1945- يىلى 9- ئاينىڭ 23 كۈنى مادرىدتا تۇغۇلغان Julio Iglesias ئەسلى بىر ئادۇكاتلىق يولى بىلەن ئۆزىنى ھايات يولىنى تاللىغانىدى. بىر مەزگىل تېخى پۇتبول كوماندىسىدا ۋارىتارمۇ بولغانىدى. ئەمما بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. بۇ قاتناش ھادىسىسى يارىلانغان Julio ئۇزاق مەزگىل يېتىپ داۋالىنىش كېرەك ئىدى. مۇشۇنداق قىلىپ ئۈمىدۋار ئىسپانىيەلىكنىڭ خاراكتىرى بويىچە ئۇ گېتتارنى قولىغا ئېلىپ چېلىپ ناخشا ئېيتىپ، ناخشا يېزىپ باقتى.
Julio ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1968- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن Benidorm ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپانىيە ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ھەم ئۆزىنىڭ ناخشىسى La Vida Sigue Igual ( ھايات داۋام ئېتىشى كېرەك ) دىگەن ناخشىسى بىلەن بىرىنچى بولىدۇ. بۇ قېتىملىق غەلبە Julio نى ناخشا ساھەسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ قېتىم تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغىنىمىز ئۇنىڭ 1998 يىلىدىكى داڭلىق ناخشا ئالبومى. قالغان ئالبوملىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ. |