۇرىنىڭ ماشىنىنى قاتتىق تۇرمۇز قىلىپ توختىتىشى مىنى خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى . ماشىنا ئالدىدا ئەمدىلا ئۈچ -تۆت ياشنىڭ قارسىنى ئالغان بىر بالا قورقۇمسىراپ تۇراتتى ، ئارقىدىنلا بىر ئايال ئۇيان -بۇيانغا شىددەت بىلەن ئۈتۈشۈپ كىتىۋاتقان ماشىنلارغىمۇ قارىماستىن يۈگۈرۈپ كېلىپ بالىنى باغرىغا باستى ھەم كۆتۈرۈپ كىتىپ قالدى .
-ۋۇي ، ئۆلگۈسى كەلگەن ساراڭ !
شوپۇر ماشىنىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئايالغا قاراپ شۇنداق دېۋىدى ، ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنى تىللاشتىن ئۆزۈمنى ئاران –ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم . شۇ ئان كۆز ئالدىمدا مەرھۇم ئانامنىڭ كۈيۈمچان سىماسى ، بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىدا مىنى دەپلا ياشاپ ، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولغىچە ئارمان بىلەن كۆزى ئۇچۇق كەتكەن ھالىتى پەيدا بولدى . ئانىلارنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دىسەم ھەرگىز ئارتۇق كەتمەس .
‹‹جېنىم ئانا ، مىنى قانداق گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلىرىڭ بىلەن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان بولغىيتتىڭ ھە ! لىكىن مەن سىنىڭ ئەجرىڭگە چۇشلۇق ياخشى جاۋاپ قايتۇرالمىدىم . سەن ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندىم ، مىنى تۇغقانلىقىڭغا روھىڭ قورۇلۇپ مىڭ لەنەت ئوقۇغانسەن . لىكىن ئانا بىلەمسەن ؟! بۇ دۇنيا شۇنداق جاھان ئىكەن ،ئاجىز كىشىلەرلا بىر ئۆمۈر زىيان تارتىپ ئۆتىدىكەن ، بۇ دۇنياغا يىغلاپ كىلىپ ئارمان بىلەن كېتىدىكەن . مەن ئاخىرقى ئۆمرۈمدە بولسىمۇ ،سىنىڭ كۈتكەن يېرىڭدىن چىقىپ ھاياتىمنى قەدىرلەيمەن . جېنىم ئانا ، ئۇلۇغ ئاللاھ ياتقان يېرىڭنى جەننەتتە قىلغاي ، مىنىڭدىن رازى بول ! مەن سىنى سۆيىمەن ئانا ...سىنى سۆيىمەن ئانا ! ... ››
-مانا يىتىپ كەلدۇق !
شۇپۇرنىڭ گىپى بىلەن خىياللىرىمنى توختاتتىم ، ئۇ ماڭا قاراپ نىمىنىدۇر ھەيران بۇلۇپ كۆزلىرىمگە تىكىلدى .كۆزلىرىمدە ياش تامچىسى لىغىرلاپ قالغانىدى ، ھەرقېتىم ئانام ئىسىمگە كەلسىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالاتتىم ، بەلكىم ئارمان بىلەن كەتكەن ئانام ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىپ يىغلايدىغاندىمەن ، ۋە بەلكىم ئەقىلسىز ئوغۇلنىڭ مىھرىبان ئانىغا بولغان سېغىنىشلىق ئازابى بەدىلىگە كەلگەن چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان ياشلار بولسا كىرەك ...
ماشىنىدىن چۈشۈپ مىھمانخانا ئالدىغا كىلىپ يەنە تۇرۇپ قالدىم . ئۇنىڭ بىلەن زادى كۈرىشەيمۇ ياكى كۈرىشمەيمۇ ؟...
كاللامدا يەنە بۇرۇنقىدەك ئىككى مۇرات پەيدا بولدى ، بىرى :<< ئاراڭلاردا شۇنچە نۇرغۇن ئىشلار بۇلۇپ ئۆتكەن ، يەنە كىلىپ ھازىر سىلەر تامامەن باشقا -باشقا دۇنيادىكى كىشىلەر ، ئۇنداق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان پاھىشە قىز بىلەن كۈرىشىپ نىمىمۇ قىلارسەن ...>>دەيتتى . يەنە بىرى :<< سەن بۇرۇن نىمىلا بولمىسۇن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ، ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيگەن . سەن ۋە باشقىلار شۇنچە يىرگەنگەن ئىشنى ئۆزى خالاپ قىلمىغان ، ئەتراپىدىكى كىشلەر ، جەمئىيەت ئۇنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشكىن ، ئۇنىڭ ساڭا دەيدىغان زادى قانداق گەپلىرى بار ئىكەنلىكىنى ، نىمىشقا تۇيۇقسىزلا سىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بولسىمۇ بىلىپ باققىن ...>> مەن كىيىنكىسىنى تاللىدىم . ئۇنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بۇيىچە 3-قەۋەت 301-ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ چىرايىمغا يالغان كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، ئىشكنى چەكتىم .
