<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
ئاساسىي تېما : «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» نى «خوش خەۋەرلەر» دەپ ئۆزگەرتسە قانداق؟ئاۋاتلىقى:478ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 52
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 60 نوقتا
پۇل : 600 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:33(سائەت)

 «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» نى «خوش خەۋەرلەر» دەپ ئۆزگەرتسە قانداق؟

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن ئىلگىرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2008-04-11)

    ئۇ بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى كۇلىغىمۇ بېرىپ قالىمەن. كۈندۈزى سىرىتنى چۆگىلەپ، كېچىسى يەنە شۇ تېلېۋىزورغا دۈم چۈشىدىغان گەپكەن. بايقىشىمچە ئۇ يەرنىڭ تېلېۋىزور قاناللىرى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ قاناللىرى خېلىلا پەرقلىنىدىكەن.

    گەرچە ئىچكىرىنىڭ تېلېۋىزورلىرىمۇ باشقا ئۆلكىنىڭ قاناللىرىنى تارتىيالىسىمۇ ئەمما يەنىلا ئۆز ئۆلكىسىنىڭ خەۋەر پروگراممىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز جايىنىڭ ۋەزىيىتى، ئەھۋالى خەۋەرلىرىگە بەكلا كۆڭۈل بولىدىكەن ھەم يېڭى - يېڭى خەۋەرلەرنى ئىگەللەپ تۇرالايدىكەن. بىر مەمۇرىينىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ 1 كوي پۇلنى ئارتۇق ئېلىۋالغىنىدىن تارتىپ قايسى مەكتەپنىڭ قانداق ماتىرىيالنى ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرىي ساتقىنىغا ئوخشاش، سىياسى خەۋەردىن باشقا خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت خەۋەرلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ خەلق قىزىقىدىغان، خەلققە ھەقىقى نەپ بېرىدىغان. خەۋەر داۋامىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۈگەنگىلى بولىدىغان خەۋەرلەرنى بېرىدىكەن.  شەھەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىلا ئەمەس، ئۆلكىلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ شۇنداق قىلىدىكەن. شۇڭا قىزىقىپ قالدىممۇ خەۋەردىن باشقا نەرسە كۆرمەيدىغان بولدۇم. يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ قاناللىرىنى كۆرۈپ باقساقلا بىلىسىلەر.

    ئەمدى بۇنى ئۆزىمىز بىلەن سېلىشتۇرايلى. بىز مۇشۇ تېلېۋىزور ئومۇملاشقاندىن كېيىنلا شىنجاڭ تېلېۋىزيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە قانىلىدىكى دىيارىمىزنىڭ خەۋەرلىرىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدىغان بىردىن بىر پروگرامما « شىنجاڭ خەۋەرلىرى » نى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇ پروگرامما سەل بۇرۇن تېتىغاندەك قىلاتتى. ئەمما نەچچە ئون يىل بولدى يەنىلا شۇنداق ئۇ بۇ يىغىن روھىنىڭ خوش خەۋەرلەر، يەنىلا شۇ چېچىنى كەينىگە تارايدىغانلارنىڭ گەپ سۆزلىرى، يەنىلا غەرىبنى ئېچىشتىكى غەلبىلەر، يەنىلا قوش تىللىق مائارىپنىڭ خوش خەۋەرلىرى، يەنىلا يېڭى كېيىم كەيدۈرۈپ قويۇپ سۆزلىتىۋاتقان دېھقانلارنىڭ خوش خەۋەرلىرى....يەنىلا شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن خوش خەۋەرلەرلا..، مۇشۇ بويىچە يەنە نەچچە ئون يىلمۇ شۇنداق خوش خەۋەرلەرنى توختىماي بېرىۋىدۇ.

شۇڭا دەيمەن، بۇ پروگراممىنى « شىنجاڭ خەۋەرلىرى » دىمەي « خوش خەۋەرلەر » ياكى، « شىنجاڭ خوش خەۋەرلىرى » دەپ ئالساق تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولاما؟ ھەم سىياسەتكىمۇ خىلاپ بولمايدىكەن.
[ مەزكۇر پۈتۈك بابۇر تەرىپىدىن 2008-04-08 10:37 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2008-04-08 01:14 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 34
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 36 نوقتا
پۇل : 360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:19(سائەت)

 

    بىرىنچى بولۇپ بۇ پىكىرنى مەن قوللايمەن. تاماكوكامنىڭ « يېڭى كېيىملەرنى كەيدۈرۈپ سۆزلىتىۋاتقان دېھقانلارنىڭ خوش خەۋەرلىرى » دىگەن گېپى بەك توغرا چىقىپتۇ. نەچچە قېتىم بۇ خوش خەۋەرلىرىنى كۆرسەم، ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ياكى توپىلىق ئۆيدە ئاپپاق دوپپا، قىرلىق كۆينەكلەرنى كىيىۋىلىپ يادلىۋالغان يېزا سىياسىتىنى ماختاۋاتقان دېھقانلارنى كۆرگەنتىم. 
( بۇنداق دىگىنىم ھەرگىزمۇ دېھقانلارنى چۈشەرگىنىدىم ئەمەس، ئەقىللىق تورداشلىرىم بۇنى چوقۇم چۈشىنىدۇ )
Posted: 2008-04-08 01:19 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 359
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 359 نوقتا
پۇل : 3590 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:49(سائەت)

 

          مەن  «  شىنجاڭ  خوش خەۋەرلىرى  » دېگەن ئاتالغۇدىن بەكمۇ سۆيۈندىم . شۇنداقراق بىر ئويلارنىڭ خېلى يىللاردىن بۇيان  كاللامغا كىرىۋېلىپ بىئارام قىلغىنىمۇ راست !~~~~~~~
Posted: 2008-04-08 03:39 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 11

پۈتۈك سانى: 826
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 848 نوقتا
پۇل : 8480 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:314(سائەت)

 

مەنغۇ بىرنەچچە قېتىم كۆرگەندىن كېيىن پەقەتلا كۆرمەسلا بولدۇم ئۇ بىرتەرەپكىلا ئېغىپ كەتكەن «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» نى~~~ خەلقنىڭ خۇشاللىقىنىلا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە يەتمىگەن بۇنداق پروگراممىنىڭ قانچىلىك چىنلىقى ۋە ئەمەلىي رولى بولاتتى~~~   بىزنىڭ ھازىرقى تېلىۋېزىيە قاناللىرى ئۆزىنىمۇ ئالداپ، خەلقنىمۇ ئالداپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىمۇ ئالداپلا ئۆتەۋاتىدۇ.
ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن.
Posted: 2008-04-08 17:12 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 32
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 32 نوقتا
پۇل : 320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:8(سائەت)

 << شىنجاڭ خوش خەۋەرلىرى >> نى كۆرۈش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى.

<< شىنجاڭ خەۋەرلىرى>> ئەسلى ھەممە شىنجاڭلىق تالىشىپ تۇرۇپ كۆرۈدىغان پروگرامما بولۇش كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر بۇ پروگراممىنى ئۈرۈمچىدىكىلەرلا ئەمەس، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستتىكىلەرمۇ كۆرمەيدىغان بولۇپتۇ. شۇ پروگراممىغا مەسئۇللارمۇ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق ئەلۋەتتە، ھەر ئايدا ئالىدىغان مائاشىدىن سىرىت، يۇقىرى ئېلان كىرىمىغا خوش بولۇپ ئىشلەۋىرىدۇ.

تېلېۋىزىيەدىكى مونوپوللۇق شۇنداق بولىدۇ.
Posted: 2008-04-08 17:32 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 58
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 58 نوقتا
پۇل : 580 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

«شىنجاڭ خوش خەۋەرلىرى»  دەڭلار.
Posted: 2008-04-09 14:58 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 674
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 674 نوقتا
پۇل : 6740 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:141(سائەت)

 

    تېما ئىگىسىگە بارىكاللا ، شىنجاڭدىكى مەتبۇئاتچىلىق ، ئاخباراتچىلىق ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ 
قىلغان ئىشتىمۇ  ھالال . ھارامنى ئايرىش !
Posted: 2008-04-09 16:21 | 6 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 10

پۈتۈك سانى: 398
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 418 نوقتا
پۇل : 4180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:162(سائەت)

 

ناپالىئون ئەزەلدىن فرانسىيىدە چىقىدىغان گېزىتلەرنى كۆرمەيدىكەندۇق، مەنمۇ شۇڭا ئۆزەمچە CCTV,XJTV  دېگەنلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرمەيمەن ...
ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ...
Posted: 2008-04-10 13:36 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 674
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 674 نوقتا
پۇل : 6740 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:141(سائەت)

 

ھاھاھا ناپالىيونغا قول قويىدىكەنسىزدە ھە 
قىلغان ئىشتىمۇ  ھالال . ھارامنى ئايرىش !
Posted: 2008-04-10 14:16 | 8 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 10

پۈتۈك سانى: 398
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 418 نوقتا
پۇل : 4180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:162(سائەت)

 

Quote:
8 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئائىشە نىڭ 2008-04-10 14:16 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ھاھاھا ناپالىيونغا قول قويىدىكەنسىزدە ھە 

ھەربىي جەھەتتە يامان گۇي-ئۇ !
ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ...
Posted: 2008-04-10 16:01 | 9 -قەۋەت
پۈتۈك خاتىرسى مۇنبەر تۈرى خاتىرسى
<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
باس باس مۇنبىرى >> ھەق گەپ ھەق سۆز

Basbas.CN © 2008
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation