جەمىئىيەت تەرەققى قىلىپ 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، مىللىتىمىزدىكى بەزى ئەنئەنىۋى ئىددىيە ۋە قاراشلار ئۆزگەرگىنى يوق. لېكىن ئەتراپىمىزنى ئىشلارنى ۋە ھالەتلەرنى ئنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتىدىغان بولساق، بەزى جەمىئىيەت تەرەققىياتىغا ماس قەدەم بىلەن ئۆزگۈردىغان ئەنئەنىلەر ئۆزگەرمەي، ئۆزگۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ئەنئەنىللىرىمىز ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس.
تۈنۈگۈن كەچتە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى كەسپلەردە ئىشلەيدىغان يەتتە، سەككىز دوستلار كەچلىك تاماقتا بىللە بولۇپ قالدۇق. بۇرۇنقى ئادىتىمىز بويىچە تاماق يىگەچ دۇنيادىكى چوڭ - چوڭ ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرلىشىپ بولغاندىن، «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ» دەپ يەنە مۇشۇ جەمىئىيەت ۋە مىللەتكە كېلىپ توختۇدۇق. پاراڭلار ئارىسىدا ماڭا تەسىر قىلغىنى: خېلى كۆپ ساندىكى ستۇدېنت قىزلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالماي ئۈرۈمچىدىكى «چوڭ بازار»، «شىياۋشىمېن» قاتارلىق سودا شەھەرچىللىرىدە ياللانما «سودىگەر» بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى؛ بەزىللىرىنىڭ بولسا ئەسلى يۇرتلىرىغا قايتىشنى ياكى يېزا - قىشلاقلارغا بېرىشنى خالىماي ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن «سودىگەر» لىك كەسپلىرىنى تاللىغانلىقى توغرۇلۇق بولغان پاراڭلار بولدى. سورۇندىكىلەرنىڭ بەزىللىرى بۇ كەسپنى تاللىغان قىزلارنىڭ بەش يىللىق بىلىم ئېلىش ھاياتىنىڭ ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇلارغا سەرپ قىلغان پۇلىغا ئىچ ئاغرىتىشتى؛ بەزىللىرى قىزلار بۇنداق «سودىگەر» لىك ئۇزۇنغا قالماي بۇزۇلۇپ كېتىدىغانلىقى، پۇلنى دەپ ئەخلاقتىن چەتنەپ كېتىدىغانلىقىنى دېيىشتى؛ بەزىللىرى بولسا تېخىمۇ كەسكىن قىلىپ بۇنداق قىزلارنىڭ ياخشى قىزلار ئەمەسلىكىنى دېيىشتى؛ يەنە بەزىللىرى بولسا ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن كۈنىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، بەزى قىزلاردەك بەزمىخانىلاردا بەدىنى ئارقىلىق پۇل تېپىش يولىغا ماڭمىغانلىقىنىڭ ئۆزى ماختاشقا، ئىلھام بېرىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى دېيىشتى. ئىككى سائەتتەك تالاش-تارتىش قىلىشقان بولساقمۇ ئورتاق پىكىرگە كىلەلمىدۇق.
مېنىڭ خىزمەت ئورنۇم «شىياۋشىمېن» توپ تارقىتىش بازىرىغا يېقىن بولغاچقا، بۈگۈن چۈشلىك تاماقتىن كېيىن بىر كۆرۈپ كەلگۈم كەلدى. راست گەپنى ئېيتسام ئۈرۈمچىدە شۇنچە يىل تۇرغان بولساممۇ «شىياۋشىمېن» توپ تارقىتىش بازىرىغا بېرىپ باقماپتىكەنمەن. مەن بىرنەچچە بىنانى ئايلاندىم، كىيىم - كىچەك سېتىۋالىدىغان ھالەتتە ياش ئۇيغۇر قىزلارنى كۆرسەملا يېنىغا بېرىپ ئۇنى - بۇنى كۆرگەچ گەپ ئېلىپ باقتىم. ھەقىقەتەن بۇ بازاردىكى كۆپ قىسىم قىزلار ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگىنىگە بىر - ئىككى يىل ياكى ئۈچ - تۆت يىل بولغان قىزلاركەن. بىر قىسىملىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىمۇ، خېلى كۆپ ساندىكىللىرى بىر خىل خىجىل بولغاندەك قىلىپ گەپ قىلغىلى ئۇنۇمىدى.
سىز بۇ خىل ستۇدېنت «سودىگەر» قىزلارغا قانداق قارايسىز؟