ئامېرىكا رادىئو شىركىتى 15 – يانۋار خەۋىرى : ئامېرىكىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 15 –يانۋار كەچ سائەت 8 دە ،
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش ئاق سارايدا ، پۈتۈن مەملىكەتكە ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىش تېلېزىيە نۇتقى سۆزلىدى . ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، نۇتۇق 13 مىنۇت بولۇپ ، جەمئىي بەش بەت ئىكەن . بۇش ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىنى ‹‹كىرزىستا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن›› مەزگىل دەپ ئاتىغان .
بۇش خوشلىشىش نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن : ئىلگىرى بۇ يەردە خىزمەت قىلغان كىشلەرگە ئوخشاشلا ، مەنمۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردۈم ، بەزى ئىشلاردا ، ئەگەر ماڭا يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەت بېرىلسە ، مەن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، ئۇلارنى ھەل قىلىمەن . مەن ئىزچىل دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئەتىنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ كەلدىم . بۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . مەن ئىزچىل ئۆزەمنىڭ ۋىجدانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ، ئۆزەم توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلدىم . سىلەر بەلكىم مەن چىقارغان بىر قىسىم قىيىن تاللاشلارغا قۇشۇلماسلىقىڭلار مۇمكىن ، بىراق مەن سىلەرنىڭ مەن قىلىشنى خالىغان قىيىن تاللاشلارغا قوشۇلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇش ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى ‹‹پۈتكۈل دۆلەتكە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىغان ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان پەيت›› دەپ ئاتىدى ھەمدە ‹‹11 – سېنتەبىر›› تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى : ‹‹بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى ، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلار ئاللىقاچان ئىلگىرىكى تۇرمۇشىغا قايتتى . بىراق ، مەن ئۇنداق ئەمەس ›› .
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى