basbas
مۇنبەر يانفون مەھەللە رەسىم تور ئەسەرلىرى MTV تور ئۇيۇنى كىنو ناخشا ئۇچۇر
         
 
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >>دىل ناۋاسى
پىلاستىنكا نامى:دىل ناۋاسى
ناخشىچى:دىلنار ئابدۇللا
يوللىغان ۋاقىت:2008-10-27
ئاۋاتلىقى:21467
چۈشۈرۈش ئاڭلاش ئۇرۇنلىغۇچى ناخشا ئىسمى
دىلنار ئابدۇللاقوشماق ئاداش
دىلنار ئابدۇللاسۆيگۈ
دىلنار ئابدۇللاكۆردۈم
دىلنار ئابدۇللائۇستازغا مەدىيە
دىلنار ئابدۇللائاياللار قەلبى
دىلنار ئابدۇللانەدىسەن ئاتا
دىلنار ئابدۇللائانا مېھرى
دىلنار ئابدۇللائەۋلادىم
دىلنار ئابدۇللاقىزىل تاغ
دىلنار ئابدۇللاجانان
دىلنار ئابدۇللادىل ناۋاسى
دىلنار ئابدۇللاكۆڭۈل تىلىكى
دىلنار ئابدۇللاگۈل بىلەن ياپراق
  
  پىلاستىنكا چۈشەندۈرۈلۈشى
  

           شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىسى دىلنار ئابدۇللا 1966 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدە توغۇلغان . ئۇ 1973 - يىلى 9 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى . سەنئەتكار ئائىلىسىدە توغۇلۇپ چوڭ بولغان دىلنار كىچىكىدىنلا سەنئەتكە تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى . سەنئەتنى سۆيەتتى . شۇڭا ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆزىدىكى تەبىئى سەنئەت تالانتى بىلەن 1978 - يىلى 9 - ئايدا مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرىدى . بۇ چاغدا دىلنار ئەمدىلا 12 ياشتا ئىدى .
دىلنار ئابدۇللا 1982 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى . شۇنىڭدىن ئتىبارەن كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغۋار غايىلەر بىلەن تىنىمسىز ئىزدىنىشكە ، شىنجاڭنىڭ مىللى سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا باشلىدى ھەم ھەقىقى سەنئەتكارغا خاس ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتى بىلەن تىزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ ، خەلىقنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ، ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى . شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ شوخ ئۇسۇللىرى ئارقىلىق رەڭدار بەدىئى ئوبرازلانى يارىتىپ ، كۆپ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ئىلىمىز ھەم خەلقئارادا تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى . «ئۇستازغا » ، «ئاتا» قاتارلىق نادىر ناخشىلىرى ئارقىلىق خەلق قەلبىگە زوق بېغىشلىدى .
دىلنار ئابدۇللا ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەمىلىيىتى ئارقىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇسۇل سەنئىتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشتى . 1985 - يىلى ئۇ شىنجاڭدا تۇنجى بۇلۇپ يالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل كىچىلىكى ئۆتكۈزدى. شۇ يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە ئۇ ئورۇنلىغان يالغۇز كىشلىك ئۇسۇل «مۇز تاغدىكى ئوت » 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ئۇ 1995- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە « ئەمگەك نەمونىچىسى» بۇلۇپ مۇكاپاتلاندى ھەمدە مەدىنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئەڭ ئالى مۇكاپات « مەدىنىيەت جەۋھىرى مۇكاپاتى » غا ئېرىشتى . 1997 - يىلى ياپۇنىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ ، « ئەڭ ئالى ئورۇنداش » مۇكاپاتىغا ، شۇ يىلى شاڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئەدىبىيات سەنئەت كىچىلىكىگە قاتنىشىپ ، « ئالتۇن » مۇكاپاتقا ئېرىشتى . 1998 - يىلى ئاۋمىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكىيان رايۇنىدىكى ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسىدە « ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى » مۇكاپاتىغا نائىل بولدى . يەنە شۇ يىلى 3 - ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە « 8- مارت قىزىلبايراقدارى » بۇلۇپ باھالاندى . 1999 - يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مىللەتلەر ئېتىپاقلىقى بۇيىچە « نەمونىچى شەخىس » بۇلۇپ مۇكاپاتلاندى . 2001- يىلى جۇڭگو ئەدىبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن « تۆھپىكار سەنئەتكار مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى . 2001 - يىلى 4 - ئايدا چاۋشيەندە ئۆتكۈزۈلگەن چاۋشيەن خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدا ئۇ ئورۇنلىغان «داۋانچىڭ قىزى» ناملىق يالغۇز كىشلىك ئۇسۇل «ئالتۇن» مۇكاپاتقا ئېرىشتى . 2003 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى ئېچىش ۋە قۇرۇش مۇكاپاتىغا، جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياشنىڭ بىرى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2004 - يىلى مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزگىچە سەنئەت سېھرىي كۈچى ۋە ئۇسسۇل تەسىرچانلىقى، شۇنداقلا سەھنىدىكى ئاجايىپ گۈزەل ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن مەركەز تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى تىيېيىڭ، بۇ خې، ئىسمائىل ئەھمەد، ئافېي ئاۋاڭجىنمېي، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرۈپ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى ۋە يۇقىرى باھا بەردى......
دىلنار ئابدۇللا ھازىر شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسۇل سەنئەتكارى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلىدىغان خادىمى ، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تەكلىپلىك پروفىسىورى ، جۇڭگو ئۇسۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇسۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى . ئۇ 2002 - يىلى «جۈڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 چوڭ ياش» نىڭ بىرى بۇلۇپ مۇكاپاتلاندى .
دىلنار ئابدۇللا سەنئەتنى ئىنتايىن سۆيىدۇ ھەمدە سەنئەتنىڭ چېكى يوق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇ سەنئەت بېغىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، سەنئەتنىڭ چىن مەنىسىگە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلدى.
10 يىلغا يېقىن كىنوچىلىق ساھەسىدە ئىشلەپ ،« سىم - سىم يامغۇردىكى ئەسلىمە » ، « بويتاقلار ئائىلىسى » ، «مەھەممەت ھەققىدە پاراڭ » دىگەندەك كۆپلىگەن فىلىملەرنى سۆرەتكە ئالغان ياش ئوپىراتۇر نىجات ئىسمايىل بىلەن ياش ئۇسۇل سەنئەتكارى دىلنار ئابدۇللامۇ رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە گۈزەل مۇھەببەت دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن . ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن بولغاچقا ئىككىسى كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۆز - ئارا تونۇشاتتى . 1978 - يىلى دىلنار سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كەتتى . 1981 - يىلى نىجاتمۇ بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا باردى . ئۇلار بېيجىڭدا بىر قانچە قېتىم ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىق ئاستا - ئاستا بىر - بىرىنى ياختۇرۇپ قېلىشتى . ھەر ئىككىسى بېيجىڭدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ئالىجاناپلىق ھەم ۋاپادارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان چىن مۇھەببەتنىڭ گۈزەل باھارىنى كۈتۈۋالدى ھەمدە 1987 - يىلى 10 - ئاينىڭ 4 -كۈنى ئۈرۈمچىدە بەخىتلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ھازىر ئۇلارنىڭ بىر جۈپ ئۇماق قىزلىرى بار ، چوڭىنىڭ ئىسمى ۋېنىرا ، كىچىكىنىڭ ئىسمى ئۇزنار ، ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ .
دىلنار ئابدۇللا كەسىپنى قەدىرلەش روھى ۋە ئېگىلمەس ئىرادىسى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان سەھنە ئوبرازىنى، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، يېڭىچە، سالاپەتلىك سەنئەت ئۇسلۇبىنى ياراتت...

 
ناخشا ئىزدىمەكچى بولسىڭىز بۇيەردىن ئىزدەڭ
ناخشا ناخشىچى پىلاستىنكا
باس - باس پىلاستىنكىلار
سۆيگەن گۈزەلدۇ ...
مۆمىنجان ئابلىكىم
تاشمۇھەممەت نا ...
تاشمۇھەممەت باتۇر
شېرىن ئەسلىمە
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
گېتتار كۈيلىرى
ئەكبەر قەھرىمان
ئابدۇللا ئابدۇ ...
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئەركىن ئابدۇلل ...
ئەركىن ئابدۇللا
گۇليار ياقۇپ2009
گۇليار ياقۇپ
تاللانما دېسكو ...
تاللانما دېسكو
مەن ئۈچۈن
ھەزىرىتى ئەلى
باس - باس ناخشىلار
703895تارىم لوگەي01
471982دېسكو02
411581مۇسكۇۋا كىچىسى03
405272يارنىڭ گۈلى باشقىچە04
392555دېسكو05
355356ھېندىچە مۇڭ06
321047جىمى - جىمى07
283197دېسكو08
270588سۆيەلمىدىم 09
267949بەخىت تىلەيمەن10
252399قايغا كىتەرمەن11
248764سۆيگەن گۈزەلدۇر12
223391شاماللارغا نىمە دېدىڭ13
215358سۆيگۈ ئارزۇسى14
202112ئۆچمەس مۇھەببەت15
198915بىۋاپا16
195741پات يېقىندا بارمەن ئانا17
194628گۈزەلىم18
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 0991-2848484
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