ئارقىدىنلا ئىشىك ئېچىلىپ ئايگۈل كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى ، ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم . كۆزلىرىمىز يەنە ئۇچراشتى . ئۇ يەنىلا شۇ تەمكىنلىكى ، تەبىئىيلىكى بىلەن تۇراتتى . شۇ دەقىقىدە نىمىشقىدۇر ئاللىبۇرۇن بىر پارچە مۇزغا ئايلىنىپ كەتكەن يۈرىكىم ئىسسىق بىر ئېقىمنىڭ تەسىرىدە شۇررىدە ئېرىپ كەتكەندەك ، قېتىپ قالغان يۈرىكىم جىغغىدە ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەندەك سوقۇپ رىتىمى تىزلەشتى .
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟-سورىدى ئايگۈل ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ .
-ھەئە، ئۆزىڭىزچۇ ؟-چىرايىمدىكى ئارتۇقچە ئىسەنكىرەشتىن پەيدابولغان ھەيرانلىقنى يۇشۇرالمىدىم .
-مەنمۇ ياخشى تۇردۇم ، قېنى ئىچىگە كىرىڭ .
ئازادە ، پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ياتاق ، تام ئۈستىگە بىر جۈپ قىز -يىگىتنىڭ سۈيۈشۈپ تۇرغان سۈرىتى ئېسىلغان ...بۇرۇنقى ۋاقىتلار بولغان بولسا ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىپ <<ماڭا دەيدىغان قانداق گەپلىرىڭىزبار >>دەپ سورىغان بۇلاتتىم . بىراق ، ھازىر شۇ گەپنى دىيىشكە قانچە تىرىشقان بولساممۇ ، تىلىم ھەركەتكە كەلمىدى . ئۆزۈمنى مەجبۇرلىنىۋاتقاندەك ، ئايگۈلمۇ ماڭا سۈنئىيدەك بىلىنمەكتە ئىدى . نىمە دەپ ئېغىز ئېچىشنى بىلمىدىم ، يەنە كىلىپ شۇ تاپتا ئېغىز ئېچىشقا تىگىشلىك ئىش ئايگۈلنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كىيىن ، نىمە سەۋەبتىن مىنى تۇيۇقسىزلا ئىزدەپ كىلىشى ...ئەڭ ياخشىسى بۇ ھەقتە ئايگۈل ئېغىز ئاچسا ئوبدان بۇلاتتى ، بىراق ھازىر ئۇ ئېغىز ئاچىدىغاندەك ئەمەس ، پۇتىنىڭ ئۇچىغا قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ،ئارىمىزنى تۇلىمۇ ئېغىر سۈكۈت قاپلىغان ...
ئارىمىزدىكى بۇ جىمجىتلىققا چىدىيالمىدىم ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا مىنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كىلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ، ماڭا دەيدىغان قانداق گەپلىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولغان قىزىقىشتىن چارچىغان نېرۋىلىرىم زىڭىلداپ كەتتى . قۇرۇقدىلىنىپ كىتىۋاتقان روھىي دۇنيارىم ئەزەلدىن بىر نەرسىنى ئويلاپ باقمىغاندەك ھالەتكە كىلىپ قالدى . سەۋەبى نا ئېنىق تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە تاقەتسىزلىنىپ كەتتىم .
-ئايگۈل ، مېنى مۇشۇنداقلا جىمجىت بىللە ئولتۇرۇپ بىرىشكە چاقىرمىغانسىز ؟...
