basbas
مۇنبەر يانفون مەھەللە رەسىم تور ئەسەرلىرى MTV تور ئۇيۇنى كىنو ناخشا ئۇچۇر
         
 
نۆۋەتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >>روسچە 2000
پىلاستىنكا نامى:روسچە 2000
ناخشىچى:مۇرات ناسىروف
يوللىغان ۋاقىت:2008-10-08
ئاۋاتلىقى:11300
چۈشۈرۈش ئاڭلاش ئۇرۇنلىغۇچى ناخشا ئىسمى
مۇرات ناسىروفЛовила-на-губы
مۇرات ناسىروفМадейра
مۇرات ناسىروفДай-мне-знать
مۇرات ناسىروفПодойди-побл
مۇرات ناسىروفГолос-твой
مۇرات ناسىروفВсе-это-было
مۇرات ناسىروفПляжный-роман
مۇرات ناسىروفПадают-звезды
مۇرات ناسىروفА-ветер-пел
مۇرات ناسىروفНе-люби
  
  پىلاستىنكا چۈشەندۈرۈلۈشى
  

 

           روسسىيىنىڭ پايتەختى دۇنياغا داڭلىق موسكۋادىن ئىبارەت بىر چوڭ شەھەردە سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى -- مۇرات ئىسمايىل ئوغلى ناسىروۋ 1969- يىلى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى (بۇرۇنقى پايتەختى) ئالمۇتا شەھىرىدە بىر سەنئەتكار ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە دادىسىنىڭ تەسىرى زور بولغان. دادىسى ئىسمايىل ناسىروۋ ئەسلى كەسپىي سەنئەتكار ئىدى. ئىسمايىل ئاكا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن، 1940-يىللاردىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەنئەت گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىگەن. 1945- يىلى 8-ئايلاردا پودپولكوۋنىك سوپاخون باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئىسمايىل ئاكا مىللىي ئارمىيىگە پىدائىي بولۇپ كىردى. 1945-يىلى 10- ئايدا مىللىي ئارمىيە بىلەن غۇلجىغا قايتىپ، ئارمىيىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەپ، سەنئىتىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، "ئۈچ ۋىلايەت" ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن "خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس" دېگەن پەخىرلىك ناملارنى قازانغان!... ئىسمايىل ناسىروۋ 1958- يىلى ئائىلىسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئالمۇتا شەھىرىگە ماكانلاشقان.

        مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىمۇ مانا مۇشۇ ئائىلىدىكى سەنئەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، يەسلى ۋە مەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 18 يېشىدا ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، بۇ جايدىمۇ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەنئەت كۇرژۇكى قۇردى. ھەربىي مەجبۇرىيىتى ئاياقلاشقاندا موسكۋالىق سەبداشلىرى مۇراتنىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ ئۇنى موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مۇرات تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆيىگە قايتماستىن ئۇدۇل موسكۋاغا بېرىپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن گنېسوۋ نامىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن. موسكۋادىكى ئوقۇش ھاياتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنى ئىقتىسادىي مەنبە قىلىشنى نومۇس دەپ بىلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر-يېنىك جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش راسخودىنى ئۆزى ھەل قىلغان. ئۇ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، تىرىشىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تالانتى تېزدىنلا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنىڭدەك ئۇستازلىرىنى قايىل قىلغان.

         مۇرات ناسىروۋ 1991- يىلى يالتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولغان ھەمدە پوپ ناخشا تۈرلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يالتىدا قولغا كەلگەن مەزكۇر زور نەتىجىدە مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ موسكۋا سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا تۇنۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا يول ئاچقان. مۇرات بىر ياقتىن ئوقۇپ يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ "يېڭى پورت" ناملىق ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنى (توپىنى) قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە كونسېرتلار ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان شۇنىڭدەك يەنە بەزى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئاتاقلىق چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئىدى.

           موسكۋادەك ياتلارنىڭ شەھىرىدە ئۈزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن رۇس تىلىدا ناخشا ئېيتىپ تونۇلۇش زۆرۈر بولغانلىقتىن، ئۇ تىنىمسىز ئىزدەندى. ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى 1997-يىلىدىن كېيىن بىردىنلا ئەمەلگە ئاشتى. ئۇنىڭ نامى بىردىنلا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلدى. ئۇ، <<تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا>> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، داڭ چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدىكى ياشلارنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ناخشىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن كۈندىكىدەك نەچچە قېتىملاپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭ ئوبرازى ۋە ناخشىلىرى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىراتلار قالدۇردى. مۇرات ناسىروپ ئارقىدىنلا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىسى ئاپىنا بىلەن بىرگە <<ئايدىڭ كېچە>> ناملىق ناخشىسىنى ۋە << مەن دېمەك سەندۇر>> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قېتىم زىل-زىلىگە سالدى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى مەخسۇس كۆرۈنۈشلەر بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلدى.

        مۇرات ناسىروۋ ئۆزىگە شان - شەۋكەت ئېلىپ كەلگەن مەزكۇر ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن، سۆز تېكىستىنى ئۆزى يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق كۆپ تەرەپلىمىلىك تالانتى بىلەن رۇسىيە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەربابلارنى قايىل قىلدى. مۇرات ناسىروپ ھازىرغىچە رۇسچە <<مېنىڭ تارىخىم>>، <<ئويغاتقىن مېنى>>، << كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ>>، << بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بولمىغان >> ۋە ئۇيغۇرچە << قالدىم يالغۇز>> قاتارلىق بەش پلاستىنكىسىمۇ ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپتى. مۇرات ناسىروۋ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان. قانداقتۇر، باشقىلار ئىجاد قىلىپ بەرگەن ئاھاڭ بىلەن باشقىلار يېزىپ بەرگەن تېكىستقا ناخشا ئېيتىشتىن ساقلانغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانتلىق چولپانلار رۇسلار ئىچىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە كەم ئۇچرايدۇ.

        مۇرات ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سەنئىتىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمىدى. ئاتا-ئانىدىن، ئەجدادتىن قالغان ئەسلى قان بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي روھ زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇغان قەھرىمان مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىسى، بىر قولىدا راۋاب، بىر قولىدا مىلتىقىنى كۆتىرىپ، ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان، جەڭ تىنجىغاندا بولسا، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسىرلىرىگە روھ بېغىشلايدىغان، ئۇلارنى ئازادلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ئۈندەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، مىللىي ئىنقىلابقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ئىسمائىل ئاكىنىڭ مىللىي روھىي دۇنياسى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بەش بالىسىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان مۇراتنىڭ تومۇرلىرىدا ھامان خۇددى ئىلى دولقۇنلىرى كەبى مەۋج ئۇرۇشقا نېسىپ بولدى.

           مۇرات بارغانسىرى رۇس ناخشىچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ناخشىچىسى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. مانا بۇ مەرھۇم ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئارزۇسى ئىدى، دېمىسىمۇ، ئۇ ماناس دەرياسىدا مىلتىقى بىلەن راۋابىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۆت يىل ياتقان كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە خۇددى باشقا سەپداشلىرىغا ئوخشاشلا ئازابلىناتتى، ئۆكىنەتتى، " دائىم ھەي - ئېسىت ئەشۇ چاغلار !" دەيتتى. مۇرات موسكۋاغا ماڭغاندا، ئىسمائىل ئاكا " قېنى بارغىن ، يىگىت بولغاندىكىن ئۆز يولۇڭنى تاپ ! لېكىن ئۇيغۇرلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما ! مۇمكىن بولسا ئەشۇ كۆك-كۆزلەرنى ياڭراق ناخشىلىرىڭ بىلەن بويسۇندۇر " دەپ جىكىلىگەن ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئىسمائىل ئاكا ھايات ۋاقتىدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىگە سۆزلەپ بەرگەنىكەن ئۇلار ئۇچراشقاندا. مۇرات ئاخىرى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ <<قالدىم يالغۇز>> ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھرىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا تارقالدى. مانا ئەمدى، ئورۇسلار ئۇيغۇرچە ناخشا پىلاستىنكىسى سېتىۋېلىپ ئاڭلايدىغان مەنزىرە شەكىللەندى.

         بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما تېخى ئۇيغۇرلۇققا تولۇق قايتمىغان مۇرات بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا يەردە " مەن ئۇيغۇر " دەيدىغان، مەيلى چەت' ئەللەردە بولسۇن ۋە ياكى رۇسىيە ھەم باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە بولسۇن چوقۇم ئۇيغۇرچە بىر –ئىككى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتماي قالمايدىغان شۇنىڭدەك ئەشۇ ئۇيغۇرنى ئاڭلاپ باقمىغان تاماشىبىنلارغا " مەن ئۇيغۇر " دەپ ئۆزىنى ۋە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان مۇراتقا ئايلانغان ئىدى. رۇسىيە گېزىتلىرىنىڭ مۇرات ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەممە ماقالىلىرىدا، ئۇنىڭ "مەن ئۇيغۇر "، "دادام ئىسمائىل سوپى قەشقەردىن" دەپ تونۇشتۇرىدىغان جۈملىلەر ئورۇن ئالغان.مۇرات بىر ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىگە مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن.
         "مەن ئۇيغۇر، دادام رەھمەتلىك ئىسمائىل سوپى ناسىروۋ قەشقەردە تۇغۇلغان، ئانام خاتىرە غۇلجىدا تۇغۇلغان، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن موسكۋا ۋە ئالمۇتىلاردا ياشايمەن، باشقا ئەنئەنىلەرنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز ئەنئەنەمنى سۆيۈش بىلەن ياشايمەن."
مانا بۇ مۇراتنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆزلەردۇر.

           مۇرات ناسىروۋنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ لاتىش مىللىتىدىن بولغان ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئايالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتكەن. ئۇلار دائىم سەھنىلەردە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى جۈر بولۇپ ئېيتىدىكەن. مۇرات ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تاماقلارنىمۇ تەييارلاشنى ئۆگىتىپ قويغان. مۇرات ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقى مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. 2005- يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىھلام مۇكاپاتى"بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىھلام مۇكاپاتى" بەردى.
          مۇرات، قەشقەر پەيزىۋات ۋە مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى.
 
 

مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپنىڭ ئىجادىي ھاياتى


    مۇرات ناسىروپ ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىن-بىر پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا تونۇلغان ناخشىچى ئىدى.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ مەشھۇر ناخشا چولپىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەھرىدىكى 5-قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.

مۇرات ناسىروپ ئەمدىلا تېخى 37 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مېيىتى 22-يانۋار كۈنى موسكۋادىن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن زارىئاۋاستوكا مەھەللىسىدىكى زاراتكارلىققا دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.

مۇراتنىڭ ناسىروپ رۇسىيە ھازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى يالغۇز رۇسىيىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تونۇلغان.

مۇرات ناسىروپ 1991-يىلى يالتادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن تونۇلۇشقا باشلاپ، 97--يىلى "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" دېگەن ناخشىسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدا شۆھرەت قازىنىپ، ياشلارنىڭ چوقىنىدىغان چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى.

مۇرات ناسىروپنىڭ " مەن دېمەك سەن، سەن دېمەك مەن"، " ئايدىڭ كېچە"، " مېنىڭ تارىخىم"قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشىلىرى كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن. مۇرات ناسىروپ ھازىرغىچە "مېنىڭ تارىخىم"، " ئويغاتقىن مېنى"، " كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ"، "بۇ ئىشلار مەن بىلەن بولمىغان "، "قالدىم يالغۇز" قاتارلىق بەش ئالبۇمىنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپقان. 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئەڭ داڭ چىقارغان دەۋرى بولۇپ، بىر قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە 50 مىڭ ئادەم قاتنىشىشتەك رېكورت يارىتىلغان ئىكەن.

كومپوزىتور ۋە شائىر

    "قالدىم يالغۇز" ناملىق ئالبۇمىنىڭ تېشى
          مۇرات ناسىروپ ئۆزىنىڭ بەش ئالبۇمىدىكى ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆزى يازغان، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن. ئۇ، باشقىلارنىڭ يېزىپ بەرگەن مۇزىكىسى بىلەن سۆزىگە ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرمىغان.

       مۇرات ناسىروپ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھېندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان.

       كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ رۇسىيە ناخشا پادىشاھى ئاللا پۇگاچېۋا، فىللىپ كىركىروپ قاتارلىق كۆپلىگەن چولپانلارغا مۇزىكا ۋە سۆز تېكىستى يېزىپ بەرگەن. قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپتەك مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خۇدا بەرگەن تەبىئىي ئاۋازى بار ھەقىقىي تالانتلىق ناخشىچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇرات رۇسىيە سەھنىلىرىدە دائىم ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتقان .
        مۇرات ناسىروپ ئۈچ- تۆت يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىش ۋە ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىشقا باشلىغان. مۇراتنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجادىيىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغان.

          ئۇ، دادىسىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئالمۇتا ۋە يەركەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ھاياتىنى ۋە ئاھاڭلىرىنى ئۆگەنگەن.

        بۇ جەرياندا يەركەت شەھرىدىكى "يەركەت بۇلبۇللىرى" ناملىق گۇرۇپپىنىڭ چالغۇچىسى پولات مۇرات ئۈچۈن كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتتى. ئۇ، مۇراتقا ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىنى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى توپلاشقا ياردەملەشتى. ئاخىرى، مۇرات ناسىروپ 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ "قالدىم يالغۇز" ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھرىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە بازارلىرىغا ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ تارقالدى.

         قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپنىڭ قەشقەردىن راۋاب ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكى ھەتتا قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئىجادىيىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇشنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋە بېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋە تالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى.

 
ناخشا ئىزدىمەكچى بولسىڭىز بۇيەردىن ئىزدەڭ
ناخشا ناخشىچى پىلاستىنكا
باس - باس پىلاستىنكىلار
سۆيگەن گۈزەلدۇ ...
مۆمىنجان ئابلىكىم
تاشمۇھەممەت نا ...
تاشمۇھەممەت باتۇر
شېرىن ئەسلىمە
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
گېتتار كۈيلىرى
ئەكبەر قەھرىمان
ئابدۇللا ئابدۇ ...
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئەركىن ئابدۇلل ...
ئەركىن ئابدۇللا
گۇليار ياقۇپ2009
گۇليار ياقۇپ
تاللانما دېسكو ...
تاللانما دېسكو
مەن ئۈچۈن
ھەزىرىتى ئەلى
باس - باس ناخشىلار
703633تارىم لوگەي01
471774دېسكو02
411441مۇسكۇۋا كىچىسى03
405116يارنىڭ گۈلى باشقىچە04
392371دېسكو05
355157ھېندىچە مۇڭ06
320822جىمى - جىمى07
283086دېسكو08
270469سۆيەلمىدىم 09
267822بەخىت تىلەيمەن10
252277قايغا كىتەرمەن11
248631سۆيگەن گۈزەلدۇر12
223253شاماللارغا نىمە دېدىڭ13
215249سۆيگۈ ئارزۇسى14
202018ئۆچمەس مۇھەببەت15
198828بىۋاپا16
195649پات يېقىندا بارمەن ئانا17
194511گۈزەلىم18
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 0991-2848484
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