تاجىكىستاندا ئۇن باھاسى ئۆستى

0 2013-06-21 10:37:41   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      نۆۋەتتە، تاجىكىستاندا 50 كىلوگىراملىق بىر خالتا ئۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان 150 سومنى (تەخمىنەن 33 ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) غا ئۆرلىگەن بولۇپ، ياز پەسلىدىكىدىن 85 سومنى (تەخمىنەن 212 ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) يۇقىرىلىغان.
      بىر بۇغداي تەمىنات شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مۇنداق دېدى: «2012 - يىلى قازاقىستاننىڭ بۇغداي ھوسۇلى 13 مىليون توننىغا يەتتى، ھالبۇكى 2011 - يىلى 27 مىليون توننا بولغانىدى. ھازىر تاجىكىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قازاقىستان بىردىنبىر بۇغداي ئىمپورت دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، قازاقىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئارىلىقى ئەڭ يېقىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستاننىڭ بۇغداي سۈپىتىمۇ يامان ئەمەس، شۇڭا تاجىكىستان يېڭىدىن بۇغداي ئىمپورت مەنبەسىنى ئىزدەش توغرىسىدا ھازىرچە ئويلانغىنى يوق». ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قورقۇنچلۇق ئەمەسكەن، ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئۇننىڭ قىس بولۇشىكەن. ئەمما ئۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، تاجىكىستاندا ئۇن قىس بولمايدۇ، ئىنتايىن تېزلا يېڭى تەمىنات مەنبەسى بولىدۇ، ئەمما باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. قازاقىستان سودا بېرژىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇغداي باھاسى ئايمۇ - ئاي ئۆرلەۋېتىپتۇ.
      تاجىكىستان تاموژنا تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2012 - يىلى دەسلەپكى 8 ئايدا تاجىكىستان470مىڭ توننا بۇغداي ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ھەر توننىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 217 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 1102 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 249 مىڭ 800 توننا ئارتقان. بۇندىن باشقا، يەنە 232 مىڭ200002 توننا ئۇن ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ھەر توننىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 358 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر