رۇسيەلىك تاتار ناخشا خانىشى ئالسۇ Алсу نىڭ 2008- يىلى چىقارغان تۇنجى ئىنگىلىزچە ئالبومى: Inspired
تاتار قىزى ئالسۇ ( ئىنگىلىزچە Alsou ) نىڭ رۇسيەدە نامى شۇنداق داڭلىق. 1983- يىلى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوگۈرما شەھرىدە تۇغۇلغان. 9 يېشىدا ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ، سەنئەت ئىنىستوتىنى پۈتتۈرگەن. ئالسۇ دىگەن سۆز تاتارچە « ئەتىرگۈل رەڭىدىكى دەريا » بولۇپ، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆك كۆزى كىشىنى تېخىمۇ مەھلىيا قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى كۆزى ئەڭ گۈزەل سەنئەتچى دىگەن نامىمۇ بار. 1999- يىلى 1999- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى « زىمىستان قىشتىكى چۈش » ناملىق ئالبومى رۇسيىنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە رادىئولىرىدا قويۇلۇپ بىردىنلا نامى چىقتى. ئارقىدىن ئۇنىڭ « باھار »، « بەزىدە » ناملىق ئالبوملىرىمۇ زور نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى يەنە پۈتۈن رۇسيەدە ئايلانما ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، 2000- يىلى يۇرتىغا قايتىپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە، تاماشىبىنلار سانى 86 مىڭغا يېتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە شۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاران 100 مىڭ ئىكەن. 2000- يىلى ئالسۇ سونىي شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، رۇسيە تارىخىدىكى سونىي شىركىتى بىلەن توختاملاشقان تۇنجى ناخشىچى بولۇپ، 35 دۆلەتكە ئۆزىنىڭ ئالبومىنى تارقاتتى. 2001- يىلى ئالسۇ ناخشىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى. شۇ يىلقى « MTV ياۋرۇپا مۇزىكا مۇكاپاتى » نىڭ ئەڭ ياخشى ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، كىيىنلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل مۇزىكا مۇكاپاتلىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ سودا ئېلانى توختاملىرىغا ئېرىشىدۇ. 2008- يىلى باھاردا، چوڭ باي بىلەن توي قىلىپ، ناخشا ساھەسىدىن چېكىنگەن ئالسۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل چىقارغان ئىككىنچى ئالبومى، يەنى ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر چىقارغان تۇنجى ئېنگىلىزچە ئالبومى بولۇپ، ھەممىمىز سۆيۈپ ئاڭلايدىغان « زىمىستان قىشتىكى چۈش » ناخشىسىنى ئىنگىلىزچە ئىيتقان.

|