(ئېرخان گۇلېريۈز) بىلەن Erhan Güleryüz بەش كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئەينەك گۇرۇپپىسىدا ئەڭ داڭلىق بولغى چېمىل ئۆزېرېن.Cemil Özeren ئەينەك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشتن بۇرۇن، ئېرخان گۇلېريۈز 1992- يىلى << گۈللەر ئېچىلدى >>، 1995- يىلى << ھەسرەت >> ناملىق پىلاستىنكىسىنى چىقارغان. داڭلىق نامسىز ناخشىچى گۇلېريۈز ئەينى ۋاقىتتا گەرچە بەكمۇ نامى چىقمىغان بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن ناخشىلىرىنى باشقا ناخشىچىلار ئېيتىپ يۈرگەن. چېمىل ئۆزىرىن بولسا باۋدىرۇندا ئۆزىنىڭ ئانسامبىلىنى قۇرغان بولۇپ، مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.
بىر ياز ئاخشىمى ئېرخان گۇلېريۈز چېمىلگە بىرلىكتە بىر پىلاستىنكا چىقىرىش ئويىنى ئېيتقان. چېمىل ئۆزىرىن بۇ تەكلىپكە بەكمۇ قىزىقمىغان بولسىمۇ يەنىلا سىتانبولغا كېلىپ دوستىنىڭ تەكلىبىگە قوشۇلغان. ئەينەك گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسى شۇنىڭ بىلەن شەكىللەنگەن. ئاخىرىدا بىرلىشىپ << ئەينەك ئانسامبىلى >> نى قۇرغان.
ئۇلار بىرلىشىپ ئېيتقان خەلق ناخشىسى << چەيلان >> ( بۆكەن ) ناملىق ناخشىسى روك مۇزىكا ساھەسىنى قوزغىۋەتكەن. ئەينەك ئانسامبىلىنىڭ كېيىنكى پىلاستىنكىلىرىمۇ مۇشۇ ئۇسلۇبنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇلار روك مۇزىكىسىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. كېيىن ئۇلار پۈتكۈل ئاناتولىيەدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان گۇرۇپپا بولۇپ قالغان. شۇنداقلا بۇ گۇرۇپپا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار گۇرۇپپىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ئانسامبىلدا بۇرۇن ۋەزىپە ئۆتىگەنلار : ئاساسلىق ناخشا ۋە گېتتاردا ئېرخان گۇلېريۈز ئاساسلىق ناخشا ۋە گېتتاردا چېمىل ئۆزىرىن Orçun Acaدۇمباقچى Orçun Çolak رىيالىست Can Ergenlerقوشۇمچە گېتتارىست Can Güney ناخشا ۋە يالغۇز گېتتار Kerem Sedefدۇمباقچى Ayhan Öztopluسوقما چالغۇ Görkem Bozyelئېلېكترونلۇق گېتتارىست Bülent Akbayسوقما چالغۇ
بۇ ئاينانىڭ 1999- يىلى 6- ئايدا Turkuler ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن بىللە نەشىر قىلغان << Sarkılar >> ( ناخشىلار ) ناملىق پىلاستىنكىسى

|