<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
ئاساسىي تېما : سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق كۈنلىرىڭىز بولغانمۇ؟ئاۋاتلىقى:83ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 10

پۈتۈك سانى: 814
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 834 نوقتا
پۇل : 8340 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:308(سائەت)

 سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق كۈنلىرىڭىز بولغانمۇ؟

    ھەش - پەش دېگۈچە مەكتەپ ھاياتى ئاخىرلاشقىنى نەچچە يىللار بولۇپ قاپتۇ. بۈگۈن تۇيۇقسىز شۇ ۋاقىتلاردىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
    مەيلى ھاۋا ئوچۇق بولسۇن ياكى تۇتۇق بولسۇن، مەيلى كۈنلەر تېز ئۆتسۇن ياكى ئاستا ئۆتسۇن، شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، پەقەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بولساقلا، بىز ئوقۇش پۈتتىرىدىغان كۈنلەرنى ئۆتكۈزىمىز. ئەنە شۇ كۈنلەردە بىراقلا قايغۇ - ھەسرەتلىك كەيپىياتلارنى ھېس قىلىمىز. ياتاقداشلار، يېقىن دوستلار، مۇھەببەتلەر بىر - بىرىمىزگە قېيمىغان ھالدا نۇرغۇن قېتىملاپ كۆز يېشى قىلىشىمىز. ئەتراپىمىزنى تېخى ئايىقى چىقىشقا ئۈلگۈمىگەن مېھىر - مۇھەببەتلىك ھېكايىلەر قاپلايدۇ.
    بىز ئەنە شۇنداق ئايرىلىمىز، ھەسرەت - نىدامەتلەر بىلەن كېتىمىز. ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ، مەن ئەڭ ئاخىرقى كۈنى كارۋىتىم بىلەن رەسىمگە چۈشىۋالدىم، ئاشۇ چىداملىق چايدان بىلەن چايخانىدىن بىر چايدان قايناقسۇ ئەكەلدىم. ئاخىرقى كۈنى بىرنەچچەيلەن يىغىلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە قول قەرتنى ئوينىدۇق.
    شۇنداق قىلىپ ئارزۇ - ئارمانلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىمىز، لېكىن نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كېتىمىز. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:


بىز كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئاڭلىغان.


ئاچچىغى يامان ئەمەس «يۇۋاش» مۇئەللىملەرگە ئۇچرىغان ۋاقتىمىزدا، ئالدىنقى بىرنەچچە رەت پارتا ئاساسەن قۇرۇق قالىدۇ.


ئەلۋەتتە، خېلى كۆپ ھاللاردا بىز ئۇخلاپمۇ ئۆتكۈزىمىز


قەرت ئويناش ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ تۆۋەن باھالىق كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىغۇ دەيمەن


بىرنەچچەيلەن كومپيۇتېر سېتىلۋالغاندىن كېيىن كېچىمۇ كۈندۇز تور ئويۇنلىرى، چايخانا ۋە QQ دىن ئايرىلمايمىز


ئادەمنى جىلە قىلىدىغىنى، ھەر قېتىم كىيىملىرمىزنى يۇيۇپ تۇرشىمىزغا يامغۇرلۇق كۈن بولىدۇ. ئەتە يەنە يامغۇر ياغارمىش، سىز كىر يۇدىڭىزمۇ؟


مەكتەپنىڭ ئاشخانىسى ھەممىدىن بەك تالاش - تارتىش يۈز بېرىدىغان ئورۇن. قىزلارنى كۆرسىلا چۆمۇۈچنى باشقۇرالمايدىغان ئاشپەز ئۇستاملار بىزگە نۇرغۇنلىغان تاماق ئېلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلغۇزىدۇ


دېسىرتاتسىيە ياقلاش بىزنىڭ مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى


ئوقۇش پۈتتۈرىش رەسىمىگە چۈشىدىغان كۈنى ھەممەيلەن شۇنداق مۇلايىم بولۇپ كېتىمىز


مەن تارتىپ قويغان رەسىملەرنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرامسىز؟
ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.
Posted: 2008-05-06 12:10 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 10

پۈتۈك سانى: 814
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 834 نوقتا
پۇل : 8340 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:308(سائەت)

 


ئوقۇش پۈتتۈرىشنىڭ ئالدىدىكى تۈگۈمەس ئولتۇرۇشلار، چېكىشىشلەر، ئىچىشىشىلەر بىزنى بىخۇت قىلىدۇ. لېكىن كېيىنچە يەنە ئاشۇنداق سورۇنلارنىڭ بولىشىنى ئويلاپلا ئۆتۈمىز


سورۇنلاردا قىزلىرىمىزمۇ ھەرگۈز بوش كەلمەيدۇ


سورۇنلاردىن كېيىن ھەممە يەرنى كارۋات قىلىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس


ئايرىلىش................
ئازابلىنىش..............
ھاڭ - تاڭ قالارلىق ھاياجانلىنىش..........


ئۆز يۇرتلىغا قايتىغانلار كۆپەيگەنسىرى ياتاقمۇ قۇرۇقلىنىشقا باشلايدۇ. ھەر كۈنى ۋۇگزالغا، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگە نەچچە قېتىم بارىمىز. ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىدىن ئايرىلىش يېشىنىڭ تاراملاپ تۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈمىز


ھەپتە ئاخىرلىرى كەلسىلا بىرنەچچە بۇرادەرلەر ئىچىپ تۇرۇمىز. ھەر قېتىم يۈدۈپ ئەكەلگىنى چوقۇم ئەڭ ياخشى بۇرادەر.


ئاخىرقى «خۇدايىمغا ئامانەت، ئاق يول بولسۇن» بىلەن ھەممەيلەن ئۆز يولىمىزغا ماڭىمىز.


مەيلى بۇرۇن مۇناسىۋىتىمىز قانداق بولسۇن، ھازىر ھەقىقەتەن خوشلاشقىمىز كەلمەيدۇ

 
مەيلى قايسى خىل شەكىلدە خوشلىشايلى، بىر - بىرىمىزنىڭ كۆزىگە قارىيالمايمىز. چۈنكى بۇلدۇقلاپ تۇرغان ئايرىلىش يېشىنى كۆرۈشكە چىدىمايمىز


يەنە بىر قېتىم خوشلىشىۋالاي. ئامان بولغىن ساۋاقدىشىم. خۇدايىم بۇيرىسا يەنە كۆرۈشۈپ قالارمىز.
ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.
Posted: 2008-05-06 12:33 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 10

پۈتۈك سانى: 814
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 834 نوقتا
پۇل : 8340 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:308(سائەت)

 

ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.
Posted: 2008-05-06 12:39 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 113
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 113 نوقتا
پۇل : 1130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 

< بۇلۇتلار ئاراسىدا >  نى ياتاقنىڭ خورى قىلىۋېلىپ ، كېچە - كېچە ناخشا توۋلاپ ئۇخلىمايتتۇق ........

بۇلۇپمۇ ئىمتىھان باشلىنىدىغان كۈنلەردە ئاخشاملىرى دېيىشىدىغان گەپلىرىمىز تۈگىمەيتتى . گەپ قىلىش خۇمارىمىز تۇتۇپلا تۇراتتى .

قوللىرىمىز قىچىشىپ ،قەرت ئوينىغۇمىزلا كېلەتتى .  كېچىككىنە ياتاق ئىچىدە ۋالىس دېگەننى پىقىرايتتۇق ...

مانا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ تورغا چىقىشىپ كۆرۈشسەكلا بۇرۇنقى گەپلىرىمىز تۈگىمەيدۇ  ...

مەكتەپ دېگەننى سېغىنىپ .................ھەي ...  ئويلىساملا يىغا تۇتىدۇ ............  بىر گۈزەل ئەسلىمە خالاس ! ~~
Posted: 2008-05-06 13:03 | 3 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 574
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 576 نوقتا
پۇل : 5760 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:175(سائەت)

 

ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىمىز كەلگەن ، بىرنەچچەيلەن ئولتۇرۇپ مەكتەپتىكى ھاياتىمىزنى ئەسلىشىپ كەتتۇق . ئالى مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن كۈنلەر كىشى ھاياتىدا ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە بولۇپ قالىدىكەن ... مەن ئەڭ ئۇنتۇمايدىغان بىر كۆرۈنۈش ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ماڭىدىغان چاغدا بىر ساۋاقدىشىمنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ مەن بىلەن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي ماشىنىنىڭ كەينىدىن خېلى يەرگىچى يۈگۈرۈپ بارغىنى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ~~~       
http://hi.baidu.com/baghrim
Posted: 2008-05-06 13:25 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 10

پۈتۈك سانى: 814
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 834 نوقتا
پۇل : 8340 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:308(سائەت)

 

باغرىم ھەدە، ئۇ ساۋاقدىشىڭىز چوقۇم ئوغۇلغۇ دەيمەن~~~~
ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.
Posted: 2008-05-06 13:40 | 5 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 574
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 576 نوقتا
پۇل : 5760 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:175(سائەت)

 

بۇ مەخپى دېمەيمەن ...         
http://hi.baidu.com/baghrim
Posted: 2008-05-06 13:53 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 6

پۈتۈك سانى: 696
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 708 نوقتا
پۇل : 7080 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:28(سائەت)

 

ئالى مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن گۈزەل ھە !!!!!
مەن پات-پات ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنى،ياتاقداشلىرىمنى ،ئاشۇ سۈرلۈك ئىمتاھان مەيدانىنى ،تاماق ئالالماي ئۈچرەتتە تۇرغان كۇرنۈشلەرنى چۈشەپ قالىمەن  
Posted: 2008-05-06 14:43 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 113
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 113 نوقتا
پۇل : 1130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 

ئەر مۇئەللىملەرنىڭ دەرىسى بولسا سىنىپتىكى ئالدىنقى ئىككى قۇر پارتىدا  لىق تۇلۇپ ئولتۇرۇپ كېتەتتۇق  `~~`ھى ھى ھى ~~
Posted: 2008-05-06 15:20 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 647
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 647 نوقتا
پۇل : 6470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:209(سائەت)

 

ئايال مۇئەللىملەرنىڭ دەرسى بولسا بىز ئوغۇللارمۇ ئالدىنقى رەتكە پاتماي ئولتۇرۇپ كىتەتتۇق       
تەن ساقلىق ، زور بايلىق .
Posted: 2008-05-06 16:16 | 9 -قەۋەت
پۈتۈك خاتىرسى مۇنبەر تۈرى خاتىرسى
<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
باس باس مۇنبىرى >> مەكتەپ ھاياتى

Basbas.CN © 2008
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation