دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىك ناخشا ئالبومى چىقارغان رومىنيىلىك قىز cleopatra stratan نىڭ تۇنجى ناخشا ئالبومىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
cleopatra stratan رومىنىيىلىك ناخشىچى Pavel Stratan نىڭ قىزى بولۇپ، بىر كۈنى ئاۋاز ئېلىش ئۆيىدە قىزى مىكرافوننى ئېلىپ ناخشا ئېيتىپ كەتكەن، Pavel بۇنى كۆرۈپ، قىزىنىڭ مۇزىكىدا خېلىلا تالانتى بارلىقىنى بىلىپ، تۆمۈرنى قىزىقىدىلا سوقۇپ تۇنجى ناخشا ئالبومى La varsta de 3 ani نى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ پىلاستىنكا تىزدىنلا رومىنىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.
بۇ كىچىك قىز بۇ ئالبومىنى چىقارغاندا ئاران ئۈچ ياشتا ئىدى. ( ھازىر ئالتە ياش ) ھازىر يالغۇز كىشلىك ناخشا كېچىلىكىمۇ ئۆتكۈزەلەيدىكەن.
|