دۇنيادا بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان ئىككى يوپۇرماقنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما بىر-بىرىگە ناھايىتى ئوخشايدىغاننى تېپىش ئۇنچە تەس ئەمەس. ئادەملەرمۇ شۇنداق، پەرزەنت ئاتا-ئانىسىغا ئوخشايدۇ، قېرىنداشلارمۇ بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ، ئەمما پەرق قىلغۇسىز ئوخشىشى ناتايىن، ھەتتا قوشماقلارمۇ بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. قېرىنداشلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىشى نورمال ئىش، بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالغۇچىلىقى يوق، لېكىن بىر-بىرى بىلەن ھېچقانداق قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان، ئىككى دۆلەت، ئىككى مىللەتتىن بولغان ئىككى ئادەمنىڭ بىر-بىرىگە قوشماقتەك ئوخشاپ قېلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. تۆۋەندە NBAدىكى بىر قىسىم تاماشا ساھەسىدىكى چولپانلارغا ئوخشايدىغان چولپانلارنى رەسىملىرىنى تىزىپ چىقتۇق. بۇنى كۆرسىڭىز «بۇلار چوقۇم بىر-بىرىنى يۈتتۈرۈپ قويغان قېرىنداشلار بولىشى مۇمكىن» دەيسىز.