رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە دۆلەت سىياسىتىنى بەلگىلەش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېكسپورت تىپىدىكى ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارغا قاراتقان يۆلەش سىياسىتى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشى، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشى، تېخنىكا يېڭىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇر مەركىزى قۇرۇپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ھەم چەت ئەل بازارلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇچۇر توپلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئېكسپورت تىپىدىكى كارخانىلارنى يۆلەيدۇ.