ئۆزبېكىستان 2016- يىلىدىن ئىلگىرى ئوپتىك تالانى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش تۈرىنى تاماملايدۇ

0 2013-06-24 13:00:07   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك خەۋەرلىشىش شىركىتى پايتەخت تاشكەنتتە «ئوپتىك تالانى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش» تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پىلانلىدى. پىلان بويىچە ئوپتىك تالا 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە پۈتۈن شەھەرنى قاپلايدىكەن، مەبلەغ سېلىنمىسى1001 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بۇ تۈرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى تاشكەنت ئابونتلىرىنى زامانىۋى رەقەملىك خەۋەرلىشىش، رەقەملىك تېلېۋىزور، تور كەڭ بەلۋېغى قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىدۇ ھەمدە ئالاھىدە ئابونتلارنى پەۋقۇلئاددە مۇلازىمەت (مەسىلەن تور تېلېۋىزىيەسى، تور تېلېۋىزىيە بىۋاسىتە كۆرسىتىشى قاتارلىقلار) بىلەن تەمىنلەيدۇ.
      ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك خەۋەرلىشىش شىركىتى يەنە 2012-2015- يىللىرى 51 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ كەڭ بەلۋاغ سىغىمچانلىقىنى چوڭايتىپ، كەڭ بەلۋاغ ئابونتلىرىنىڭ سانىنى 6 ھەسسە كۆپەيتىپ 600 مىڭغا يەتكۈزىدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەت تاشكەنت شەھىرىدە 1475 كىلومېتىر ئوپتىك تالا خەۋەرلىشىش سىمىنى تارتقان بولۇپ، 1375 ئائىلىگىچە تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ ئومۇمىي ئائىلە سانىنىڭ %15 ىنى ئىگىلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2012 - يىلى پۈتۈن بىر يىلدا 1800 كىلومېتىر ئوپتىك تالا خەۋەرلىشىش سىمى تارتىلىپ، سىم تارتىلغان ئائىلىدىن 1709 ى كۆپەيتىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر