<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
ئاساسىي تېما : ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2)ئاۋاتلىقى:7189ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



يانغىن
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 26
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 36 نوقتا
پۇل : 360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:66(سائەت)

 ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2)

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن چوققىلاش مەشغۇلاتى ئېىلىپ بېرىلدى.(2009-03-05)

ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2)
ئەزىز ئىمىر يانغىن

مەزكۇر ئەسەرنىڭ بېشىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز باس باس ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە كىرىڭ .

مەن چىڭدۇدىن قايتىپ كەتسەملا ئاشۇ ئازابلىق ، ئېچىنىشلىق كۈنلىرىمنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر ھاياتىمنىڭ ماڭا خۇشال ھالدا قۇچاق ئېچىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم . ھاياتىمنىڭ ئاخىرىنى بولسىمۇ بەخت ئىلكىدە ئۆتكۈزۈشكە نىيەت باغلىغان ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ ئويلىغانلىرىمنىڭ ، ئارزۇ قىلغانلىرىمنىڭ پەقەت باش -ئاخىرى يوق شىرىن خىيال بۇلۇپ قېلىشنى ، جەمئىيەتنىڭ ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇنچە مۇرەككەپ بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يىتەلمىگەن ئىكەنمەن .
كۈنلىرىم ھەرھالدا يامان ئەمەس ، خۇشال كىتىپ باراتتى . توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن ئايالىم ماڭا بۇدرۇققىنا ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردى . شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىمنى پەقەت ماڭا ئوخشاش ئۇزۇن يىل ئازاب ، خورلۇق ، دەرت تارتقان ، بەخىتكە ، خۇشاللىققا ئىنتىلگەن كىشىلەرلا ئېنىق چۈشىنەلەيدۇ . خۇشاللىقىمدىن ئاغزىم قۇلىقىمىغا يىتىپ ، نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم . راست ! مەن مانا مۇشۇنداق بەختلىك كۈنلەرگە قانچىلىك ئىنتىزار بولغان ، تەشنالىق بىلەن كۈتكەن ، قانچىلىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن ھە ! ...
ئايالىم رەنانىڭ كۈيۈمچانلىقى ، ئۆي ئىشلىرىغا چىۋەرلىكى ، ئوغلۇم مەۋلاننىڭ ئوماق قىلىقلىرى ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ ، بەختلىك ئائىلەمدىن سۆيۈندۈرەتتى . بۇ خىل كۆڭۈللۈك تۇرمۇشۇم چىڭدۇدىكى ئاشۇ قان ياشلىق قىسمەتلىرىمنىڭ ئۇنتۇلىشىغا سەۋەب بولماقتا ،ھەم قەلب ئىكرانىمدىن ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلماقتا ئىدى . كىيىن ئادىلدىن بىلىشىمچە دوستۇم مەۋلان بىز چىڭدۇدىن قايتىپ كىلىپ بىر يىلدىن كىيىن شۇ يەردىلا قازا قىلىپتۇ . بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ يۈرەكلىرىم ئىزىلدى . كۆز چاناقلىرىم لىق ياشقا تولدى . <<ئەگەر مەۋلان ئۆز ئانىسى تەرىپىدىن سەمەت لوبەنگە سېتىۋىتىلمىگەن ، ئىچكىرگە بېرىپ جەمئىيتىمىزنىڭ روھىيتىنى ، مىللىتىمىزنىڭ نامىنى سېسىتىۋاتقان ئوغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ تۇيۇق ، قاباھەتلىك يولغا كىرىپ قالمىغان بولسا ، ئاق چىكىپ ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنچلۇق ۋابا كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالماس ، ئۇنداق ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولمىغان بۇلاتتى .>>دەپ ئويلاپ تېخىمۇ ئازابلىنىپ كەتتىم . بەلكىم ئاشۇ دوستۇم مىنى قۇتۇلدۇرۋالمىغان ، ئۆزى مىنىڭ ئورنۇمدا سەمەت لوبەننى ئۆلتۈرگەن قاتىل بولۇپ ساقچىلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغان بولسا بۇ بەخىتلىك ، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشۇم ئەبەدىي ماڭا نىسىپ بولمىغان بۇلاتتى . ھەي....تەقدىر دىگەن ئاجايىپلا نەرسە ئىكەن . تامامەن ناتۇنۇش ئىككى كىشىنى مەلۇم نەرسىنى ۋاستە قىلىپ تۇنۇشتۇردىكەن ، بىر -بىرىنىڭ كۆڭلىگە مىھىر سالىدىكەن ، ئاخىرىدا بولسا رەھىمسىزلەرچە ئايرىۋىتىدىكەن .
-جېنىم ئاداش ، مىنىڭ ئۈچۈن بەرگەن ئاشۇ قۇربانلىقىڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن . سىنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىمەن . سەن مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ... ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولغاي !
ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن چىڭدۇدا بىللە چۈشكەن سۈرەتكە قاراپ خىياللارغا پاتماقتىمەن ئۈن -تىنسىز نىدا قىلىۋاتىمەن . لىكىن ئۇ مىنىڭ بۇ چىن يۈرىكىمدىن چىققان ئۇشبۇ قەلب سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقانمىدۇ ؟ شۇ تاپتا ئۇنىڭ روھى مىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتقانمىدۇ ؟...
يانفۇنۇمنىڭ ئەنسىز سايرىشى خىياللىرىمنى ئۈزۈپ قويدى . ناتۇنۇش نۇمۇرنى كۈرۈپ تېلفۇننى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئالدىم .
- ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، سىز مۇرات بۇلامسىز ؟
تېلفۇندىن چىقىۋاتقان بۇ زىل ، ياڭراق ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم . بۇ ئاۋازلار ھېلىھەم يۈرەك قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئەۋج ئۇرۇپ ، مىنى ئازابلىماقتا ، ھەسرەتتە ، پىغان -دەرتتە قالدۇرماقتا ، چىڭدۇدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز ھاياتىمنىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىدى .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام ئايگۈل .
بىر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئايگۈلمۇ ، مەنمۇ نىمە دىيىشىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قالدۇق . ئۇنىڭ بىريىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىزدىرەكسىز يوقاپ كىتىپ مىنى ئىزدەپ تېلفۇن قىلىشى مىنى ھەم ھەيران قالدۇرماقتا ھەم خۇشال قىلماقتا ئىدى . لىكىن نىمە ئۈچۈن بۇنچە خۇشال بۇلىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، بەلكىم ئۇ مىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم بولغاچقا ئۇنى ئۇنتۇيالمىغاندىمەن ، ۋەياكى ئۇنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىدىغاندىمەن .
-تۇيۇقسىزلا تېلفۇن قىلىشىمدىن ھەيران قېلىۋاتىسىز ھە ؟ ۋاقىت نىمىدىگەن تېز ئۆتكەن ، مانا بىزنىڭ كۆرۈشمىگىنىمىزگىمۇ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ . ئۆزىڭىز ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟
ئايگۈل ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ سۆز باشلىدى .
-خۇداغا شۈكرى ، يامان ئەمەس .ئۆزىڭىزچۇ ؟ سىزمۇ ياخشى كىتىپ باردىغانسىز ؟
مەنمۇ جاۋابەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم . شۇ تاپتا خىيال ئىكرانىمغا ئايگۈل بىلەن ئۆتكەن قىسقا ئەمما گۈزەل ، ئازابلىق ،كۈلپەتلىك مۇھەببەت كارتىنلىرى پەيدا بولدى .
-مەنمۇ ھەرھالدا ياخشى ، تېخى ئۆلمىدىم !
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم تىترەپ قۇلىقىمغا بىرسى مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم . ئۇنىڭ نە تەنە ئارلاش نە راست ئېيتىلغان بۇ سۆزلىرى مىنى ئازابلىق تۇرمۇش قوينىغا يەنە بىر قېتىم باشلاپ كىردى .
<<نەچچە قېتىم لوبىنىمنىڭ قىيناپ ،ئېسىپ قۇيۇشلىرىغا ئۇچردىم ، قېچىپ كىتىشنىلا ئويلايتتىم. ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمنىڭ مانا مۇشۇنداقلا تۈگەپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلىسام ئۆز گۈشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بۇلۇپ كىتەتتىم . بىر قېتىم قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدىم ، توختىماي يۆتىلەتتىم . ئىچىمدە قۇرتقا ئوخشاش بىر نەرسە ئۆمىلەپ مېڭىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم . دوختۇرغا تەكشۈرتىۋىدىم ، ئەيدىز چىقىپتىمەن . ئاخىرقى ئۈمىدىممۇ يوققا چىقتى . شۇنداق ئازابلاندىم ، ھاياتىمنىڭ ئاستا -ئاستا كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ تۈگەۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ھەممە ئەرلەردىن ئۆچ ئالغۇم ، مۇشۇ كىسەلنى بارلىق ئەرلەرگە يۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگۈم كىلەتتى ....>>
كۆز ئالدىمغا ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ قاباھەتلىك ۋابا كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ، ئارقىغا ئەگىشىپ بۇ كىسەلنى قانداقتۇر ئۇسسۇل بىلەن ئۆزلىرىگە يۇقتۇرۋالغان ، ھەم ئۆچ ئېلىش مەقستىدە ھەرخىل ئۇسسۇللار ئارقىلىق تارقىتىۋاتقان نادان كىشىلەر ، ئازغىنا كۆڭۈل ، ھىسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى نابۇت قىلىشىۋاتقان ئەشۇ ئازغۇن بەندىلەر كەلدى . كاللام قالايمىقانلىشىپ كۆز ئالدىمدا قاپقارا بىر كۆلەڭگە پەيدا بولغاندەك ، ھازىرلا ئايگۈلنى كۆزىمچىلا يالماپ يۈتۈپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنىپ يۈرەكلىرىم ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى .
-ھا...ھا...ھا....
ئايگۈلنىڭ قاتتىق كۈلگەن ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم .
-مۇرات ، نىمە بولدىڭىز ؟ گەپ قىلمايسىزغۇ ؟ چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ ! نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن . مىنى ھېلىغىچە تىرىك تۇرۇپتۇ ، دەپ ئويلاۋاتىسىز ھە ؟! لىكىن سىزگە بىر ئىشنى ئېيتسام مىنى كەچۈرۋىتەرسىزمۇ ؟
ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىنلا تىترەك ئارلاش ، ئاجىز ، يېلىنىش تەلەپپۇزىدا چىقتى .
-قېنى ئېيتىڭ .
-ئاۋۋال مىنى كەچۈرىمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ .
-ماقۇل ..ماقۇل ...چۇقۇم كەچۈرۋىتىشكە تىرىشىمەن .
-ھا...ھا...ھا...مۇرات ، گەپكە ئۇستا بۇلۇپ كىتىپسىز جۇمۇ . تېخى كەچۈرۋىتىشكە تىرىشىمەن دەپ قۇيۇڭ . تېلفۇن نۇمىرىڭىزنى دوستىڭىز ئادىلدىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاران تاپتىم ھەم سۈرۈشتۈرۈپ تېخى ئالدىنقى كۈنىلا يۇرتىڭىزغا كېلىشىم ئىدى . مۇرات ، مەن كۆپ ئويلاندىم ، بەزىبىر ئىشلارنى سىزگە دىمىسەم ئۆزۈمنىڭ مەڭگۈ ئازاب ، خورلۇق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ئاخىرى سىز بىلەن قايتا كۆرۈشۈش نىيتىگە كەلدىم . ئەگەر ماڭا ھىسداشلىق قىلسىڭىز ، مىنى ئۇنتۇپلا قالمىغان بولسىڭىز مەن بىلەن كۈرۈشۈشكە كىلىدىغانلىقىڭىزغا چۇقۇم ئىشىنىمەن .
ئۇنىڭ تاقا -تۇققا بۇ گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي ، ھەم ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈش -كۈرۈشمەسلىكنى ، نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم . قانداق قىلىشم كىرەك ؟ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم قايتا كۈرىشىشىم ھاجەتمۇ ؟ ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمەي ئاشۇ كۈنلەرنى ، ئايگۈلنى مەڭگۈلۈك ئۇنتۇپ كىتىشىم كىرەكمۇ ؟ ...ھازىر مىنىڭ بەختلىك ئائىلەم بار ، مۇقىم تاپاۋەت قىلىدىغان ئۈن سىن دۇكىنىم بار ، مىنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ ، مەدەت بىرىدىغان كۈيۈمچان ئايالىم ، سەبىي ، ئوماق ئوغلۇم ...بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ خۇشاللىقىم . مىنىڭ بەختىم .<< ئايگۈل ....ھەي ...ئايگۈل ..سەن زادى نىمىلەرنى ئويلايدىغانسەن ؟ مىنىڭ بۇ تۇرمۇشۇمغا يەنە نىمە ئۈچۈن بۈسۈپ كىرمەكچى بۇلىدىغانسەن ؟ ...>> ئۇنى ھېلىھەم ھازىرمۇ چىن يۈرىكىمدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ، ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلىپ يەتتىم .
-بۇلىدۇ . ئەمىسە چۈشتىن كىيىن ئىشلىرىمنى بىر قۇر تۈگەتكەندىن كىيىن سىزگە تېلفۇن قىلاي ...
ئايالىم رەنا ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى ھەم مىنى كۈرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتۈپ خۇش تەبەسسۇم قىلدى . تۇرۇپلا ئوغلۇمنى ، ئايالىمنى كۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈشكە ئالدىراپلا ماقۇل دەۋەتكەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم .
-رەھمەت سىزگە مۇرات ....راستىنلا رەھمەت !
تېلفۇندىن ئۇنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازى ئاڭلاندى .ھەم مەن بىلەن خوشلىشىپ تېلفۇننى قۇيىۋەتتى .
-ۋۇي ...نىمە بولدى مۇرات ؟؟
ئايالىم مىنىڭ چىرايىمدىكى ئىپادىلەرگە دىققەت قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى . ماڭا كۈيۈنۈش ئاھاڭىدا سورىدى . مەن ئوغلۇمنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ قانماي سۈيۈپ كەتتىم ...
چۈشتىن كىيىن ئىشلىرىمنى بىر قۇر ئۇرۇنلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن تۇرۇپلا ئايگۈلگە تېلفۇن قىلغۇم كېلىپ قالدى . ئەتىگەن سەھەردىلا ئۇنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان نىمىشقىكىن قويغان -تۇتقىنىمنى بىلمەيلا قالدىم .ئۇنىڭ بىلەن <<قەلبىداشلار مىھمانخانىسى >>دا كۈرىشىدىغان بۇلۇپ كىلىشىپ ، ئالدىراپلا يولغا چىقتىم . كاللامدا تۈمەنمىڭ خىيال ھۈكۈم سۈرىدۇ ، ئەنە كۆز ئالدىمدا ئايگۈل بىردە يارىشىملىق مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ چىرايىدىن كۈلكە ياڭرىتىپ ناز قىلىپ تۇرسا ، ئاجايىپ بىر خۇشاللىق ھېسلىرىغا چۈمۈپ ھاياجاندىن ھۇزۇرلىنىپ كىتىمەن . يەنە بىردە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە پۈتۈن بەدەنلىرىدىن قان سىرغىۋاتقان ھالدا پەيدا بۇلىدۇ ، بىردىنلا شۈركىنىپ ئەندىكىپ كېتىمەن .
تاكسى شۇپۇرىنىڭ ماشىنىنى قاتتىق تۇرمۇز قىلىپ توختىتىشى مىنى خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى . ئالدىمىزدا ئەمدىلا ئۈچ -تۆت ياشنىڭ قارسىنى ئالغان بىر بالا قورقۇمسىراپ تۇراتتى ، ئارقىدىنلا بىر ئايال ئۇيان -بۇيانغا شىددەت بىلەن ئۈتۈشۈپ كىتىۋاتقان ماشىنلارغىمۇ قارىماستىن يۈگۈرۈپ كېلىپ بالىنى باغرىغا باستى ھەم كۆتۈرۈپ كىتىپ قالدى .
-ۋۇي ، ئۆلگۈسى كەلگەن ساراڭ !
شوپۇر ماشىنىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئايالغا قاراپ شۇنداق دېۋىدى ، ئاچچىقىمدا شۇپۇرنى تىللاش ئۈچۈن بۇغۇزۇمغا كىلىپ قالغان گەپنى ، ئۆزەمنى تۇتىۋىلىپ يۈتۈۋەتتىم . شۇ ئان كۆز ئالدىمدا مەرھۇم ئانامنىڭ كۈيۈمچان سىماسى ، بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىدا مىنى دەپلا ياشاپ ، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولغىچە ئارمان بىلەن كۆزى ئۇچۇق كەتكەن ھالىتى پەيدا بولدى . ئانىلارنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دىسەم ھەرگىز ئارتۇق كەتمەس .
<<جېنىم ئانا ، مىنى قانداق گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلىرىڭ بىلەن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان بولغىيتتىڭ ھە ! لىكىن مەن سىنىڭ ئەجرىڭگە چۇشلۇق ياخشى جاۋاپ قايتۇرالمىدىم . سەن ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندىم ، مىنى تۇغقانلىقىڭغا روھىڭ قورۇلۇپ مىڭ لەنەت ئوقۇغانسەن . لىكىن ئانا بىلەمسەن ؟! بۇ دۇنيا شۇنداق جاھان ئىكەن ،ئاجىز كىشىلەرلا بىر ئۆمۈر زىيان تارتىپ ئۆتىدىكەن ، بۇ دۇنياغا يىغلاپ كىلىپ ئارمان بىلەن كېتىدىكەن . مەن ئاخىرقى ئۆمرۈمدە بولسىمۇ ،سىنىڭ كۈتكەن يېرىڭدىن چىقىپ ھاياتىمنى قەدىرلەيمەن . جېنىم ئانا ، ئۇلۇغ ئاللاھ ياتقان يېرىڭنى جەننەتتە قىلغاي ، مىنىڭدىن رازى بول ! مەن سىنى سۆيىمەن ئانا ...سىنى سۆيىمەن ئانا ...سىنى ....>>
-مانا يىتىپ كەلدۇق !
شۇپۇرنىڭ گىپى بىلەن خىياللىرىمنى توختاتتىم ، ئۇ ماڭا قاراپ نىمىنىدۇر ھەيران بۇلۇپ كۆزلىرىمگە تىكىلدى .كۆزلىرىمدە ياش تامچىسى لىغىرلاپ قالغانىدى ، ھەرقېتىم ئانام ئىسىمگە كەلسىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالاتتىم ، بەلكىم ئارمان بىلەن كەتكەن ئانام ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىپ يىغلايدىغاندىمەن ، ۋە بەلكىم ئەقىلسىز ئوغۇلنىڭ ئانىغا بولغان سېغىنىشلىق ئازابى بەدىلىگە كەلگەن چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان ياشلار بولسا كىرەك ...
ماشىنىدىن چۈشۈپ مىھمانخانا ئالدىغا كىلىپ يەنە تۇرۇپ قالدىم . ئۇنىڭ بىلەن زادى كۈرىشەيمۇ ياكى كۈرىشمەيمۇ ؟...
كاللامدا يەنە بۇرۇنقىدەك ئىككى مۇرات پەيدا بولدى ، بىرى :<< ئاراڭلاردا شۇنچە نۇرغۇن ئىشلار بۇلۇپ ئۆتكەن ، يەنە كىلىپ ھازىر سىلەر تامامەن باشقا -باشقا دۇنيادىكى كىشىلەر ، ئۇنداق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان پاھىشە قىز بىلەن كۈرىشىپ نىمىمۇ قىلارسەن ...>>دەيتتى . يەنە بىرى :<< سەن بۇرۇن نىمىلا بولمىسۇن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ، ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيگەن . سەن ۋە باشقىلار شۇنچە يىرگەنگەن ئىشنى ئۆزى خالاپ قىلمىغان ، ئەتراپىدىكى كىشلەر ، جەمئىيەت ئۇنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشكىن ، ئۇنىڭ ساڭا دەيدىغان زادى قانداق گەپلىرى بار ئىكەنلىكىنى ، نىمىشقا تۇيۇقسىزلا سىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بولسىمۇ بىلىپ باققىن ...>> مەن كىيىنكىسىنى تاللىدىم . ئۇنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بۇيىچە 3-قەۋەت 301-ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ چىرايىمغا يالغان كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، ئىشكنى چەكتىم .


