ئامېرىكىدا چىقىدىغان‹‹فوبۇس›› ژورنىلى يېقىندا ، ‹‹دۇنيادىكى ئون چوڭ قەبىھ ئادەم››نى باھالاپ چىققان . بۇ ئون ئادەمنىڭ ھەممسىلا  ئۆز دۆلىتىدە ۋە ياكى خەلقئارادا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلەر ئىكەن . بۇ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن . 
     1. ‹‹بازا تەشكىلاتى››نىڭ كاتتىبېشى   بېن لادىن 
     ‹‹11–سىنتەبىر›› ۋەقەسى يۈز بەرگىلى 6 يىل بولدى . بۇ ۋەقەنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بىن لادىن ھېلھەم خەلقئارالىق چوڭ كۆلەملىك تۇتۇشتىن ساقلىنىپ كەلدى . ئامېرىكا لادىننى تۇتۇپ بەرگەنلەرنى 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
     2. مېكسىكا زەھەر پادىشاھى   گۇزمان 
   گۇزمان مېكسىكىدىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى بولۇپ ،  كولۇمبىيىدىن مەخسۇس كوكائىن كىرگۈزۈپ ، ئامېرىكىغا ئەتكەس قىلىدۇ . گۇزمان مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا ئۇتتۇرىسىدىكى زەھەر يۆتكەش يولىنى كونتىرول قىلغان بولۇپ ، ئامېرىكا ئۇنى تۇتقانلارنى 5مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىن جاكارلىغان .
      3 . روسىيە قارا گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى   ئالېم توختاخۇنوف 
      ئامېرىكا  ئالېم توختاخۇنوفنى ‹‹خەلقئارا ئاسىيا–ياۋروپا جىنايى تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ›› دەپ قارىغان . ئۇ زەھەر سېتىش ، قانۇنسىز قۇرال سودىسى قىلىش ۋە ئوغرىلانغان ئاپتوموبىللارنى ئەتكەس قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن . 
     4.ھىندىستان قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشى   ئىبراھىم 
      داۋۇت ئىبراھىم ھىندىستاندىكى 1–نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى شۇنداقلا  تەشكىللىك جىنايى گۇرۇھ D شىركىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ، 1993–يىلى بومبايدا پارتىلىتىش ۋەقەسى پىلانلاپ ، 275 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 713 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئەيىپلەنگەن . 
     5.ئىتالىيە قارا قول پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى   تىنالو
       تىنالو دۇنيادىكى كۈچى ئەڭ زور شۇنداقلا جىنايى پاكىتلىرى تولۇق بولغان قارا گۇرۇھ ئىتالىيە قارا قول پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ ، 1993–يىلى ئىتالىيىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق خاراكتىرىدىكى بىر قېتىملىق پارتىلىتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا . 
    6.  رۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كاتتىبېشى   كابۇجا
      كابۇجا ئافرىقىدىكى 1–نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى شۇنداقلا  رۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كاتتىبېشى . ئۇ 1994–يىلىدىكى 100كۈن ئىچىدە 800مىڭ رۋاندالىقنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق .
     7. كولۇمبىيە زەھەر ئەتكەسچىسى   مالىن 
      مالىن كولۇمبىيىدىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى بولۇپ ، زەھەر سېتىش ، بۇلاڭچىلىق ، تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلەنگەن . ئامېرىكا  ئۇنى تۇتقانلارنى 5مىليون دوللار بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان . 
      8. كانادا پارىس قارا گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى   تاۋېيلى
      تاۋېيلى كانادادىكى پارىس قارا گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ ، بىر ئامېرىكىلىق بوۋاينىڭ 3مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ، ئامېرىكا تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان . 
      9. ئۇگاندا پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ كاتتىبېشى  كېنى 
      كېنى ئۆزىنىڭ پارتىزانلار ئەترىتى ئارقىلىق 2مىليون ئۇگاندالىقنى يۇرت–ماكانسىز قويغان ، بۇنىڭ ئىچىدە  30 مىڭدەك بالا ئالداپ كېتىلگەن . خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئۇنى ئۇرۇش جىنايىتى ، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق 33 جىنايەت بىلەن ئەيىپلەپ ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان .
    10. ئامېرىكا ‹‹قىشتىكى كىچىك تاغ گۇرۇھى›› نىڭ كاتتىبېشى   بېرگېر 
      ئامېرىكا ‹‹قىشتىكى كىچىك تاغ گۇرۇھى›› نىڭ كاتتىبېشى جامىس بېرگېر بوستوننىڭ غەربىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى ، ئادامچىلىق ، قاقتى–سوقتى قىلىش ۋە نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەيىپلەنگەن .