تەتۇر خىياللىرىم باشلاندى يەنە ... توۋا !!!
باسباس ھازىر خېلى تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىپ قالدى. بۈگۈن باسباسنىڭ «تۇغ»نى كوردۇم .( ئاۋۇ پەستىكى دوستانە ئۇلىنىش دېگەن يەردە) ... ئەمما شۇ يەنە «باس باس تورى» دېگەن خەت كۆزلىرىمگە بىر قىسما كۆرىنىۋاتىدۇ، شۇڭا تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزلىشىم باشلىنىپ قالدى ، كەچۈرەرسىلەر ...
مېنىڭچە مۇنداق ئىككى مەسىلە بار،1-مەسىلە «باس باس تورى» دىگەن بۇ سۆزنىڭ ھەممىسى ...ھى ھى ھى ... ھەجەپ كېكەچلىدىم. مېنىڭچە «باس باس تورى» دەپ ئېلىنسا ئۇقۇم خاتالىقى يۈز بەرەرمىكىن دەيمەن، ئەلۋەتتە مەنىسىنى ھەممە بىلىمىز لېكىن يېزىلشتا «پالنى تورى»، «پۇستانى تورى » دىيىلسە خۇددىي ئېنتېرنتتىن ئايرىلغان باشقا بىر مەخسۇس تور بۆلىكىدەك تەسىر بېرىدىكەن ئادەمگە ... مۇمكىن بولسا «باس باس» ياكى «باس باس بېكىتى» دەپ ئېلىنسا دەيمەن ...
2-مەسىلە يەنە شۇ «باس باس » دېگەن خەتتە ... ئىملا قائىدىسىنى بەك بىلىپ كەتمىسەممۇ ئۆزەمچە بۇ خەت بولسا «باس-باس» دەپ يېزىلىشى كېرەكمىكىن دەيمەن، ئەلۋەتتە بۇ قارىشىمغا ئۆزەممۇ گۇمان قىلىۋاتىمەن ... شۇنداق بولسىمۇ يېزىۋېرەيچۇ ... يامىنى كەلسە «باس باس» مۇھىممۇ ياكى «باس-باسمۇ» دېگەندەك تېمىلارنىڭ، ئوبزورلارنىڭ يېزىلىشىغا تۈرۈتكە بولار ...
تۆۋەندىكىسى مېنى بىر پاتمان گەپكە سالغان «گۇناھكار تۇغ».