داۋامى بار .
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە ياكى مۇشۇ تېمىنى تەھىرلەش ئاساسىدا يوللىنىدۇ . ئەسەرگە نىسبەتەن قىممەتلىك پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . يىتەرسىزلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار خوش بۇلىمەن .
[ مەزكۇر پۈتۈك yanhin تەرىپىدىن 2009-03-08 00:42 دە تەھرېرلەندى. ]

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر ،
ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر .
تېز پۈكۈپ ياشىما ،يالۋۇرما ھەرگىز ،
دىيارىڭ شىنجاڭ ،مىللىتىڭ ئۇيغۇر .

Posted: 2009-03-05 12:55 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 31
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 41 نوقتا
پۇل : 410 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:225(سائەت)

 

يانغىن ئەپەندىم باس- باس تورىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى قارىشى ئالىمىز !
Posted: 2009-03-05 13:03 | 1 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 3050
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3076 نوقتا
پۇل : 30760 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3498(سائەت)

 

2- قىسمى ئاخىرى چىقىپتۇدە ، قارشى ئالىمىز ! داۋامىنى كۈتۈمەن ! ھارمىغايسىز  ! 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-05 13:06 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 67
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 73 نوقتا
پۇل : 730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:39(سائەت)

 

يانغىن ئەپەندىم باس- باس تورىغا كەلگەنلىكىڭىزگە مەرھابا ،سىزنىڭ تور يازغۇچىلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى يازغۇچى دىيىشكە بولىدۇ ،1- قىسىم شۇنداق ياخشى ئاۋازغا ئىلىنىپتۇ ھەم ياخشى يىزىلىپتۇ ،مەن ئۇ ئەسەرنى تۇلۇق ئاڭلاپ چىقتىم ،2-قىسىمنى يازغىنىڭىز بەك ياخشى بۇپتۇ ،بولسا تىزراق يازسىڭىز ئەسەرنىڭ كەينىگە تەشنا -مەن .قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن !!
Posted: 2009-03-05 18:17 | 3 -قەۋەت


 
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 376
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 376 نوقتا
پۇل : 3760 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:394(سائەت)

 

بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنجى قىسمىنى شۇنداق قىزىقىپ ، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانتىم ، ئاخىرىنى كۈتىمەن .


  قىزلار ئىچىدە بىرگە يايراپ كۈلەلمىدىم ....


Posted: 2009-03-05 19:06 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 832
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 834 نوقتا
پۇل : 8340 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:895(سائەت)

 

ھەممىسىنى يېزىپ بولغاندا بىراقلا ئۇقۇي بولمىسا  كۈندە داۋامىنى ساقلاپ تىت -تىت بۇلۇپ ئۇلتۇردىغان ئىش ئىكەن.



بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن

Posted: 2009-03-05 21:00 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 7
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 7 نوقتا
پۇل : 70 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

يانغىن سىزنىڭ باس باس مۇنبىرىڭىزگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا .. ئەمدى ئەسەرلىرىڭىزنى ئىزدەپ ئۇيان -بۇيانغا چاپىدىغان بوپتىمىزدە ... بۇرۇن ئەسەرلىرىڭىزنى قاشتېشى مۇنبىرىدە كۆرەتتۇق ، كىيىن سەلكىن مۇنبىرىدە ئىزدەپ كۈرۈيدىغان بولدۇق ...بۈگۈن سىز يازغان چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت دىگەن ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى چۈشۈرۋالاي دەپ تورغا كىرىشىم ئىدى ... سىزنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ 2-قىسمىنى باشلىغانلىقىڭىزنى كۈرۈپ شۇنداق سۈيۈنۈپ كەتتىم . رەھمەت سىزگە ... باس باس مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر چۇقۇم سىزنىڭ قەدرىڭىزگە يىتىدۇ . باس باسنىڭ سىزنىڭ مۇقىم ئائىلىڭىز بۇلۇپ قېلىشىنى ھەم كۈچ چىقىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . تېخىمۇ تىرىشىڭ . توغراق يېشدا ياشاڭ ..سىزگە ئۇتۇقلار مەڭگۈ ياربولسۇن ...
ئەمدى بۇ ئەسىرىڭىزگە كەلسەم بېشىنى شۇنداق قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم . كىيىن ئاۋازلىق نۇسخىسىنى كۈرۈپ كىنو كۈرىۋاتقان تۇيغۇ ئىچىدە ئاڭلىغان ھەم باس باس مۇنبىرىدىكىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىش مەقسىتىدە بىر تېما يوللىغان .. ئەسىرىڭىزنى باشلىنىشى شۇنداق تەبىئي ، جانلىق چىقىپتۇ . ئوقۇپلا قىزىقىپ ئەمدى ئەسەر ئىچىگە كىرىپ ، ئىككىسى كۈرۈشۈپ نىمە دىيىشەر دەپ ئويلاپ تۇرىشىمغا ، ئىشىكنى چەكتىم دەپ تۈگىتىۋىتىپسىز ئەمەسمۇ .... ئاخىرىغا تەشنامەن ...
Posted: 2009-03-05 21:32 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 230
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 232 نوقتا
پۇل : 2320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:221(سائەت)

 

«چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت» نىڭ ئاخىرى بارمىكىن دىسەم « ئوغرى يىگىت بىلەن پاھىشە » قىزنىڭ ئاخىرى باركەنغۇ؟!
Posted: 2009-03-05 21:46 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1 نوقتا
پۇل : 10 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

  ئەزىز يانغىن ، مەن يىڭى تىزىملاتتىم ! گەپنى ئۇدۇللا قىلاي ھە .

  سىنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ، ئاخىرى ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى بويىچە ياخشىلىق بىلەن ئاخىرلىشىپ ، بىزگە چۇڭقۇر تەسىر قىلغانىدى ، سىنىڭ قايتا غەيرەتكە كىلىپ ، مەزكۇر ھېكايىنىڭ 2-سىنى چىقارغانلىقىڭدىن خۇرسەنمەن !

باھاغا كەلسەم ،  گەرچە قىسقىغىنە يازغان بولساڭمۇ ، لىكىن مەن تەپسىلىي ئوقۇدۇم ، ھېس قىلغانلىرىمنى دەي .
ئەسەرنىڭ باشلىنىشى سەل ئالدىراپ چىقىپ قالغان ، سىنىڭ تەپەككۇر ، قەلەم ئىقتىدارىڭغا باققاندا ، بۇ خىلدىكى  يىزىلىش سىنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبىڭ ئەمەس ، سەن ئادەتتە ،ئىجادىيەتلىرىڭدە بايان ،تەسۋىر جەھەتتە ، سەن پىسخىكاا  تەسۋىرىنى ئاساس قىلىپ ، مۇھىت تەسۋىرىنىمۇ شۇنداق يارقىن ، ئوبرازلىق بايان قىلاتتىڭ ، بۇ ئەسەردىكى پىسخىكا تەسۋىرى دىگەندەك مۇكەممەل ئەمەس ، مۇنداقچە ئىيتقاندا ، باشلىنىشىدىلا سەن ھىسىياتلىرىڭنى سۆزلەپ چۈشۈپسەن ، بەلكىم ، سەن بۇ ئالدىنقى (مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1-سى ) ھېكايىدەك ئۇسلۇبتا يىزىشنى پىلانلىساڭمۇ ، ئەمما ، بۇنداق نۇقۇل ھىسىياتقا ئاساسلىنىپ ، باشلىساڭ ، مەنچىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ، بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس  ، بەلكى ، باشلىنىدىكى پىسخىكا تەسۋىرىنىڭ بايان قىلىنىشى تولۇق ئەمەس ، ۋە سەل مۈجمەل .
ئاندىن ئوتتۇرىغا بىرىپمۇ ،يەنە شۇنداق ئالدىراپ كەتكەندەك ، بىردەمدىلا ۋەقەلىككە ئۆتۈپ بوپسەن ، بەزى جەريانلار تەپسىلىي ئەمەس ، <ئايگۈل> بىلەن تىلفۇن ئالاقىلاشقان جەريانمۇ سەل سۈنئىي ، بۇرۇنقى (1-سىنى) تەپسىلاتلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشۈمچە، سەن بۇ يەردە چوقۇم شۇنداق مۇجمەل ، ئازابلىق ۋە چۇڭقۇر خىياللاردىن گاڭگىراپ قىلىشىڭ ،ھەيران قىلىشىڭ ، ئەجەبلىنىشىڭ ، ( ئىشقىلىپ ، سىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىڭدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، خىلمۇخىل ھىسىيات ئالمىشىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ چىقىرالايتتىڭ ) كىرەك ئىدى . 

ماڭا يارىغان يىرى ، ئەڭ ئاخىرىدا ، مۇراتنىڭ ئىككىلىنىپ ، شۇ دەقىقىدىكى ھىسىياتىنى جانلىق ئىپادىلەپ بىرىپسەن !

سىنىڭ بۇ ئەسەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك پۈتتۈرىشىڭگە تىلەكداشمەن ، ھەم ،پۈتتۈرگىچە جەرياندا ، ساڭا تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمايمەن !  ساڭا مەنمۇ ئۆز تەكلىپلىرىمنى بىرىمەن !  تىرىشقىن !
Posted: 2009-03-05 22:19 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 83
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 83 نوقتا
پۇل : 830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:26(سائەت)

 

ھېسلىرىم توردىشىمىزنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن، مەنمۇ سىزنىڭ بۇ ئىككى ئەسىرىڭىزنى ئوقۇش داۋامىدا بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلغان، ئۇ بولسىمۇ ھېسيات تەسۋىرىي. ئەرتۈرك ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىدىكىدەك ھېسيات تەسۋىرىي قۇيۇق چىققان بولسا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزقۇيغاندەكلا ئىش بولارىكەنتۇق.

قەيسەر يۈرەككە ئوخشاش
قەيسەر ئۆپكە

Posted: 2009-03-05 22:47 | 9 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1243
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1245 نوقتا
پۇل : 12450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1749(سائەت)

 

شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.....يانغىن ئەپەدىمنىڭ باس_باس مۇنبىرىگە كەلگىنىنى قىزغىن قارشى ئالمىز..
ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ...ھارمىغايىسىز  يارنغىن ئەپەدىم.

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-03-05 23:33 | 10 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 81
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 81 نوقتا
پۇل : 810 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:121(سائەت)

 

ماۋزۇسىنى كۆرۇپ ، ئامىرىكىنىڭ بىر كىنوسى ئېسىمگە كەلدى. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگىنى بىر ھاراقكەش قىمارۋاز بىلەن  پاھىشىنىڭ مۇھەبىتى! بەك ئېچىنىشلىق !
ئىنسانىلىقىنى، روھىنى ئالۋاستىغا سېتىۋەتكەن شۇنداق ئادەملەردىمۇ يەنە مۇھەببەت بار، يەنە كېلىپ شۇنچە ساپ، مەزمۇت! بەك تەسىرلەنگەن، نەچچە كۇن ھۇشۇمغا كېلەلمەي شۇ كىنونى ئويلاپ يۇرگەنتىم . زاتەن ، ياۋروپا ئەللىرى مۇھەببەتنى بەك چوڭ بىلىپ قەدىرلەيدۇ.  بىز نىمىشكە ئۇنى قوسىغى توق ئادەمنىڭ بىكار قالغاندا قىلىدىغان ئىشى دەپ بىلىمىز؟ ( ئويلىنىپ قالدىم )
Posted: 2009-03-05 23:58 | 11 -قەۋەت


ئانا تۇپراق ئۈچۈن جنىم پىدا!!!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 80
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 80 نوقتا
پۇل : 800 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:45(سائەت)

 

پاھ ...  يانغىن ئاكا  ئىلھامىڭىز قوزغۇلۇپ  يەنە داۋامىنى چىقىرىپسىزدە !!!!      ئاللاھ قۇلڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
ھارمىغايسىز ...  قەلمىڭىز توختاپ قالمىسۇن،،،  داۋامىنى تىزراق يىزىپ چىقشىڭىزغا تلەكداشمەن!!!!!!

بۇ تۇپراق مېنى ئۈز قۇينىدا ئۈستۈردى،بۇ ماكاننى قۇغداش مىنىڭ مۇقەدەس بۇرچۇم!!!

Posted: 2009-03-06 04:06 | 12 -قەۋەت


ئامان
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 37
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 37 نوقتا
پۇل : 370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:24(سائەت)

 

بەك ياخشېكەن
Posted: 2009-03-06 08:05 | 13 -قەۋەت


مۇھەببەت راسلا مەۋجۈتمۇ؟
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 180
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 180 نوقتا
پۇل : 1800 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:673(سائەت)

 

ۋاي يانغىن قاشتېشىدىن ئەمدى بۇ يەرگە قېچىپسىزدە،ئەسەرلىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن،داۋامىغا تەشنامەن.

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىمانىمىزنى كامىل قىلغاي.......

Posted: 2009-03-07 00:41 | 14 -قەۋەت


يانغىن
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 26
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 36 نوقتا
پۇل : 360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:66(سائەت)

 

ئەسەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىر بەرگەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۈرۈپ شۇنداق خۇرسەن بولدۇم .ھەم مەنمۇ ئۆز ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم . مەن مەزكۇر ئەسەرنىڭ بېشىنى يازغان ۋاقتىمدا باشقىلارنىڭمۇمۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىكىرلىرىنى كۆرگەن ئىدىم . خوش ، نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق يېزىپ قالدىم دىگەنگە كەلسەم ، مۇرات ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغان ، باشقىلار تەرىپىدىن ئىچكىرگە ئوغۇرلۇققا سېلىنغان شەخىس . مەن بۇ ئەسەرنى يېزىش بۇلۇپمۇ ئىككىنچى قىسمىنى يېزىش جەريانىدا كۆپ ئويلاندىم . ھېسلىرىم دەپ ئۆتكەندەك مەن باشقا ئەسەرلىرىمدە ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ئامىللىرىن تۇللۇق پايدىلىنىپ ، ئەسەرنى مۇكەممەل يېزىش ئۈچۈن كۈچەيمەن . بۇ ئەسەرنى مۇشۇنداق تۈز يېزىشىمنىڭ سەۋەبى مەن ئۈزۈمنى بىر ئاپتۇر ئورنىغا قۇيۇپ يازماستىن ، ئەسەردىكى ئاشۇ مۇرات ئىسىملىك شەخىسنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ يازغانلىقىمدا .... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمى بىلەن ئىككىنچى قىسمىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئويلاندىم  . مىنىڭچە بولغاندا ئەسەرنىڭ باشلىنىشى ياخشى چىقتى ، ھەم مۇشۇنداق چىقسا تېخىمۇ زوق بېغىشلاپ ، باشقىلارنى ئەسەر ئوقۇۋاتقان ئەمەس ، شۇ ئىشنى ئۆزى قىلىۋاتقان تۇيغۇ ئىچىگە ئېلىپ كىرەلەيمەن دىگەن مەقسەتنى ئويلىدىم .
ئاخىردا تورداشلىرىمنىڭ ئەسەرگە نىسبەتەن قانداق ئويلىغان بولسا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .  سەۋەنلىكىمنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار خوش بۇلىمەن ... ئەسەرنى ئامال بار تورداشلار بىلەن تېز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن .

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر ،
ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر .
تېز پۈكۈپ ياشىما ،يالۋۇرما ھەرگىز ،
دىيارىڭ شىنجاڭ ،مىللىتىڭ ئۇيغۇر .

Posted: 2009-03-08 00:41 | 15 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 265
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 265 نوقتا
پۇل : 2650 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2274(سائەت)

 

بۇنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن، «چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھاببەت»نىڭمۇ ئاخىرنى يېزىۋەتكەن بولسا ھە. 
Posted: 2009-03-09 19:15 | 16 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 39
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 39 نوقتا
پۇل : 390 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:18(سائەت)

 

      مېنىڭچە بۇمۇ ، ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ... ھارمىغايسىز يانغىن ئەپەندىم ، بىراق تەكلىپ بەرگەن دوسلارنىڭمۇ ، تەكلىپىنى ، ياخشى ئويلىشىپ بېقىڭ ..............
Posted: 2009-03-09 23:13 | 17 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 10
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 10 نوقتا
پۇل : 100 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2(سائەت)

 

ئەسسالام يانغىن ئەپەندى مەن سىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئەڭ كۆپ ئۇقۇيدىغان ئۇقۇرمەن بۇلىشىم مۇمكىن.
سىز بۇ ئەسىرڭىزدە بۇلارنى ئاخىردا بەخىتلىك قىلىشنى ئويلامسىز ؟ياكى بۇلار بىر ئۇمۇرسىزنىڭ قەلىمىڭىزدە قامچىلىنىپلام ئۇتەمدە !
بەزى تۇرۇپ -تۇرۇپ  ئاڭلىمىسام بوپتىكەن دەپ سالىمەن ،چۇنكى بۇ ئەسەر مىنى كۆپ خىيالچان قىلىپ قويغان ئىدى
ئەمدى مۇرات بەخىتلىك تۇرمۇشقا چىقتى دەپ كۆز يېشىم ئەمدى قۇرغان ئىدى.
مۇبارەك ئىلھامىڭىز يەنى بۇلانىڭ تۇرمۇشىغا بۇسۇپ يەنە نىمىشلانى كەلتۇرۇپ چىقا؟
بولسا شۇ مۇبارەك قەلىمىڭىز بۇلانى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرسىز ؟
نىمە دەۋاتىمەن مەن بۇدىگەن پەقەتلا ھىكايىغۇ نىمىلەرنى دەپ كەتتىم توغرا چۇشىنىڭ! بۇنداق دىگىنىم سىزنىڭ بۇ ھىكايىڭىزگە كىرىپ كەتكەنلىكىمدىن شۇنداق بوپ كەتكەن ئوخشايمەن .
بولسا چ چ دىگەەندەك ياكى خەت ساندۇق ئادرىسىڭىز بولسا يوللاپ قۇياسىز ئالاقىلىشىپ تۇرايلى
www.sahran.cn  ئاتامانى؟

مەن باس-باسنى ياختۇرىمەن

Posted: 2009-03-10 11:10 | 18 -قەۋەت


ئۇنتۇپ كەت يۈرىكىم ئۇ ئازاپلارنى..
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 277
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 277 نوقتا
پۇل : 2770 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:171(سائەت)

 

بۇنى باشلاپ بوپسەنغۇ، مەن تېخى سېنى يازمىدى ھەقىچان دەپ ئويلىغان ئىدىم ئۇكام،،،ياخشى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن..

ئازاپلارنى ئۇنتۇش ئۈچۈنمۇ ئازاپ چېكىشكە توغرا كېلىدۇ.

Posted: 2009-03-10 17:59 | 19 -قەۋەت
<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation