غىدىق - غىدىق >>كۆيۈمچان ئوغۇل دوست  
كۆيۈمچان ئوغۇل دوست

    بىر كۈنى بىر بالاڭزا قىز دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ بازا ئايلىنىپتۇ، مەلۇم بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ قىز دوستى ئورنىدا توختاپ «نېمە دېگەن مېزىلىك تاماق پۇرىقى بۇ.......» دەپتىكەن، ئۇ بالاڭزا سەل خىجىل بولغان ھالدا قىز دوستىغا «ئەگەر سىز بۇ پۇراقنى ياخشى كۆرسىڭىز، بىز بۇ ئاشخانا ئالدىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتسەكمۇ بولىدۇ......» دەپتۇ.

 

    بىر بوۋاي بىرىنچى قېتىم ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشى ئىكەن، ئۇ كارتىنى سالغاندىن كېيىن پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن «مەخپىي شىفىرنى كىرگۈزۈڭ» دېگەن ئاۋاز چىقىپتىكەن، بوۋاي تۆت ئەتراپىغا تازا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قولى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ تۇرۇپ، ئېكرانغا يېقىن كىلىپ تۆۋەن ئاۋاز بىلەن «ئالتە دانە نۆل» دېگۈدەك.

 

    بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا ماڭغۇچە كوچا ئاپتوبۇسى تولىمۇ قىستاڭچىلىق ئىدى، يېنىمدا خېلىلا چىرايلىق بىر قىز يانفۇنىدا قىسقا ئۇچۇر يوللاۋاتىتى، قىزىقىپ قاراپ ساپتىمەن، ئۇ «بۈگۈن ئاپتۇبۇس بەكمۇ قىستاڭچىلىق......» دەپ يېزىپتۇ. مەن باشقا بىر قىزىقارلىق ئىش ئېسىمگە كىلىپ ئۆزەمچىلا كۈلۈپ كەتتىم ۋە يەنە ئىختىيارسىز ئۇنىڭ يانفۇنىغا قاراپ تاشلىدىم، ئۇ قىز ئۇچۇرنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپ «يېنىمدا يەنە بىر ساراڭمۇ بار» دەپ يېزىپتۇ ئەمەسمۇ.

 

    بىر ساياھەتكە كەلگەن ئامېرىكىلىق بىلەن جۇڭگۇلۇق پاراڭلىشىپ قاپتۇ. ئامېرىكىلىق ماختىنىپ «بىزنىڭ دۆلەتتە خەلق بەكمۇ ئەركىن ياشايدۇ، ئەگەر زوڭـۇڭغا ئاچچىغىمىز كەلسە، قىلچە قورقماي ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئوباما چۈشۈپ كەتسۇن، دەپ ۋاقىرالايمىز، سىلەر پېتىنالامسىلەر؟!» دەپتۈكەن، جۇڭگۇلۇق «بۇ قانچىلىك ئىشتى!» دەپ، گۇگوڭنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ ۋاقىراپتۇ:«ئوباما چۈشۈپ كەتسۇن!!!»

 

    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۆز - ئارا مۇھەببەتلىشىش بەكلا ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بىر سىنىپ يىغىنىدا ئوقۇتقۇچىمىز بىز ئوغۇللارنى يىغىپ تازا بىر تەربىيە قىلدى: «سىلەر ھازىر مۇھەببەتلىشىشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار، سىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئايالىڭلار تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئويناپ يۈرۈيدۇ. تەتقىقات نەتىجىللىرىگە ئاساسلانغاندا، نەتىجە قازانغان ئەرلەرنىڭ يېشى ئايالىدىن ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 10 ياش چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ھازىر سىلەر  باشقىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئايالىنى بېقىۋاتىسىلەر!».

يوللىغان ۋاقىت:2010-05-10 20:03:07 | كۆرۈلۈش سانى:(536) | پىكىر سانى:(0) | ساقلاش | دوستىغا تەۋسىيە قىلىش
 
 
 
 
ئابونت ماتېرىيالى
  • ئابونت دەرىجىسى:6
  • تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
  • ئاخىرقى كىرگەن ۋاقىت:2010-10-07
  • رەسىملىك ئېكران
    ئەڭ يېڭى پىكىرلەر
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • 2010-يىلى؟؟؟؟؟؟؟
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • يازغۇچى(مىھىرىم)ئەسلى تېمىسى:تە ...
  • 111
  • 哥,不知为什么我就是发不了自己的议论。
  • ھاھاھاھا ياخشىمۇسىز ئاكا؟ ئۇزۇن ...
  • رەھمەت خاپابولماي يوللاپ بەرسىڭ ...
  • تەلىپىڭىزگە ئاساسەن نەۋرە قىزىڭ ...
  • بىرىنجى رەسىمنى چىقىرۋەت سىڭىز!! ...
  • ھەجەپ ئۇبۇرنىغا بارغىمنى كەلتۇ ...
  • تۇغۇلغان كۇنى خىلى مەنىلىك ئۇتۇ ...
  • ساراڭلىق
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • تەخەي بىلەن ئىشەكنىڭ دىئالۇگى ق ...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • ئۇنداق بولسا مەنمۇ يىغلاپ باقاي
  • مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق قىلىپ باق ...
  • دادىڭىزنىڭ بالا بېقىش ئۇسۇلى ئۈز ...
  • رەسىملىك چىراي ئىپادىلەر بار...
  • بەك قىزىق ئىكەن
  • نىممانچە تەرەققى قىپ كەتتى
  • ھى ھى ھى دادىڭىز بەك ئەقىللىقكەن ...
  • قانداق يىغلىسام بولار؟ باس-باس ش ...
  • بىزدەك يىڭىياچىلارغا نۆۋەتمۇ تە ...
  • قارىغاندا دادىڭىزنىڭ ئەقلى ...
  • يىغلىماڭلار، باس باستىكىلەر بەك ...