ئاساسىي تېما : قەشقەردە ئۆتكەن ساھىب تەگبىرلەرئاۋاتلىقى:23ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 98
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 98 نوقتا
پۇل : 980 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:8(سائەت)

 قەشقەردە ئۆتكەن ساھىب تەگبىرلەر

                                                                                            ئوسمان مۇھەممىدى قاراقۇتلۇق

             ئىلگىرىكى زامانلاردا قەشقەردە ھەربىر ھۈنەر - كەسىپنىڭ نوپۇزلۇق يېتەكچىسى ۋە دۇئاگۇيى بولاتتى، ئۇلار شۇ ھۈنەر - كەسىپنى ئۆگەنگۈچىلەرگە تەكبىر دۇئا بېرىپ ئۇلارنىڭ ھۈنەرۋەن بولغانلىقىنى جاكارلايتتى، بۇنداق يېتەكچى ۋە دۇئاگۇيلار "ساھىب تەكبىر" دەپ ئاتىلاتتى.
ساھىب تەگبىرلەر ھۈنەر - كەسىپلەرنىڭ تارىخ - رىسالىلىرىنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق موللا - ئىماملار بولۇپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.19 - ئەسىردە قەشقەردە باھاۋۇدىن مەختۇم شەيخۇل ئىسلام بولغان يىللاردا يۇمىلاق شەھەر كۆلى بويىدا ئىچىدىن بىر ئېرىق سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ھاۋالىق بىر باغچە بولۇپ، قەشقەردىكى ئالىم - ئۆلىمالار دائىم مۇشۇ يەرگە يىغىلىپ ئىلمىي مۇساھىبە ئۆتكۈزەتتى، ھەپتىدە بىر كۈن( چارشەنبە كۈنى) ھۈنەرۋەن - كاسىپلار ساھىب تەگبىرلەردىن دۇئا ئالاتتى. بۇ بىر خىل ئىلمىي مەدەنىيەت پائالىيىتى ئىدى. بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ساھىب تەگبىرلەر ئاۋۋال شەيخۇل ئىسلامدىن زىندە ئالاتتى. بۇ پائالىيەت كەسىپلەر بويىچە نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى، يەنى بىر ھەپتىدە بىناكارلىق( تامچى، ياغاچچى) لار ساھىب تەگبىردىن دۇئا ئالسا، يەنە بىر ھەپتىسى زەرگەرلەر ياكى تۇماقچىلار دۇئا ئالاتتى. مەلۇم بىر ھۈنەرنىڭ ئۇستىسى شۇ سورۇندا ھۈنەرنى ئۆگىنىپ بولۇپ دۇكان ئايرىيدىغان شاگىرتىغا ئات مىندۈرۈپ ياكى تون كىيدۈرۈپ( ھەركىم قۇربى يېتىشىچە)، بىر يۈرۈش ئەسۋاب - سايمان بېرىپ دۇكان ئايرىپ بېرەتتى، ساھىب تەگبىرلەرگىمۇ لايىقىدا سوۋغىلارنى بېرەتتى، بۇ ئىش ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلەتتى.20 - ئەسىرگە كەلگەندە بۇ خىل رەسمىيەتلەر بىرئاز ئاددىيلاشتى. بۇ چاغلاردا ساھىب تەگبىرلەر ھىجرىيە يېڭى يىلىنىڭ بېشىدا( مۇھەررەم ئېيىدا) ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ھۈنەرۋەننىڭ ئۆيىگە ياكى كارخانىسىغا بېرىپ، شۇ ھۈنەر - كەسىپنىڭ پىر- ئۇستازلىرى ۋە رىسالىلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ، بىسمىللاھىرەھمانىرەھىم دەپ ئوڭ قول، ئوڭ تەرەپتىن ئىش باشلاش توغرىسىدا تەلىم بېرەتتى. ئاندىن شۇ سورۇندا ساھىب تەكبىر ئورنىدىن تۇرۇپ شۇ ھۈنەرنى ئۆگەنگەن شاگىرتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدى - كەينىگە تارتىپ تۇرۇپ: »بۈگۈندىن باشلاپ  سىز رەسمىي ئۇستا بولدىڭىز، ئاللا سىزگە مۇشۇ كەسىپتىن ھالال رىزىق ئاتا قىلسۇن، ھۈنەر - كەسپىڭىز راۋاج تاپسۇن، بىخەتەر، خاتىرجەم ھۈنەر قىلىپ دۇنيادىن ئۆتكەيسىز... دەپ ھۈنەر قىلىشقا ئىجازەت بېرىپ دۇئا قىلىدۇ، دۇئادىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا زىياپەت، ساھىب تەگبىرنىڭ ئالدىغا رەخت ياكى پۇل قويۇلىدۇ. كېيىن بۇ ھۈنەرۋەن شۇ ھۈنەر - كەسىپ ئارقىلىق راۋاج تاپسۇن ياكى باشقا ئىش قىلسۇن دۇئاگۇي ساھىب تەكبىر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلىدۇ. 
       20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەردە مامۇتئاخۇن خەلپىتىم ئىسىملىك بىر ئۆلىما بولۇپ، ئۇ تامچى، ياغاچچىلارغا ساھىب تەكبىر بولغانىدى. ئۇ ھەققانىيەتچى كىشى بولۇپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ھەپسىگە ئېلىنىپ تۈرمىدە قەتلى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ياغاچچى، تامچىلارغا نەزەرباغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق روزىئاخۇن خەلپىتىم ساھىب تەكبىر بولغان.روزىئاخۇن 1880 - يىلى نەزەرباغ يېزىسىنىڭ كونا نەزەرباغ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بىر مەزگىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ بىلىملىك، نەزەر دائىرىسى كەڭ، تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولغاچقا، 1935 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «مەدرىسە - مەسچىتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەيئىتى» گە قاتناشقان ۋە ھەيئەت خىزمىتى ئارقىلىق خەلققە تونۇلغان. 1936 - يىلى مەزكۇر ھەيئەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە تىجارەت قىلغان. كېيىن كۇچاغا بېرىپ تىجارەت قىلغان. بۇ مەزگىلدە شېڭ شىسەينىڭ ياللانمىلىرى تەرىپىدىن( تارىخىي جىنايىتى بار، قەشقەردە تەشكىلگە قاتناشقان دېگەن بەدنام بىلەن) 1937 - يىلى ھەپسىگە ئېلىنغان ۋە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىلىپ تۈرمىگە قامالغان. تۈرمىدە غۇلجىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئېلىخان تۆرە بىلەن بىر كامىرىدا ياتقان. ئۇلار شۇ دەۋردىكى ئېتىقادلىق، خەلقپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەردىن بولغاچقا، دېموكراتىيە، خەلق ھوقۇقى، ئىلىم - پەن، مائارىپ، تېبابەتچىلىك توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى...
1941  - يىلى روزىئاخۇن خەلپەت ئېلىخان تۆرىلەر بىلەن بىللە تۈرمىدىن بوشىتىلغان، ئۇ ئېلىخان تۆرىلەر بىلەن بىللە غۇلجىغا بارغان. كېيىن يەنە قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە كونا نەزەرباغ مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولغان ۋە قوشۇمچە تىجارەت قىلغان، كېيىن كۇچارغا بارغان. 1948 - يىلى كۇچاردا ۋاپات بولغان.
   روزى ئاخۇن خەلپىتىم كۇچاغا كەتكەندىن كېيىن، تامچى، ياغاچچىلارغا ئابدۇراخمان ئىمام ئاخۇنۇم ساھىب تەكبىر بولغان. بۇ كىشى كۇدۇڭ ئىمام ئاخۇنۇم دېگەن نام بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ 1882 - يىلى تۇغۇلغان، 1967 - يىلى ئۆز ئۆيىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئىجتىھاتلىق، قىزغىن ئادەم بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
   تۆمۈرچىلەرنىڭ ساھىب تەگبىرى ياسىن قازى ئاخۇنۇم ئىدى. ياسىن قازى ئاخۇنۇم 1917- يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەلگەكچى كوچىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ئوقۇمۇشلۇق دىنىي زات بولۇپ، كىچىكىدە دادىسىدىن تەلىم ئالغان، كېيىن قەشقەردىكى ساقىيە مەدرىسەسىدە ئوقۇپ يۇقىرى مەلۇماتقا ئېرىشكەن. گومىنداڭ دەۋرىدە يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە قازى بولغان. 1950 - يىللاردىن كېيىن قەشقەردىكى ساقىيە مەدرىسەسىگە مۇدەررىس بولغان. ياسىن قازى ئاخۇنۇم ئائىلە قىرائەتخانىسىدا ئەجدادلىرىدىن قالغان ۋە ئۆزى توپلىغان نۇرغۇن كىتابلارنى ساقلىغان. بۇ كىتابلار «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ 1982 - يىل 8 - ئايدا ۋاپات بولدى.قەشقەردىكى دوپپا - تۇماقچىلارنىڭ ساھىب تەگبىرى ئابدۇغوپۇر ئاخۇن مەخدۇم ئىدى. ئۇ 1888 - يىلى قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسىنىڭ ئۈزۈمچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەينى دەۋردىكى ئالىملاردىن موللىخان ھاجىم، ھاشىم ئاخۇن داموللا قاتارلىق ئۆلىمالاردا ئوقۇغان. ئۇ 1960 - يىللاردا ھېيتگاھ جامەسىگە ئىمام ۋە خاتىپ بولغان، 1971 - يىل 7 - ئايدا ۋاپات بولغان.

مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2006 – يىللىق 1 – سان
Posted: 2008-05-05 17:01 | [پۈتۈكچى]
پۈتۈك خاتىرسى مۇنبەر تۈرى خاتىرسى
باس باس مۇنبىرى >> تارىخقا نەزەر

Basbas.CN © 2008
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation