رۇسيەلىك تاتار ناخشا خانىشى ئالسۇ Алсу نىڭ 2008- يىلى چىقارغان ئالبومى : Самое главное
تاتار قىزى ئالسۇ ( ئىنگىلىزچە Alsou ) نىڭ رۇسيەدە نامى شۇنداق داڭلىق. 1983- يىلى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوگۈرما شەھرىدە تۇغۇلغان. 9 يېشىدا ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ، سەنئەت ئىنىستوتىنى پۈتتۈرگەن. ئالسۇ دىگەن سۆز تاتارچە « ئەتىرگۈل رەڭىدىكى دەريا » بولۇپ، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆك كۆزى كىشىنى تېخىمۇ مەھلىيا قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى كۆزى ئەڭ گۈزەل سەنئەتچى دىگەن نامىمۇ بار. 1999- يىلى 1999- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى « زىمىستان قىشتىكى چۈش » ناملىق ئالبومى رۇسيىنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە رادىئولىرىدا قويۇلۇپ بىردىنلا نامى چىقتى. ئارقىدىن ئۇنىڭ « باھار »، « بەزىدە » ناملىق ئالبوملىرىمۇ زور نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى يەنە پۈتۈن رۇسيەدە ئايلانما ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، 2000- يىلى يۇرتىغا قايتىپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە، تاماشىبىنلار سانى 86 مىڭغا يېتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە شۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاران 100 مىڭ ئىكەن. 2000- يىلى ئالسۇ سونىي شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، رۇسيە تارىخىدىكى سونىي شىركىتى بىلەن توختاملاشقان تۇنجى ناخشىچى بولۇپ، 35 دۆلەتكە ئۆزىنىڭ ئالبومىنى تارقاتتى. 2001- يىلى ئالسۇ ناخشىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى. شۇ يىلقى « MTV ياۋرۇپا مۇزىكا مۇكاپاتى » نىڭ ئەڭ ياخشى ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، كىيىنلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل مۇزىكا مۇكاپاتلىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ سودا ئېلانى توختاملىرىغا ئېرىشىدۇ. 2008- يىلى باھاردا، چوڭ باي بىلەن توي قىلىپ، ناخشا ساھەسىدىن چېكىنگەن ئالسۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ « Самое главное » ئالبومى يەنىلا ئالسۇنىڭ بۇرۇنقى يېقىملىق، لېرىكىلىق، تاتلىق ناخشىلىرى بىلەن تەركىپ تاپقان بولۇپ، يېڭى رۇسچە يېقىملىقى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇخلىسلىرىنى يەنە رام قىلدى.

|