ئۆزبېكىستاندا پۈتۈن يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 300 كۈن بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئۆلچەپ ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى سەپلىمە ئېنېرگىيە ئومۇمىي مىقدارى 15 مىليارد توننا نېفىت ئېكۋىۋالېنت ئېغىرلىقتا ئىكەن. ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىرقى تېخنىكىسى بويىچە 179 مىليون توننا نېفىت ئېكۋىۋالېنت ئېغىرلىقىدىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئېرىشىلىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە ئېچىش مىقدارىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن ھەمدە كاربونات كىسلاتا گازى، سۇلفىدلار، ئازوت ئوكسىد ۋە باشقا مىكرو زەررىچىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 447 مىليون توننا ئازايتىدىكەن.