1. يۇقۇرقى 
رەسىم بولسا گېرمانىيەلىك رەسسام Albrecht Durer نىڭ 1526-يىلى پارلامېنت ئەزاسى Jacobo Muffel غا سىزغان ماي بوياق 
رەسىم ئىجادىيىتى. 
رەسىمنىڭ ئىسمى «پارلامېنت ئەزاسى Jacobo Muffel»
    بۇ 
رەسىم گېرمانىيەنىڭ قەغەز پۇلىدا ئىشلىتىلگەن. بۇ قەغەز پۇل 1924-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تارقىتىلغان.
    2. تۆۋەندىكى 
رەسىم بولسا گېرمانىيەلىك رەسسام Albrecht Durer نىڭ 1471-1528 يىللىرىدا سىزغان ماي بوياق 
رەسىم ئىجادىيىتى بولۇپ، 
رەسىمنىڭ ئىسمى «سودىگەر Imhof».
    بۇ 
رەسىم گېرمانىيەنىڭ قەغەز پۇلىدا ئىشلىتىلگەن. بۇ قەغەز پۇل 1922-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى تارقىتىلغان. قىممىتى بەش مىڭ مارك.
    3. تۆۋەندىكى 
رەسىم بولسا گېرمانىيەلىك رەسسام Albrecht Durer نىڭ 1471-1528 يىللىرىدا سىزغان ماي بوياق 
رەسىم ئىجادىيىتى بولۇپ، 
رەسىمنىڭ ئىسمى «يىگىت».
    بۇ 
رەسىم گېرمانىيەنىڭ قەغەز پۇلىدا ئىشلىتىلگەن. بۇ قەغەز پۇل 1977-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تارقىتىلغان. بۇ پۇلنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى بولسا گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ Gorch Fock ناملىق مەشققە ئىشلىتىلدىغان يەلكەنلىك كېمىسى.
    4. تۆۋەندىكى 
رەسىم بولسا گېرمانىيەلىك رەسسام Barthel Bruyn the Elder نىڭ 1493-1555 يىللىرىدا سىزغان ماي بوياق 
رەسىم ئىجادىيىتى بولۇپ، 
رەسىمنىڭ ئىسمى «كۆلن شەھەر باشلىقى».
    بۇ 
رەسىم گېرمانىيەنىڭ قەغەز پۇلىدا ئىشلىتىلگەن. بۇ قەغەز پۇل 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تارقىتىلغان. پۇلنىڭ قىممىتى 50 مىڭ مارك.