-توختاڭ ،-ئۇ گەپ قىلىشىمنى كۈتۈپلا تۇرغاندەك ئورنىدىن تۇردى ،-سىزگە كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر نەرسە بار ، شۇنى ئالغاندىن كىين سۆزلەيمەن . ئۇ شۇنداق دەپ كىرىسلۇ يېنىدىكى چامداننىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى ۋە چامداننى ئېچىپ كونۋىرت ئىچىگە سېلىنغان بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ ، يېنىمغا كەلدى -دە ، قۇلۇمغا تۇتقۇزدى . بىر خىل گاڭگىراش ، تېڭىرقاش ئىچىدە بىر ئۇنىڭغا ، بىر قۇلۇمدىكى قەغەزگە قاراپ چۈشنىكسىز ھىسىيات ئىلكىدە تۇرۇپ قالدىم . بۇ دوختۇرنىڭ دىئاگنۇز ئىسپاتىدەك قىلاتتى ، نىمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىلەلمىسەممۇ ئۈستىگە يوغان قىلىپ يېزىلغان نورمال دىگەن خەتنى ئوقۇيالىدىم . قەلبىمنى چۈشنىكسىز سۇئاللار قاپلىۋالدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم .
-مۇرات ، مەن ئەسلى ئەيدىز ئەمەس !!!
ئۇنىڭ كۆزلىرىگە چەكچىيىپ قارىغىنىمچە ، ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم .
‹‹دوختۇرغا تەكشۈرتىۋىدىم ، ئەيدىز چىقىپتىمەن . ئاخىرقى ئۈمىدىممۇ يوققا چىقتى ...>>ئۇنىڭ كەچۈرمىشىلىرى ، ئەينى ۋاقىتتا دىگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراشقا باشلىدى .
-مۇرات ، جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ، شۇ تاپتىكى ئىچكى ھىسىياتىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن . تۇيۇقسىز دىگەن بۇ گەپلىرىمگە ھەيران بۇلىۋاتىسىز ، ئىشەنمەيۋاتىسىز ، لىكىن بۇ راست مۇرات . مەن راستىنلا ئەيدىز ئەمەس ...ھەم ئۇنداق كىسەل بۇلۇپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن .
-گىپىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم !
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىۋەتتىم . چۈنكى ئايگۈل بىلەن تۇنۇشقاندىن بۇيان ھاياتىم بىرخىل داۋالغۇش ئىچىدە ئۈتۈپتۇ ، ئەينى ۋاقىتتا ئەيدىز بۇلۇپ قاپتىمەن ،دىگەن . مانا ئەمدىلىكتە مىنى ئۆزلۈكىدىن ئىزدەپ كىلىپ ، بۇگەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ . ئىشىنىش -ئىشەنمەسلىكىمۇ ، تاللاش -تاللىنىشمۇ ۋاقتى كەلگەندە بىر مۇھىم مەسلە ئىكەن . ئۇنىڭ زادى نىمە ئۇيۇن ئويناۋاتقانلىقىنى بىلمىسەممۇ ، يەنە نىمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالغانىدىم .
-گىپىڭىزنى بۇنداق تومتاقلا دىسىڭىز مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىم ئايگۈل ، بۈگۈن مەخسۇس ۋاقىتمنى چىقىرىپ سىز بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن كەلدىم ، قانداق گەپلىرىڭىز بولسا ئالدىرماي سۆزلەڭ ...مەن ئاڭلايمەن ، ئاخىرغىچە ئاڭلايمەن .
-توغرا دەيسىز ...بەلكىم بەك جىددىيلىشىپ كەتكەندىمەن . شۇ تاپتا گەپنى نەدىن باشلاشنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . شۇنداقتىمۇ ماڭا ئاخىرقى قېتىم ئىشىنىپ ، سۆزلىرىمنى ئەستايىدىل ، كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاپ بەرسىڭىزلا مەن سىزدىن ئۆمۈرۋايەت رازى بۇلىمەن .
مەيلى نىمە بولسۇن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۇنىڭغا قېنى گىپىڭىزنى باشلاڭ دىگەن مەنىدە تىكىلىپ قارىدىم . ئۇمۇ ماڭا قارىدى ،ئۇنىڭ قۇيۇق ئەگمە قاشلىرى ، ئادەمنى مەستخۈش قىلغۇچى شەھلا كۆزلىرىگە يەنە قاراشقا ماجالىم يەتمەي كۆزلىرىمنى تېزلا باشقا ياقلارغا ئېلىپ قاچتىم .
-گەپنى قەيەردىن باشلىسام بۇلار ، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا سىز بىلەن تۇنۇشۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلاردىن باشلاي ،-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كارۋات يېنىغا قۇيۇلغان كىرىسلۇدا ئولتۇرۇپ گېپىنى باشلىدى . مەنمۇ پۈتۈن دىقىتىمنى يىغىپ ئاڭلاشقا باشلىدىم .
