رۇسىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن دادۇرنىڭ ئېكسپورت تاموژنا بېجىنى يۇقىرى كۆتۈردى

0 2013-06-28 12:16:45   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      رۇسىيە ھۆكۈمىتى «دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش» تە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا تۈرلۈك ياغلىق زىرائەتلەرنىڭ ئېكسپورت تاموژنا بېجىنىڭ يېڭى نىسبىتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر قارارغا ئاساسلانغاندا، دادۇر ئېكسپورت تاموژنا بېجىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىرقەدەر چوڭ بولغان.
      بەلگىلىمە بويىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن كېيىن. دادۇرنىڭ ئېكسپورت تاموژنا بېجى (قازاقىستان بىلەن بېلورۇسسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىسبىتى %20 بولغان، لېكىن ھەر توننىسىدىن ئېلىنىدىغان باج سوممىسى 35 ياۋرودىن تۆۋەن بولمىغان. دادۇرنىڭ تەڭشىلىشتىن بۇرۇنقى ئېكسپورت تاموژنا بېجى %5 بولۇپ، ھەر توننىسىدىن ئېلىنىدىغان باج سوممىسى 8.5 ياۋرودىن تۆۋەن بولمىغانىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر