پىكىر بىرىڭ چولپانلار دۇنياسى كۈلدۈرگە- ئىتوتلار رەڭدار يانفۇن مۇزىكىلىرى ئاۋازلىــق ئەسەرلەر
قەلب كۆزنىكى پروگراممىلىرى  
نۇرنىسا ئابباس بىلەن سۆھبەت  
تالانتىلىق ياش ناخشىچى نۇرنىسا ئابباس 1975-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1993-يېلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا فاكولتىتى ناخشا كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1998-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنىغان. نۇرنىسا ئابباس 1996-يىلى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسنىڭ گۈلدەستە پىروگراممىسدا «چۈش» ناملىق ناخشا بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان. بۇ داۋامدا نۇرنىسا ئابباسنىڭ «گۈلۈم دەيمۇ» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ئۈنئالغۇ لېنتىسى بازارغا سېلىندى. 2000-يىلى «ئاشىق دەرياسى» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىنىپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ بىردەك ياخشى ئالقىشىغا ئېرىشتى. خىزمەتكە قاتناشقىلى ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان، ئائىلە قۇرمىغان نۇرنىسا ئابباس شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى سېرىك سىنىپى ئوقوغۇچىلىرىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ بىر سىنىپ 6ياشتىن 12ياشقىچە بولغان بالىلارغا ھەمرا بولغان بەش يىل جەريانىدا ھەم ئانىلىق ھەم ئوقوتقۇچىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ناخشا ئېيتىشكەن بولغان مۇھەببىتى ئۈستىدە نۇرنىسا ئابباس مۇنداق دەيدۇ: «ھەر بىر ناخشىنى پۈتۈن مۇھەببىتىم بىلەن پۈتتۈرسە، مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم...» بىز بۇ ياشنىڭ ناخشا ساداسىنىڭ سەنئەت ئاسمىنىدا مەڭگۈ جاراڭلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
قەلب كۆزنىكى پروگراممىسى ھەققىدە  
www.basbas.cn تور بېكىتى بولسا شىنجاڭ دوستكوم ئېلېكترون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مۇستەقىل ھالدا قۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈۋاتقان مەخسۇس ئۇيغۇر ئابۇنتلىرىمىزغا قارىتىلغان ئۇنۋېرسال تور بېكىتىدۇر. ئۇ ئۇچۇر، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت ۋە ئابۇنتلار ئارا ئالاقىنى ئاساس قىلغان شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش سۇپىسى بولۇپ، 10 ئاساسىي سەھىپە ۋە 32 قوشۇمچە سەھىپىدىن تەشكىل قىلىنغان. تور بېكىتىمىز بولسا 2008 - يىلى 4 - ئايدىن 25-كۇنىدىن باشلاپ رەسمىي ئېچىلغان ۋە يۈرۈشتۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە،2009-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 350 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئىشىپ 30 مىليۇن كۆرۈش قىتىم سانىدىن ئاشتى،شۇنداقلا ئابونتلىرىمىزنىڭ كۈندۈلۈك زىيارەت قىلىدىغان مۇھىم ئاساسىي كۆزنىكىگە ئايلاندى !
ھايات يولىڭىزدىكى سىرداش ھەمراھىڭىز، مەنىۋىي تۇرمۇشىڭىزدىكى گۈزەل مەنزىلىڭىز
باس باس تور بېكىتى قەلب كۆزنىكى پروگراممىسى !

باس باس تور بېكىتى قەلب كۆزنىكى پروگراممىسىنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت:
ھەممىمىزگە مەلۇمكى باس باس تورى ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك تەسىرگە ۋە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ رەڭدار ۋە كۆپ خىل سەھىپىللىرى ئارقىلىق تور زىيارەتچىلىرىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك زىيارەت جەمگاھى بولۇپ قالدى. باس باس تور مەزكۇر تور بېكەتنىڭ سەھىپىلىرىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇش ۋە جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇش جەريانىدا تور رادىئوسىنى تەسىس قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يىتىپ، قەلب كۆزنىكى نامىلىق بۇ پروگراممىنى يېڭىدىن تەسىس قىلدۇق.
بىز پروگراممىزنىڭ سىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىڭلارغا ئۆزگىچە بەدىئى زوق ۋە شاتلىق تەبەسسۇمى ئاتا قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، بىز شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمىزكى بىزنىڭ پروگراممىمىزغا ئورۇنلاشتۇرغان رەڭدار سەھىپىلەر سىلەرنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىڭلارغا ئايلىنىپ قالغۇسى.
 
Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 13139888848 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ دوستكوم (DOSTCOM)ئېلېكترون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ .
باس - باس تور رادىئوسى ئىشخانىسى ئىشلىدى .