- تەقدىرنىڭ ئۇيۇنلىرى ئاجايىپلا قىزىق ، ئەينى ۋاقىتتا ئاشخانا خوجايىنىنىڭ شۇنچە يالۋۇرۇشلىرىغا ئۇنىماي ،ئىچكىردە ئۇسسۇلچى بۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەگىشىپ يەنە ئون نەچچە قىزلار بىلەن چىڭدۇغا يىتىپ كەلدۇق . توۋا...خۇدايىم بەندىلەرنىڭ بېشىغا ، بۇلۇپمۇ قىزلارنىڭ بېشىغا ھەرگىز ئۇنداق كۈننى سالمىغاي . ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى ، پاھىشخانىغا سېتىۋىتىلگەنلىكىمنى بىلگىنىمدە ئۆز گۈشىمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بۇلۇپ كەتتىم، نەچچە قېتىم يىغلاپ ھۇشىمدىن كەتكەن ۋاقتىممۇ بولدى . بۇلارنى سىزگە سۆزلەپ بەرگەن . لىكىن سىزگە بەزىبىر ئىشلارنى ئەينەن ، راست سۆزلىمىگەن ئىدىم . قىزلار شۇنداق ئاجىز بۇلىدىكەن ، تەقدىرىمگە ، ئۆز بېشىمغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرگە تەن بىرىپ ، لېۋىمنى چىشلەپ ئامالسىز خوجايىننىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە ، قىيناپ ئېسشلىرىغا چىداپ كەلدىم . ۋاقتى كەلگەندە ئادەمگە ئۆز جېنىدىنمۇ قەدىرلىك نەرسە بولمىسا كىرەك ، ئاشۇ قۇرت-قوڭغۇز جېنىدىمۇ ھاياتلىق ئۈچۈن تىنىم تاپماستىن كۈرەش قىلىدىغۇ .. ئادەم بەك قىينالغاندا ئۆزى خالىمىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بۇلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن مىھمان كۈتۈشكە باشلىدىم . ئىچكىردىكى ھاياتىم ئەنە شۇنداق باشلاندى . باشتا ئۆز -ئۆزەمدىن يىرگىنىپ بىر كۈننىمۇ خۇشال ئۆتكۈزمىدىم ، كىيىن بارا -بارا ئۆز تەقدىرىمگە بويسۇنۇپ ، رىئاللىققا يۈزلەندىم . سىز بىلمەيسىز ،ئۇنداق يەرگە ھەرخىل -ھەرياڭزا كىشىلەر كىرىپ تۇراتتى ، كىرگەنلەرنىڭ تۇلىسى خەنزۇلار بۇلۇپ ، كىينىشلىرىدىن جەمئىيەتتە خېلى ئورنى بار پۇلدار كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلاتتى ، بۇلۇپمۇ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ <<سودىسى >>ياخشى بۇلاتتى ، ھەر قېتىملىقنىڭ باھاسىمۇ يۇقىرى بۇلاتتى . بەزىدە لوبەنگە پۇل بىرىپ بىزنىڭ بىر كۈنلىگىمىزنى سېتىۋالاتتى -دە ، بىزنى ئاللىقانداق ئولتۇرۇشلارغا ئاپىرىپ ئەتىسى ئەكىلىپ قۇياتتى . يەنە بەزىدە ئۇ يەرگە ئۇيغۇرلارمۇ كىرىپ قالاتتى . بىز ئۇلارنى كۈرۈپ بۇلۇپمۇ خەنزۇلار بىلەن تولغان بۇ چوڭ شەھەردە ، بىر ئۇيغۇرنى كۆرگىنىمىزگە ناھايىتى بەك خۇشال بۇلۇپ كەتسەكمۇ ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئىچكىرى شەھەرگە كىلىپمۇ ، ئۆز روھىيتىنى چىرىتىدىغان ئىشنى قىلغىنىغا ئېچىنىپ كىتەتتۇق ... ئارىمىزدا گۈليار ئىسمىلىك يەنە بىر قىز بار بۇلۇپ ، ئىككىمىز چىڭدۇدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۈرۈشكەندە مەن بىلەن بىللە كىرگەن ھېلىقى سىمىزرەك كەلگەن قىز . ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاتا –ئانىسى خېلى نامى بار پۇلدار كىشى ئىكەن. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش تۇلۇق ئوتتۇرا تەربىيسىنى ئالغان بۇلۇپ ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي بىر مەزگىل ئائىلىسىدە يۈرۈپتۇ . بىر قېتىم دوستلىرى بىلەن ئولتۇرۇشقا بېرىپ بىر يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ . ئىككىسى خېلى ئۇزۇن يېقىن دوست بۇلۇپ ئارلىشىپ يۈرگەندىن كىيىن ، گۈليار ئۇ يىگىتنى ياخشى كۈرۈپ قاپتۇ. ئۇ يىگىت بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بۇلۇپ ، گۈليارنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە چىراي جەھەتتىمۇ ، ئەخلاق جەھەتتىمۇ خېلى ماختىغۇچىلىكى بار ياخشى بالا ئىكەن . ئىككىسى بىر يىلدەك ئارلىشىپ يۈرگەندىن كىيىن ئىككى ئائىلىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن تويىنى قىلىۋاپتۇ. لىكىن ئەتىسى گۈليارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ ...
ئايگۈل شۇنداق دەپ توختاپ قالدى ، مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بۇلۇپ نىمىشقا دىگەن مەنىدە ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىدىم .
ئايگۈل ماڭا سەل ئەيمىنىپراق قاراپ قويدى ھەم بېشىنى پەسكە سېلىپ تۆۋەن ئاۋازدا ئېيتتى :
- قىز چىقمىدىڭ دەپ ...
- نىمە ؟ ئۇ قىز بۇرۇن باشقىلار بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنمىكەن ...
- ياق ...گۈليارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا نەۋرە ئاكىسى چېقىلىپ قويغان ئىكەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم . بىز ئوغۇللارمۇ بەزىدە بەك تەتۈر كىلىمىز ، ئۆزىمىز بىردەملىك ئازغۇن ھىسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ، قىزلارغا ئاللىقانداق ۋەدىلەرنى بىرىپ ناشايان ئىشلارنى قىلىپ سالىمىز ، لىكىن بىز نىكاھلاپ ئالغان قىزنىڭ چۇقۇم ئىپپپەتلىك ، ئەخلاقلىق بۇلۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، ئەگەردە ئۇنداق بولمايدىكەن ، بىرمۇنچە ئەدەبلەپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىمىز ...ئۆز يىگىتىنىڭ ئاللىقانداق ۋەدىلىرىگە ، يالۋۇرۇشلىرىغا ئىشىنىپ بىردەملىك ھىسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ، مىڭ پۇشايمان ئىلكىدە دەرتتە قالغان ، بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتى خار –زەبۇنلۇقتا ئۆتىۋاتقان قىزلار جەمئىيەتتە بەلكىم يەنە جىق بولسا كىرەك...
ئايگۈل شۈكلەپ كەتكىنىمنى كۈرۈپ سۆزىنى يەنە باشلىدى .
-گۈليار ئەتىسى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كىيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە قانداق بېرىشنى ، ئاتا –ئانىسىنىڭ يۈزىگە قانداق قاراشنى بىلمەي ، ياشلىرىنى يۇم –يۇم تۆككىنىچە كوچا ئارلاپ يۈرگىنىدە ئىچكىرگە ئۇسۇلچى قىزلار ئالىدىغان ئېلاننى كۈرۈپ قاپتۇ . ھەم ئۆزىنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ ئىمتىھان بىرىپ بىز بىلەن بىللە ئاشۇ مەينەت جايغا يىتىپ كەپتۇ . باشتا ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىزنى سۆزلەپ بىرىشىپ يېقىن دوستلاردىن بۇلۇپ قالدۇق . ئاخىرى بۇ ئىبلىسلار قوينىدىن قېچىپ كىتىشنى ئويلاپ ،خېلى ئۇزۇن پىلان تۈزگەندىن كىيىن بىر كۈنى كەچتە گۈليار ئىككىمىز لوبەننىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئايالىغا ئازغىنە كۆڭلىمىزنى بىلدۈرگەندىن كىيىن ، قىزلارغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئالىمىز دەپ سىرتقا چىقتۇق ، ئاساسەن لوبەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئايالى بىزگە كۆز –قۇلاق بۇلاتتى، كۆزىمىزنىڭ قۇيرۇقىدا كەينىمىزگە قاراپ قۇياتتۇق ، لىكىن ئارقىمىزدىن بىرەرسى كۈرۈنمەيتتى . بىر دوقمۇشقا كەلگەندە بىز ئالدىراپ موتوسىكىلىتتىن بىرنى تۇسۇپ ، پويىز ئىستانىسىغا ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئېيتتۇق . بۇ قېتىمقىسى بىزنىڭ مۇشۇ ئىبلىسلار قوينىغا كەلگەندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم قېچىشىمىز ئىدى . ئالدىنقى بىر قېتىم قېچىپ پويىز ئىستانىسىغا كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالغان ھەم لوبەننىڭ قىيناپ ئېسىپ قۇيۇشلىرىغا ئۇچرىغان ئىدۇق . بۇ قېتىممۇ تۇتۇلۇپ قېلىشىمىزدىن قورقۇپ تۇراتتۇق ، لىكىن خۇدا دەپلا تەۋەككۈل قىلىپ ئاخىرى پويىز ئىستانىسىغىمۇ يىتىپ كەلدۇق . بىلەت سېتىش زالىغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئۇھ دەپ يۈرىكىمىزمۇ سەل جايىغا چۈشكەن بولدى . چۈنكى سىرتتا بىرەرسى تۇتىۋالغان بولسا ساقچىلارنىڭمۇ كارى بولمايتتى ، ئەمدى بىزنى ئىزدەپ كىرگەن تەقدىردىمۇ ساقچىلارغا ئەھۋالنى ئېيتساق رەھىمى كىلىپ قالسا بىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى . ئىككىمىز ئۇنىڭغا –بۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئۆچىرەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ تۇردۇق . ئاخىرى بىزگە مىڭبىر تەسلىكتە ئۆچىرەت كەلدى .
- شىنجاڭغا بارىدىغان پويىز بىلىتىدىن ئىككىنى ،- شۇنداق دىگەچ بىلەت ساتقۇچى خەنزۇ يىگىتكە پۇل ئۇزاتتىم . لىكىن ئۇ گىپىمنى ئاڭلاپ چۈشەنمىگەندەك قىلىپ ماڭا قارىدى ، جىددىيچىلىك ، قورقۇنۇشتا بىرەر جاينىڭ ئىسمىنى دىمەيلا شىنجاڭغا بارىدىغان دەپ سالغان
ئىكەنمەن .
- ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز بىلىتىدىن ئىككىنى ...
بىلەت ساتقۇچى كومپىيوتىرغا بىرنىمىلەرنى كىرگۈزگەندىن كىيىن بېشىنى لىڭىشىتتى.
- بۈگۈننىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز بىلىتى تۈگەپ كىتىپتۇ. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەرئىككىلىمىز چۈچۈپ كەتتۇق . بىزمۇ ئىشنى بەكمۇ ئاددىي ، خام ئويلىغان ئىكەنمىز . ئەسلى بىرنەچچە كۈن بۇرۇن بىلەتنى ئېلىپ تەييارلاپ قويغان بولساق بۇ ئىشمۇ يوق... ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ؟
- ۋۇزو ( 无座 ) بولسىمۇ بۇلاتتى ،- ئۇنىڭغا ئۈتۈنۈش نەزىرىرە قارىدىم .
- ھېچقانداق بىلەت يوق ! – ئۇ بىزگە قاراپ قوپال ئاۋازدا ئېيتتى.
- ۋاي خۇدايىمەي ، قانداق قىلارمىز ئەمدى ، ئەتىنىڭ بىلىتى بولسىمۇ ئېلىۋالايلى بولمىسا ،- گۈليار شۇنداق دىگەچ بىلەتچىگە قاراپ ئېيتتى :
- خاپا بولماي قاراپ باقسىڭىز ، ئەتىنىڭ بىلىتى بولسىمۇ بۇلاتتى .
بىلەت ساتقۇچى بىزگە بىرنى سەت قارىۋەتكەندىن كىيىن ، كومپىيوتىرغا بىرنىمىلەرنى كىرگۈزدى .
- كارۋاتلىقى تۈگەپ كىتىپتۇ . قاتتىق ئۇرۇننىڭ بار ئىكەن ...
بۇنى ئاڭلاپ ئۇھ دىگىنىمىزچە بىر –بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىپ سۇس كۈلۈشۈپ قۇيۇشتۇق .
بىلەتنى قۇلىمىزغا ئالغاندىن كىيىن خۇددى قۇلىمىزدىكى بىزنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان سىرلىق ئەڭگۈشتەردەك ، بىزنى بۇ ئىبلىسلار قوينىدىن ، مەينەت جايدىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغان نىجاتچىمىزدەك يېنىش –يېنىشلاپ قاراپ كىتىشتۇق . ئەمدى يەنە بىر مۇھىم ئىش ئەتىگىچە بىرەر جايدا پاناھلىنىپ ، ئۇلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىدى . بىز مىڭ قورقۇنچتا پويىز ئىستانىسىدىن چىقىپ ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر مېھمانخانىدىن ياتاق ئېلىپ ئۇرۇنلىشىۋالدۇق . ھەرئىككىلىمىزنىڭ چىھرىدە سۇس خۇشاللىق جىلۋە قىلاتتى ، شۇنداق ھەر ئىككىلىمىزنىڭ يۈرىكى خۇشاللىقتىن تىپچەكلەيتتى . مانا ئەتىلا بۇ جايدىن ئايرىلىمىز ، بىزنىڭمۇ خۇشال ، ئەركىن باشقىلارغا ئوخشاش ھاياتقا قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ ،ھاياتتىن رازى بۇلۇپ كۈلۈپ ياشايدىغان كۈنلىرىمىز كىلىدۇ ... پاھىشە دىگەن سېسىق ، ئاڭلىسا ئادەمنىڭ تىنى شۈركىنىدىغان نامدىن قۇتۇلىمىز . خۇدايىم بۇيرىسا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئاخىرقى ئۆمرىمىزنى مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىمىز ... گۈليار ئىككىمىز شۇلارنى دىيىشىپ تاتلىق ھىسلارغا چۈمۈلۈشكىنىمىزچە ئۇخلاپ قالدۇق .
پويىز كەچ سائەت 7دە يولغا چىقاتتى . ئەتىسى كەچ بولغىچە ياتاقتا تەييار چۆپ يەپ ، مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشتۇق . ۋاقىت قانچە ئاز قالغانسىرى بۇ يەردىكى ئازابلىق كۈنلىرىمنىڭ ئاياقلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ ھاياجانغا چۈمۈلسەم ، يەنە بىر تەرەپتىن قەلبىمنى ئۆزۈممۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان جىددىيچىلىك قاپلىۋالغان ئىدى . بىز ماڭىدىغانغا دەل يېرىم سائەت قالغاندا ياتاقتىن چىقتۇق .ياتاقتىن چىقىپلا تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ پويىز ئىستانىسىغا يىتىپ كەلدۇق . ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان يۇلۇچىلار بەكمۇ كۆپ بۇلۇپ ، زال ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى ، بىزمۇ توپ ئىچىگە قىستىلىشىپ كىرىپ ئۆچىرەت تۇردۇق .
قاپىقىمنىڭ توختىماي تارتىشىدىن بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بۇلۇپ ، قورقۇنچقا چۈشكەن ئىدىم . بىزگە نۆۋەت كىلىپ ئەمدى ئالدىمغا بىر قەدەم ئېلىشىم بىلەن ئارقامدىن بىرىنىڭ قۇلۇمنى تارتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم . ئارقامغا قارىدىميۇ يۈرىكىم خۇددى ھازىرلا قەپەستىن چىقىپ كىتىدىغاندەك چۆچۈپ كەتتىم . بىزنىڭ لوبىنىمىز ھەم بىزگە كۆز –قۇلاق بۇلۇپ باشقۇرىدىغان ئۈچ –تۆت خەنزۇ يىگىت ئارقىمىزدا تۇراتتى . ئۇلار گۈليارنىڭ قوللىرىدىن تارتىپ مەجبۇرى سۆرەپ توپتىن تارتىپ چىقتى . ھەم مېنىڭمۇ قوللىرىمنى تارتىپ مەجبۇرى ئېلىپ مېڭىشقا ئۇرۇندى . مەن پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ قارشىلىق كۆرسەتكىنىمچە قوللىرىمنى سىلكىپ ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۋەتتىم . شۇئان يۈزۈمگە تەككەن قاتتىق بىر تەستەكنىڭ تەسىرىدە ئارقامغا نەچچە قەدەم داجىپ ، ئۆزەمنى كونترول قىلالماي پەسكە يىقىلىپ چۈشتۈم . ئۇلار مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا ، توختىماستىن قارشىلىق كۆرسىتىپ ، يەردە سۇزۇلۇپ يېتىۋالغىنىمغا قارىماي مېنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ ماڭدى . مەن پۈتۈن ئاۋازىمنى چىقىرىپ ‹‹ قۇتقۇزۇڭلار، قۇتقۇزۇڭلار ›› دەپ توۋلاشقا باشلىدىم . لىكىن بىزنى قۇتقۇزىۋالىدىغان ، بىزگە ئىچى ئاغرىيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزنى سۆرەپ ، تارتقىنىچە پويىز ئىستانىسىدىن ئېلىپ چىقتى . قاتتىق خورلۇق ھەم ئەلەمدىن خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىناتتىم ، بىردە ئۇلارنى ئاغزىمغا كەلگەن سېسىق گەپلەر بىلەن تىللىسام ، بىردە ئۇلارغا يېلىنىپ يالۋۇراتتىم . لكىن ئۇلار نە بىزنىڭ يالۋۇرىشلىرىمىزغا قۇلاق سالسۇن ؟... يەنە تۇرۇپ بۇ دۇنيانىڭ شۇنچىۋالا رەھىمسىز ، ساختىلىشىپ كەتكىنىگە قاتتىق ئېچىنماقتا ئىدىم ، توۋا ئىككى قىزنى مەجبۇرىي سۆرەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭسا ، بىرەر مەيدىسىدە تۈكى بار ئەركىشى بىزنى قۇتقۇزۇپمۇ قويمىدى ، ئىشىك ئالدىدىكى ساقچىلارنىڭمۇ بىز بىلەن كارى بولمىدى ، بۇرۇن پەقەت ھىس قىلمىغان ئىكەنمەن ، قىز بالا راستىنلا بەكمۇ ئاجىز كىلىدىكەن ، كونىلارنىڭ كىشى يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول ، دىگىنى بەكمۇ ئۇرۇنلۇق ، توغرا ئېيتىلغان ئىكەن . ئۇلار بىزنى ماشىنىغا سۆرەشتۈرۈپ ، دۆشكەللەپ ، ئىتتىرىپ دىگەندەك ئېلىپ چىقتى . ئەمدى ئۆزەمنىڭ ھېچقانداق ئامالىم قالمىغانلىقىنى ئويلاپ يىتىپ ، پەقەت ۋە پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھدىن گۇناھلىرىمغا تۆۋە قىلىپ ، مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىنى ئۆتۈندۈم .
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىزنى مەينەتچىلىك قاپلاپ تۇرغان ،تىرىك تۇرۇپ دوزاخ ئازابىنى كۈرۈپ ياشايدىغان ‹‹تۈرمىگە ››ئېلىپ كىلىشتى . شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمنىڭ بۇ يەردىن تىرىك قېچىپ كىتەلمەيدىغانلىقىمغا كۈزۈم يىتىپ ، يەنە ئاشۇ ئازابلىق كۈنلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدىم .
ھەش –پەش دىگۈچە بىر ھەپتىمۇ ئۈتۈپ كەتتى . بىر كۈنى ئۇ يەرگە شىنجاڭلىق بىر يىگىت كىرىپ كەلدى . قارىماققا ئۇ ئانچە كىلىشكەن بولمىسىمۇ ، كىيىملىرى شۇنداق رەتلىك ، يارىشىملىق ئىدى . ئۇ ئارىمىزدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر قىزغا سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ، مېنى تاللاپ ياتاق ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى . مەنمۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىن ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم . ئىچ –ئىچىمدىن ئازابلانماقتا ، ۋۇجۇدۇم خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغانماقتا ئىدى ... گەرچە ئۇ يىگىتمۇ بۇ يەرگە ئىچ -پۇشۇقىنى چىقارغىلى كىرگەن بولسىمۇ ، لىكىن كۆڭلىدە مېنى ئاللىقانداق سېسىق گەپلەر بىلەن تىللاپ ، بىر مىللەتتىن بۇلۇپ قالغانلىقىغا نۇمۇس قىلىۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ئىدى . ئىشلار تۈگىگىچە بىز بىر ئېغىزمۇ پاراڭ قىلىشمىدۇق ...ئۇ ماڭا تىگىشلىك پۇلنى بەرگەندىن كىيىن يەنە ئۈن-تىنسىز چىقىپ كەتتى . قۇلۇمدا يۈز يۈەنلىك پۇلنى چىڭ سىقدىغىنىمچە ياشلىرىمنى تۈكۈپ روھسىز ئولتۇرۇپ قالدىم .
كۈنلەر كۆزنى يۇمۇپ -ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا تېز -تېز ئۈتىۋاتاتتى .
ئەسەرنىڭ 2-بۆلىكى ئاساسەن يېزىلىپ بۇلۇندى . داۋامى قايتا بىر قېتىم تەھرىرلىنىپ ،تۈزىتىلىپ پات يېقىندا تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشىدۇ .