ئاساسىي تېما : تەڭتۇش يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان ياخشىمۇ ياكى پىشقان ئەرلەر بىلەن توي قىلغان ياخشىمۇ؟ئاۋاتلىقى:107ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 6

پۈتۈك سانى: 696
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 708 نوقتا
پۇل : 7080 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:28(سائەت)

 تەڭتۇش يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان ياخشىمۇ ياكى پىشقان ئەرلەر بىلەن توي قىلغان ياخشىمۇ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك موللام تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2008-05-06)
  جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىش، كىشىلەرنىڭ قىممەت قارشىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ ياشلارنىڭ مۇھەببەت ، نىكاھ قارىشىدىمۇ بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر كۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلار توي قىلغاندا بۇرۇنقىدەك نوقۇل ئائىلە قۇرۇش بىلەن ساددىلارچە مۇھەببەتنى ئاساس قىلىپ بىر ئائىلىگە كىرمەستىن بىر-بىرىنىڭ چىراي - شەكلى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، خىزمەت ئورنى ، ئوقۇش تارىخى، مىجەز-خۇلقى.... قاتارلىقلارغىچە ئويلۇشۇپ ئاندىن قارار چىقىرىدىغان بولدى. بۇ ئەلۋەتتە ياخشى يۈزلىنىش. نىكاھ ئىشى ئۈمۈرلۈك ئىش. بۇنىڭغا يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ، ئالدىراپ قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ . يېقىندىن بېرى بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئىددىيىسىدە بىخ ئۇرۇپ كۆكلەۋاتقان بەزى قاراشلار ئادەمنى ئەنسىرىتىدۇ . ئۇلار لايىق تاللاشتا مۇھەببەتنى ئەمەس پۇلنى، مال-مۇلۇكنى ، تەييارغا ھەييار بولۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . بۇ خىل تىرىكتاپلىق ئىددىيىسى ناھايىتى قوقۇنۇشلۇق .
    يېقىنقى يىللاردىن بېرى << پالانىچى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر قىز بىلەن توي قىپتۇ ، پۇكۇنىچى بىر قىز بىلەن تېپىشىۋېلىپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتمەكچى بوپتۇ >> دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەرخىل سەۋەپلىرى بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى نىكاھنىڭ بۇزۇلىشىدا قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئائىلىدىكى ئىككىلا تەرەپنىڭ مەلۇم مەسئۇلىيىتى بولىدۇ . ئەمما بۇنىڭغا ھازىر جەمىيەتتە خېلىلا باش كۈتۈرۈپ قېلىۋاتقان ياش قىزلارنىڭ << پىشقان ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىددىيىسى مەلۇم دەرجىدە رول ئويناۋاتقانلىغى ھەممىگە ئايان .
    مېنىڭ << پىشقان>> ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان شۇ قىزلارغا ئاشۇ قىزلاردەك ئويلايدىغان بارلىق قىزلارغا شۇنداق دەپ قويغۇم كەلدى : ئەي قىزلار ، ئۇ << پىشقان ، يىتىلگەن >> ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئۆزلۈگىدىنلا پىشىپ قالغان ئەمەس ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنلىرى، نەتىجىسى، مىجەز-خاراكتىرى، كەڭ-تاشا تۇرالغۇ ئۆيلىرى، تۇرمۇش تەجرىبىسى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس ياكى يەردىن ئۈنۈپ قالغان ئەمەس . ئۇنىڭغا ئاشۇ ئەر بىلەن جاپا-مۇشەققەتنى، ئىسسىق-سوغۇقنى بىللە باشتىن كەچۇرگەن ، تەڭ كۈلۈپ تەڭ يىغلىغان بىر ئايالنىڭ كۆرۈنمەس سايىسى بار . بۇ ئايالنىڭ كۈرۈنمەس سايىسى ھەتتا شۇ ئەرنىڭ جىسمىغىمۇ سىڭىپ كەتكەن . سىز بۇنى ھامان بىر كۈنى بايقايسىز . شۇڭا باشقىلارنىڭ << پىشۇرۇپ >> تەييار قىلىپ قويغان ئەرلىرىنى ئەمەس ، ئۆزىڭىز پىشۇرىدىغان ، سىز بىلەن ئىسسىق-سوغۇقنى تەڭ باشتىن كەچۇرۇپ، بىللە پىشىپ يىتىلىدىغان ، ھايات سەپىرىڭىزدە سىز ئۈچۈن مەڭگۈ ھەراھ ، يۈلەنچۈك بولۇپ سىزگە ۋە باللىرىڭىزغا بەخىت ئاتا قىلالايدىغان ئەرنى تاللاڭ . قىزلىق قەدرى-قىممەتنىڭ باھاسى تۈۋەنلەپ كەتمىسۇن . تۇرمۇشنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئۇزۇڭلار بىلەن تەڭ دېمەتلىك يېگىتلەر بىلەن بىللە قۇرۇپ ، كېيىنكى ھاياتىڭلارغا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاساس سېلىڭلار .
    ئۆزۇڭلار ئاشخانىدا تەرلەپ پىشىپ ئەتكەن بىر قاچا سۇيقاشنىڭ يۇلتۇز دەرجىلىك رېستۇرانلاردا يېگەن بىر ئۇستەل تائامدىن بەكرەك ئىسسىق باسىدىغانلىغىنى ئويلاپ بېقىڭلار . يىگىتىڭلارنى ئۆزۇڭلار << پىشۇرۇڭلار>> ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ << پىشىڭلار >> .

مەنبە «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى
Posted: 2008-05-05 18:07 | [پۈتۈكچى]


شۈكرى!
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 55
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 61 نوقتا
پۇل : 610 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:26(سائەت)

 

مېنىڭچە بۇ سەل بىرتەرەپلىمىلىك بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟! تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بويىچە ئېيتقاندا پىشقان ئەرلەر قايتا خوتۇنلۇق بولالماي يۈرمەمدۇ~~~ مەيلى قانداق بولسان، ئىززىتىنى قىلغان بىلەن توي قىلىش كېرەك. لېكىن ئىقتىسادنى ئويلاشمايمۇ بولمايدۇ. ئۆزىمىزنى قانچىلىك ئالىجاناپ كۆرسەتكىنىمىز بىلەن، ئىقتىساد مەسىلىسى بىر ئەمەلىي مەسىلىدۇر. «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ بىركۈن ئولتۇرغان بىلەنمۇ قوساق تويمايدۇ. 
پاشىنىڭ ئۇۋۇسى يوق، پەسنىڭ مىللىتى يوق.
Posted: 2008-05-06 13:49 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 113
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 113 نوقتا
پۇل : 1130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 

ئاچ قورساققا مۇھەببەت خوشياقمايدۇ  دېمەكچىمۇ موللام ئاخۇنۇم ~~ ھى ھى ھى ~~
Posted: 2008-05-06 15:47 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 1018
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1028 نوقتا
پۇل : 10280 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:274(سائەت)

 

موللام توغرا دەيدۇ   
ئۆز-ئۆزۈمگە چۆكۈپ كەتكەن ئارالمەن ،
تەغدىر ماڭا دولقۇنلاشنى بەرمىگەن .
Posted: 2008-05-06 18:09 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 6

پۈتۈك سانى: 696
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 708 نوقتا
پۇل : 7080 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:28(سائەت)

 

بۇدىگەن تۇي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەنلارگە قارتىلغان گەپ-سۈز ئەمەس،تۇي قىلىپ بۇلغان،بالىسى بار لارغا كۈز تىكىۋاتقان ،بەخىتلىك ئائىلىنى بۇزۇشقا ئۇرنىۋاتقان قىزلارغا ئىيتىلغان سۈز!
بۇرۇن بىزنىڭ قوشنا ياتاقتىكى بىرقىزنىڭ ،خۇتۇنى بار بىر ئادەم بىلەن ئارلىشىۋتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم،ئۇنىڭدىن «نىمىشقا بۇنداق قىلسەن؟»دەپ سۇرساق ئۇ«تۇي قىلىپ بۇلغان ئەرلەر پىشقان كىلىدۇ،مەن ھەرگىز تۇي قىلمىغان سۇيمىلار بىلەن ئارلاشمايمەن،مەن تۇي قىلغان ئەرلەرنى ياخشى كۈرمەن »دىگەن ئىدى،بىز «ئۇ ئادەمنىڭ بالىسى،خۇتنى تۇرسا ،ئۇنداق قىلساڭ قانداق بۇلدۇ؟ »دىسەك ئۇ«خۇتۇنى بىلەن نىمە كارىم،ئۇمىنى ياخشى كۈرسىلا بۇلدى،مەن ئۇقۇش پۇتتۇرگەندە ئۇ خۇتۇنى بىلەن ئاجرىشپ مەن بىلەن تۇي قىلدىغان بۇلدى»دىگەن ئىدى.
ئاجىرشىپ بۇلغان ئەرلەر بىلەن ئارلاشسا ئۇنىڭ يۇلى باشقا،بىراق ..................................
Posted: 2008-05-06 18:49 | 4 -قەۋەت


ئوھۇشتە..
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 6

پۈتۈك سانى: 472
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 484 نوقتا
پۇل : 4840 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:262(سائەت)

 

مەن موللامنىڭ پىكىرىگە قوشىلىمەن!
ئۈمۈد ئۇزۇن ئۆمۈردىن!
Posted: 2008-05-06 19:02 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 16
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 16 نوقتا
پۇل : 160 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

بىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەندىغۇ بۇنچىۋالا قائىدىلەر يوقتى ~~
Posted: 2008-05-06 19:08 | 6 -قەۋەت


ئۇزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 12
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 12 نوقتا
پۇل : 120 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5(سائەت)

 

توي قىلمىغان ئەڭ ياخشى~~~~~~
Posted: 2008-05-06 19:27 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 39
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 39 نوقتا
پۇل : 390 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3(سائەت)

 

سەنەمجان
سىز قاچان يۇرگەن ئىدىڭىز
Posted: 2008-05-06 22:20 | 8 -قەۋەت
پۈتۈك خاتىرسى مۇنبەر تۈرى خاتىرسى
باس باس مۇنبىرى >> تۇرمۇش بىلىملىرى

Basbas.CN © 2008
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation