چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>ئابدۇرېھىم راخمان
 

تالانتىلىق ياش ئاكتىيور ئابدۇرېھىم راخمان ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان.  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچ مەكتەپنى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.  مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئوپىرا-تىياتىر ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان.
2001-يىلى «ئارتىس تاللاش» ناملىق ئېتوتى بىلەن تۇنجى سەھنە ئەسىرىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن «فىلىم ئىشلەش»، «MTVئىشلەش»، «پۇلۇمنى بېرىۋەت»، «غەيۋەت قىلغىنىم ئەمەس»، «يانفون»، «مېھمان 8»، «مېھمان 9»، «مېھمان 10»، «ھەمراھ»، «يىغلىماڭ قوزام»، «تۇيغۇ باتۇر»، «ھالال»، «قىزىل تۇخۇم»، «مەن سىزنى سۆيىمەن»،«غەيرىي كېسەل»، «قەغەز يولۋاس»، «شەيتان» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 1999-يىلى «دوزاخقا سەپەر» فېلىمدا تۇرسۇن ئوبرازىنى، شىياڭگاڭلىق داڭلىق رېژىسسور شۈ كېنىڭ رېژىسسورلىقىدىكى كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى «七剑下天山» دە ئەترەت باشلىقى ئوبرازىنى، 2002-يىلى 1-ئاۋغۇست كىنو ئىستودىيەسىي ئىشلىگەن «مىللىي ئەترەت مارشى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا ئازاد ئوبرازىنى، «قاناس قەلئەسى سىرى» فېلىمىدا قوش كېزەك قاتارلىق ئوبرازلارنى ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن يارىتىپ، ئاكتيورلۇق ساھەسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئابدۇرېھىم راخمان ئاكتيورلۇق كەسپىدە ئوبرازلارنى ئۆزىگە خاس ماھارىتى بىلەن يارىتىشتىن باشقا يەنە «يانفون»، «پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر» ناملىق ئىككى ئېتوتقا قەلەم تەۋرىتىپ، مۇۋاپپىقەتلىك سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.


 


تالانتلىق ياش ئاكتىيور ئابدۇرېھىم راخمانباس- باس تورى قەلب كۆزنىكى پىروگىراممىسى 16 -سانىدا


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