غىدىق - غىدىق >>ئۇلار مەيدىسىگە تايىنىپ كۈن ئالىدۇ  
ئۇلار مەيدىسىگە تايىنىپ كۈن ئالىدۇ

    مۇشۇ يېڭىدىن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئالغانلار ماشىنىسىنىڭ ئارقا ئەينىكىگە «يېڭى شوپۇر، ئاتىدارچىلىق قىلغايسىلەر» دېگەندەك خەتنى چاپلىۋىلىپ، باشقىلارغا ئوزىنىڭ يېقىندىلا پىراۋا ئالغانلىقىنى، تېخى ماشىنىنى ياخشى ھەيدىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ، كونا شوپۇرلار ئۇلارنى كۆرسە نېرىراق ماڭىدۇ. بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋاتسام، بىر ماشىنىنىڭ كەينىگە «پىراۋىنى پۇلغا سېتىۋالغان، قاراپراق ئىش قىلارسىلەر» دەپ يېزىۋاپتۇ.


    بىر تەخەي قېرى ئىشەكتىن سوراپتۇ، بىز نېمىشقا داۋاملىق سامان ۋە ئېشىپ قالغان چۆپلەرنى يەيمىز، سۈت كالىسى بولسا مەخسۇس ئىتىلگەن ھەلەپنى يەيدۇ؟ قېرى ئىشەك تەخەيگە قاراپ قويۇپ «بىز دېگەن پۇتىمىزغا ۋە كۈچىمىزگە تايىنىپ قوساق باقىمىز، ئۇلار بولسا مەيدىسىگە تايىنىپ قوساق باقىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.


    بىر ئادەم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆز كىسىلىنى كۆرسەتمەكچى بوپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭدىن «كۆزىڭىز نېمە بولدى؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ بىمار دوختۇرغا «باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق، مۇشۇ يېقىندىن بۇيان يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم» دەپتۇ. دوختۇر ئۇنى دەرىزىنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاسماندىكى قۇياشنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ «ئاۋۇ نېمە؟» دەپ سوراپتىكەن، ئۇ بىمار «ئۇ قۇياش» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا بىر ئالىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن «يەنە قانچىلىك يىراقنى كۆرمەكچىتىڭىز؟!» دېگۈدەك.

  

    بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە كېمە ۋەقەغە ئۇچراپ، بىر ئامېرىكىلىق، بىر ياپونلۇق، بىر جۇڭگۈلۇق دېڭىزدا ئېقىپ يۈرۈپ، بىر ئارالغا كىلىپ قاپتۇ. ئۇلار دېڭىز ساھىلىدا ئىچىگە بىر ۋاراق قەغەز سېلىنغان تېپىۋاپتۇ ۋە ئېچىپ قارىسا «ھەر بىر ئادەمنىڭ بىرلا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» دېگەن خەت يېزىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىق بوتۇلكىغا قاراپ «مەن ئۆيۈمگە قايتىمەن» دەپتۇ، ياپونلۇق بوتىلكىغا قاراپ «مەنمۇ ئۆيۈمگە قايتىمەن» دەپتۇ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپتۇ. بۇ چاغدا جۇڭگۈلۇق ئەتراپىغا قارىۋېتىپ ئۆزىلا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بوتۇلكىغا قاراپ «ئۇلار ئىككىسى قايتىپ كەلسۇن، مېنىڭ يالغۇز قالغۇم يوق!» دەپتۇ.

 

    بىر كۈنى لېفىتقا چىقسام، شۇنداق گۈزەل قىزدىن بىرسى تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا «مەن سىزنىڭ ھېچقانداق يېرىڭىزگە تەگمەي تۇرۇپ سۆيۈۋالالايمەن» دېسەم، ئۇ قىز «يالغان، نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بار؟ ئىشەنمەيمەن!» دەيدۇ. مەن يەنە ئۇنىڭغا «راست، ئىشەنمىسىڭىز ئىككەيلەن تىكىشەيلى، ئۇتتۇرۇپ قويسام قانداق جازالىسىڭىز مەيلى» دېدىم. ئۇ سەل ئويلۇنۇپ تۇرغاندىن كېيىن ماقۇل بولدى. مەن ئۇنى «چوككىدە» بىر سۆيۈۋېلىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قاراپ تۇردۇم. ئۇ قىز ماڭا «ئالدامچى، سىز ئۇتتۇرۇپ قويدىڭىز!» دېۋىدى، مەن دېدىم: «شۇنداق، مەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇم، مېنى جازالاڭ!»

يوللىغان ۋاقىت:2010-05-13 18:38:56 | كۆرۈلۈش سانى:(1471) | پىكىر سانى:(5) | ساقلاش | دوستىغا تەۋسىيە قىلىش
 
 
 
 
ئابونت ماتېرىيالى
  • ئابونت دەرىجىسى:6
  • تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
  • ئاخىرقى كىرگەن ۋاقىت:2010-10-07
  • رەسىملىك ئېكران
    ئەڭ يېڭى پىكىرلەر
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • 2010-يىلى؟؟؟؟؟؟؟
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • يازغۇچى(مىھىرىم)ئەسلى تېمىسى:تە ...
  • 111
  • 哥,不知为什么我就是发不了自己的议论。
  • ھاھاھاھا ياخشىمۇسىز ئاكا؟ ئۇزۇن ...
  • رەھمەت خاپابولماي يوللاپ بەرسىڭ ...
  • تەلىپىڭىزگە ئاساسەن نەۋرە قىزىڭ ...
  • بىرىنجى رەسىمنى چىقىرۋەت سىڭىز!! ...
  • ھەجەپ ئۇبۇرنىغا بارغىمنى كەلتۇ ...
  • تۇغۇلغان كۇنى خىلى مەنىلىك ئۇتۇ ...
  • ساراڭلىق
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • تەخەي بىلەن ئىشەكنىڭ دىئالۇگى ق ...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • ئۇنداق بولسا مەنمۇ يىغلاپ باقاي
  • مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق قىلىپ باق ...
  • دادىڭىزنىڭ بالا بېقىش ئۇسۇلى ئۈز ...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • بەك قىزىق ئىكەن
  • نىممانچە تەرەققى قىپ كەتتى
  • ھى ھى ھى دادىڭىز بەك ئەقىللىقكەن ...
  • قانداق يىغلىسام بولار؟ باس-باس ش ...
  • بىزدەك يىڭىياچىلارغا نۆۋەتمۇ تە ...
  • قارىغاندا دادىڭىزنىڭ ئەقلى ...
  • يىغلىماڭلار، باس باستىكىلەر بەك ...