ئاساسىي تېما : تۇنجى توپ تەپكەن ئۇيغۇرئاۋاتلىقى:83ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 612
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 614 نوقتا
پۇل : 6140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:181(سائەت)

 تۇنجى توپ تەپكەن ئۇيغۇر

1870 -يىلى ئەنگىلىيە مانچىستىر پورتىدىكى ئىشچىلار ئارىسىدا 20  ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر گەۋدىلىك ئۇيغۇر يىگىتى پەيدا بولىدۇ  ھەمدە پورىت ئىشچىلىرى بىلەن بىرلىكتە  بىللە توپ تىپىدۇ. ئۇ بۇ يەرگە كىلىپ 1ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاددىي ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگىنىۋالىدۇ. ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كىتىدۇ  ھەمدە توپ تىپىشنى ئۈگىنىۋالىدۇ. يەرلىك كىشىلەر: "- سەن نەلىك؟"- دەپ سورىسا،  ئۇ ئۇزاق ئويلىنىپ: " -مەن ئاتۇش ئىكىساقلىق"- دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .
    بۇنىڭغا قىزىققان ئەنگىلىيىلىكلەر خەرىتىنى ئاختۇرۇپ يەر شارىدا ئۇنداق ئىكىساق ئىسىملىك يەر بارلىقىنى تاپالمايدۇ .بۇ يىگىت بولسا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ توپ تەپكەن كىشى ھاشىم بالىخاندۇر.
    ھاشىم بالىخان ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسىى تۈگەپ كىتىدۇ . ھاممىسى ئۇنىڭغا  قۇرئان ئۈگىتىدۇ. ئۇ يەنە ئاتۇشتا باغۋەنچىلىك تىخنىكىسىنى ئۈگىنىۋالىدۇ. 17-18ياش ۋاقىتلىرىدا ھاممىسى بىلەن بىرلىكتە غۇلجا شەھىرىگە كىلىدۇ. ھەمدە باشقا يىگىتلەر بىلەن بىرلىكتە سودىگەرلەر گە ئەگىشىپ ئەنجانغا كىلىدۇ، كىيىن تۈركىيەگە بارىدۇ. ئىزمىردا بىر زالفوب ئىسىملىك تۈرۈك سودىگىرى، بۇ ئەقىللىق، ئىشچان، قاۋۇل نامرات بالىغا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ سودا كېمىسىدە مال خاتىرلەش ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرۈپ قۇيىدۇ.  19ياشلىق ھاشىم زالفوبنىڭ سودا كېمىسى بىلەن مانچىستىر غا كىلىدۇ  ھەمدە  بۇ يەردە 1يىل تۇرۇپ قالىدۇ.  بىر يىلدىن كىيىن ھاشىم تۈركىيىگە قايتىپ بىر شىركەتتە مال ساتقۇچى بۇلىدۇ. 1872-يىلى خۇجايىنى ئۇنى سىبىريە، ئالمۇتا،  قازان تەرەپلەرگە مال سېتىۋېلىشقا ئەۋەتىدۇ.  قازاندا تۇرغان ۋاقتىدا پوتبولغا باشچىلاپ كىرىپ كىتىدۇ  ھەمدە كىچىك تۇرۇپلا نامى چىققان پۇتبولچى بولۇپ قالىدۇ.  قازاندىكى ۋاقتىدا ھاشىم ئوتتۇرا ئاسيادا داڭقى بار باي باۋۇدۇنھاجى(باۋدۇنباي) بىلەن ئۇچرۈشۈپ قالىدۇ.  باۋدۇنباي بىلەن ھاشىم غۇلجىدىلا  تۇنۇشاتتى. شۇنىڭ بىلەن باۋدۇنباي ھاشىمنى ۋەتەنگە قايتۈرۈپ كىلىدۇ.  يەنە ئۇنىڭغا ئەنگىلىيىدە ئىشلەنگەن توپ بىلەن ناسۇس سوۋغا  قىلىدۇ.  1880- يىلى ھاشىم بالىخان ئىكىساق كەنتىدە تۈنجى بولۇپ پوتبۇل كوماندىسى قۇرىدۇ. ھاشىمنىڭ دوستلىرىدىن تاياخۇن، نامۇكام، خەللامۇكام، ناسىپ ئاخۇن، سۇپىكام، نودەككام، نەبىكام قاتارلىقلار ئىكىساقنىڭ تۇنجى توپچىلىرى بولۇپ قالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار تۆت ئادەم بىر بولۇپ توپ ئوينىغان.
http://hi.baidu.com/baghrim
Posted: 2008-04-25 03:59 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 359
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 359 نوقتا
پۇل : 3590 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:49(سائەت)

 

      پۇتبول تېپىشتە مىللىتىمنىڭ تۇغما قابىلىيىتى بار دەپ ئىشىنىمەن !~~~~~~
Posted: 2008-04-25 09:47 | 1 -قەۋەت


ئىنساپ توغرىسىدا ئىزدەن،ئۇ سىنى گۈزەل،تىنىچ مۇھىتقا ..
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 185
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 185 نوقتا
پۇل : 1850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:47(سائەت)

 

دۇنيادا پۇتبولچىلىق تېخى رەسمىي قائىدىلەشمىگەن ۋاقىتتلاردا ،ئۇيغۇر دىيارىدا باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن مۇسابىقە بولغانىكەن
ھەمدە شۇ مۇسابىقىلەردە دائىم ئۇتۇپ چىقاتتىكەن.
بۇ توغۇرلۇقمۇ  تېلىۋىزۇرلاردا خەۋەر بەرگەندەكمۇ قىلغان.
Posted: 2008-04-25 11:30 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 674
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 674 نوقتا
پۇل : 6740 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:141(سائەت)

 

تالانتى بار دەپ ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن لېكىن ، مىللىتىمىزنىڭ مىجەز خارەكتىرئالاھىدىلىگىگە ئاساسلانغاندا پۇتبۇلغا ماس كېلىدۇ
قىلغان ئىشتىمۇ  ھالال . ھارامنى ئايرىش !
Posted: 2008-04-25 11:44 | 3 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 10

پۈتۈك سانى: 398
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 418 نوقتا
پۇل : 4180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:162(سائەت)

 

Quote:
1 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئايتۈرك نىڭ 2008-04-25 09:47 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
       پۇتبول تېپىشتە مىللىتىمنىڭ تۇغما قابىلىيىتى بار دەپ ئىشىنىمەن !~~~~~~

پۇتبولغىلا ئەمەس، تەتەربىيىنىڭ خېلى تۈرلىرىگە دەڭا !!!
ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ...
Posted: 2008-05-05 16:26 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 58
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 58 نوقتا
پۇل : 580 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

توغرا دەيسىلەر، ئاسىيا قىتئەسى بويىچە تۇنجى خەلقىئارالىق پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن، (ھازىرقى ئاپتوۋۇز شىركىتىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلەرمىش)ئېكساق كوماندىسى ئەنگىلىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق كوماندىلارنى يەڭگەن ئىكەن.
Posted: 2008-05-05 17:41 | 5 -قەۋەت
پۈتۈك خاتىرسى مۇنبەر تۈرى خاتىرسى
باس باس مۇنبىرى >> پۇتبول دۇنياسى

Basbas.CN © 2008
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation